ئالىملار تاشيولدىكى قاتناشقا قاراپ ئۆزلىكىدىن يانىدىغان يول چىرىقى كەشىپ قىلدى |
چوڭ شەھەرلەردە يول چىرىقى كېچە قاتناش بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق بەزى چەت يول بۆلەكلىرىدە يول چىرىقى ياندۇرۇپ قويۇش ئېنېرگىيەنىڭ زور دەرىجىدە خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئەنگلىيە «ئاۋام پەن-تېخنىكىسى»نىڭ 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خىل قاتناشقا ئاساسەن ئۆزلىكىدىن يانىدىغان يول چىرىقى سىستېمىسى ھىندونىزىيەدە بارلىققا كەلدى. بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق چىراق يورۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن يەنە توكنى تىجەيدىكەن. بۇ خىل «ئىنكاسلىق يول چىرىقى سىستېمىسى» ھىندونىزىيە ۋەنلوڭ تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ياسىلىپ چىقتى. ئۇنىڭغا سىن ئالغۇ ئورنىتىلغان بولۇپ، يول چىرىقى ۋە مىكرو كومپىيۇتىردىن تەشكىل تاپقان. سىن ئالغۇ كېلىۋاتقان ماشىنىغا قارىتا «تونۇش»ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىن يانىدىكەن. بىراق ماشىنا سۈرئىتى ئاشسا بۇ سىستېمىنىڭ تونۇشى شۇنچە تۆۋەنلەيدىكەن. يەنە سىزىمچانلىقى، پىيادە ماڭغان ۋە ۋېلىسىپىتنى تونۇش شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان ھاۋارايىدىكى ئىنكاسى قاتارلىقلارغا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزش كېرەككەن.قانداقلا بولمىسۇن بۇ سىستېما يولنى يورۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بېسىلغان ئەڭ ياخشى قەدەم . ئەگەر مۇۋەپىقىيەتلىك بولسا قاتناش تارماقلىرىنىڭ غايەت زور چىقىمىنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-11 17:12:18 ئۇقۇلۇشى: 370 قېتىم] |
|