شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەرلەر ئاق ئۇزۇن يەكتەك ياكى نىمىچە كىيىشىدۇ، ئاياللار بولسا قارا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ خىل كۆينىكى ئۇلارنىڭ پۇتىغا چۈشىدۇ، بۇ خىل كۆينەكتىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنىڭ ئۇچى ئاران كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار يۈزىگە چۈمبەل ئارتىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەقەت بىر جۈپ كۆزلىرىلا ئۇچۇق قويۇلىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاياللار قەتئىي ھالدا باشقىلار بىلەن سۆزلەشمەيدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن رەڭگارەڭ ئاياللار جەمئىيىتىمۇ تولىمۇ خالىي ياشايدۇ. شۇڭلاشقا، ئەرەب ئاياللىرى تېخىمۇ گۈزەل ھەمدە تېخىمۇ سىرلىق بىلىنىدۇ.
ئەرەب ئاياللىرى ئادەتتە خىزمەت قىلمايدۇ، ئۇلار ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قىز چوڭ قىلىشتىكى نىشانى ياخشى ئەرگە ياتلىق قىلىش. تويدىن كېيىن، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھامىيلىقىدا بولىدۇ. ئادەتتە، دوختۇرخانا، پوچتىخانا، تېلېگراف ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلاردا ئاياللار ئۆچىرەت ساقلاپ قالمايدۇ. چەتئەللىك ئاياللارمۇ بۇ خىل تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئەگەر ئاياللار مەلۇم ئەرنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن سۆز، ھەرىكەتلەردە غەيرىي ئەھۋاللىرىنى بايقاپ قالسا، ئۇلار دەرھال دىنىي ساقچىلارنى ياردەمگە چاقىرىدىكەن. ھەتتا ئەرلەر ئاياللارنىڭ رەسىمىنى تارتىۋالسىمۇ، ساقچىلار كېلىپ رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۋەتكۈزىدىكەن.
ئەرەب دۆلەتلىرىدە مۇنداق بەش تۈرلۈك ئىش قاتتىق چەكلىنىدۇ: 1) شەھۋانىيلىق چەكلىنىدۇ. 2) ھاراقكەشلىك چەكلىنىدۇ. 3) قىمار ئويناش چەكلىنىدۇ. 4) كارا OK چەكلىنىدۇ. 5) تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش چەكلىنىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلىتى خەلقلىرىنىڭ تەمىناتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھۆكۈمەت ھەر ئايدا كىشى بېشىغا جۇڭگو پۇلىغا سۇندۇرغاندا 4000 يۈەن تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. توي قىلىش راسخوتىغا 100 مىڭ يۈەن، بالا تۇغۇش تولۇقلىمىسىغا 50 مىڭ يۈەن بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 1-18 ياشقىچە بولغان بالىلارغا تەربىيىلەش راسخوتى بېرىدۇ. ئاتا-ئانىلار باللىرىنى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇتۇش، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىدا قەتئىي پۇل خەجلىمەيدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى يەتتە خەلىپىلىك پۇقرالىرىنىڭ پاراۋانلىقى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تەمىناتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئابۇزايى خەلىپىلىكى تارقىتىدۇ.
ئەرەب پۇقرالىرىنىڭ كارا OK ياكى كىچىك بەزمىخانىلارغا بېرىشى، ھەرقانداق تاماق سورۇنىدا ھاراق ئىچىشى قاتارلىقلار قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قاتتىق جازالىنىدۇ. ئەگەر تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بېرىپ قالسا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق باش جىنايەتچى ئەر تەرەپ بولسا، ئىلگىرى بىردەك ئۆلتۈرۈلەتتى. ئەمما ھازىر تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئەگەر ئەرەب ئاياللىرى چەتئەللىك ئەرلەرگە تەگسە، ئۇنداقتا ھۆكۈمەت ئۇلارغا بېرىلىدىغان تەمىناتلارنى بىردەك توختىتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئەرەب ئاياللىرىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇندۇر.
گەرچە قانۇندا ئەرەب ئەرلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت خوتۇن ئالسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئەرلەر تۆت خوتۇن ئالالمايدۇ. چۈنكى ئەرلەر تۆتىنچى خوتۇننى ئەمىرىگە ئالماقچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ قالغان ئۈچ خوتۇنى ئىمزا قويۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇشى شەرت. ئەگەر بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرى قوشۇلماي قالسا، ئۇنداقتا ئۇ توي ۋۇجۇدقا چىقمايدىكەن.