ئامېرىكا ئارمىيىسى پاكىستاندا تالىباننىڭ بىر كاتتىبېشىنى پارتىلىتىۋەتتى |
(ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى)
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
پاكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 6-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى تالىبان تەشكىلاتىنىڭ سەيفۇللا ئىسىملىك بىر كاتتىبىشى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 4 باشقۇرۇلدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ يوشۇرۇلغان ئورنىنى بومباردىمان قىلغان، بۇنىڭدا جەمئىي 6 كىشى ئۆلگەن يەنە 5 كىشى يارىلانغان. سەيفۇللا بۇيىل 50 ياش، ئۇ بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبىشى بىن لادىننىڭ مۇھىم ھىمايىچىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-9 10:48:56 ئۇقۇلۇشى: 276 قېتىم] |
|