كورىيە ئېغىر قارا يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچىرىدى |
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 11-ئىيۇل يوللىغان تېلگىراممىسى:
كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، كورىيىنىڭ جەنۇبى قىسىمى، داتىيەن ۋە جۇڭنەن رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە قاتتىق يامغۇر ياغقان. 10-ئىيۇلغا كەلگەندە بۇ يامغۇردا 8 ئادەم قازا قىلىپ، 4 ئادەم يۇقاپ كەتكەن. نەچچە ئون مىڭ گېكتار ئېتىزلىقنى سۇ بېسىپ كەتكەن. ئىگىلىشىمىزچە، 10-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، يامغۇر بەلۋىغىنىڭ شىمالغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، كورىيە قارا يامغۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى تارقىتىلغان رايون كورىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغا كېڭەيگەن. ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يامغۇرنىڭ مىقدارى 250 مىللىمېتىر بولغان. ئاپەت تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇ كۈنى كورىيىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 90 دومدىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆي چۆكۈپ كەتكەن. 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان. داگۇدىكى بىر چوشقا فىرمىسى چۆكۈپ كىتىپ، 200 دىن ئارتۇق چوشقا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، 9-ئيۇل داگۇدا ياغقان يامغۇرنىڭ مىقدارى 168 مىللىمېتىر بولۇپ، 1998-يىلى 9-ئايدىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كورىيىنىڭ جەنۇبى قىسىم رايونلىرىدا يەنە لاتقا شېغىللىق ئېقىن بولۇپ، نەچچە ئون مىڭ گېكتار ئېتىزلىقنى سۇ بېسىپ كەتكەن. بۇنىدىن باشقا، كورىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا لاتقا شېغىللىق ئېقىن بولۇپ، يوللار توسۇلۇپ قېلىپ، قاتناش توختاپ قالغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-7-11 17:40:53 ئۇقۇلۇشى: 356 قېتىم] |
|