ئۈرۈمچىدە كوچىغا تۈكۈرۈپ سالماڭ، بولمىسا جەرىمانە تۆلەيسىز |
جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم جامائەت پاراۋانلىقى شەھەر مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش خادىملىرىغا شەھەر مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان جەرىمانە قويۇشنى ھاۋالە قىلغان. 10 دىن ئارتۇق تازىلىق نازارەتچىلىرى بۇ خىل قىلمىشلار يەنى خالىغان جايغا تۈكۈرۈش ۋە سىيىش، مەينەت سۇلارنى تۆكۈش ، مېۋە شۆپۈكلىرى، ئەسكى قەغەز ۋە تاماكا قالدۇقى قاتارلىقلارنى تاشلىغان قىلمىشنى بايقىغان بۇلارنى سادىر قىلغۇچىلارغا 10-50 گىچە جەرىمانە قويسا بولىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تازىلىق نازارەتچى خادىملىرىنىڭ ھەممىسى كەسپىي تەربىيىلەپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئىشقا ئورنىغا تەقسىم قىلىنغانىكەن. بۇلارنىڭ جەرىمانە قويۇش دائىرىسى تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى، شۇيموگۇ رايونىدىكى ئاساسلىق غول يوللارنى ھەمدە ھەرقايسى تازىلىقنى قوغداش بەلگىلەنگەن جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، جامائەت پاراۋانلىقى تازىلىق خادىملىرى مەزكۇر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا خىزمەت كىنىشكىسى تاقايدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ مەزكۇر خىزمەتنى ئادا قىلغۇچى خادىم ئىكەنلىكىگە ئىسپات بولالايدىغان ئىسىم-فامىلىسى، رەسىمى، ھوقۇق چېكى، يول بۆلىكى، ۋەزىپىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن. «ئۈرۈمچى شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي ئۇنىۋېرسال قانۇننى ئىجرا قىلىش چارىسى» دىكى ئالاقىدار قانۇنىي-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار بولسا ئۇنى ئۆز ئۆز ۋاقتىدا شۇ جايدىكى مەمۇرىي ئۇنىۋېرسال قانۇننى ئىجرا قىلىش خادىملىرىغا ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ، بېرىشى ھەرگىزمۇ ئۆز ھوقۇق-دائىرىسىدىن ھالقىغان ھالدا بىر تەرەپ قىلماسلىق كېرەك. تازىلىق نازارەتچى خادىملىرى نەق مەيداندا جەرىمانە قويغان ۋاقىتتا، قارشى تەرەپكە جەزمەن ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش تارقاتقان جەرىمانە تالونىنى بېرىشىشى كېرەك ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-28 13:45:53 ئۇقۇلۇشى: 263 قېتىم] |
|