بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كازافىنىڭ ئايالىنىڭ چەتئەلدىكى ھېساباتىنى توڭلىتىشنى قارار قىلدى |
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، غەرب دۆلەتلىرى دېپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ 27-ئىيۇندىكى باياناتىدا ئاشكارىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيەنى جازالاش كوممېتىتى لىۋىيە رەھبىرى كازافىنىڭ ئايالىنىڭ لىۋىيەدىن ئايرىلىشىنى چەكلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ھېساباتىنى توڭلىتىۋەتكەن. كوممېتىت شۇجىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، لىۋىيەنى جازالاش كوممېتىتى ئىككى ئادەمگە قارىتا دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى چەكلەش ۋە ھېساباتىنى توڭلىتىش قارارىنى چىقارغان. ئېنىقلىنىشىچە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ بىرى كازافىنىڭ ئايالى سوفىيە ۋە لىۋىيە پىلان ۋە مالىيە مىنىستىرى Zlitni ئىكەن. كوممېتىت يەنە Zueitina نېفىت شىركىتىنىڭمۇ مالىيە ھېساباتىنى توڭلىتىۋەتكەن. كازافى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-29 12:29:14 ئۇقۇلۇشى: 88 قېتىم] |
|