ۋېن جياباۋ ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى |
شىنخۇا تورى لوندۇن 27-ئىيۇن تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 27-ئىيۇن ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ۋېن جياباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ، خەلقئارا ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ، لېكىن جۇڭگو- ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك توقۇنۇش مەۋجۇت ئەمەس ، دۇنيادىكى تەسىرى مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، جۇڭگو–ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتىنى قوغدىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك ، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك .
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندە ، ۋېن جياباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو-ئەنگىلىيە ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ ، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشى ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك .
ۋېن جياباۋ مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى : ئىككى تەرەپ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىپ ، 2015-يىلىغا بارغاندا ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نىشانغا يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ؛ ئىككى تەرەپ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، چوڭ تۈرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ؛ جۇڭگو-ئەنگىلىيە ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇنبىرىنى قۇرۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش ؛ ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ مەخسۇس فوند قۇرۇپ ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى ۋە بىرلەشمە تەجرىبەخانا قۇرۇپ ، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك . جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى كەسىپلىرىنى كېڭەيتىشىنى قوللايدۇ . ئىككى تەرەپ يەنە مائارىپ ، مەدەنىيەت ، ياشلار، تارقىتىش ۋاستىلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك .
كامىرون مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئەنگىلىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئەنگىلىيەگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى ، ئەنگىلىيە جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە سۆھبەت ۋە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ .
كامىرون ۋېن جياباۋنىڭ جۇڭگو-ئەنگىلىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، ئىككى تەرەپنىڭ بازارنى كېڭەيتىپ ، سودا مەبلىغنى زورايتىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ، ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەمراھلار بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلدى . ئەنگىلىيە تەرەپ يەنە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا ، ئىككى تەرەپ باشلىقلىرى ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-28 13:49:58 ئۇقۇلۇشى: 266 قېتىم] |
|