چۇڭچىڭلىق بىر كىشىگە تەنتەربىيە لاتارىيەسىدىن 176 مىليۇن 900 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققان. ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ بۇ مۇكاپات تېخى تۈنۈگۈن كەچتە چىققان. بۇ كىشى جياڭبېي رايۇنى 02818 نومۇرلۇق تەنتەربىيە لاتارىيەسى سېتىش نوقتىسىدا 11074 -نۆۋەتلىك قانغۇچە شادلىنىش (大乐透) مۇكاپاتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 176 مىليۇن 900 مىڭ يۈەن بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مۇكاپات يەنە جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسىنىڭ ئەڭ يوقىرى مۇكاپات سوممىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
مۇكاپات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇكاپات چىققان نومۇر «07، 16، 23، 28، 31 +03، 06» بولغان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 25 دانە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 21 دانىسى چۇڭچىڭلىق لاتارىيە ھەۋەسكارىغا چىققان.