26-ئىيۇن،34 دۆلەتتىن كەلگەن 150 نەچچە پىيادە مېڭىش ھەۋسكارى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى ئاقسۇ يېزىسىدىن يولغا چىقتى،شۇنىڭ بىلەن داۋانچىڭ رايونى ئويۇشتۇرغان تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى ھېس قىلىش پىيادە مېڭىش بايرىمى باشلاندى،ئۇلار يەتتە كۈن داۋامىدا تەڭرىتاغدىن ھالقىپ،قارلىق تاغ،قۇملۇق،چۆل-باياۋان قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.ئېگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق سەپەر 7-ئاينىڭ2-كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.