ئافرىقىدىكى ئادەمخور تىمساھ دۆلىتىمىزدە پەيدا بولۇپ قالدى |
6-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۇزۇنلۇقى 1.38 مېتىر، ئېغىرلىقى 9 كىلوگرام كېلىدىغان تىمساھ سۇدا ياتماقتا. بۇ تىمساھنى چۇڭچىڭلىق بېلىقچىلار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ چوڭچىڭ بۆلىكىدىن تۇتىۋالغان، بۇ تىمساھ نىل تىمساھى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئادەمخور تىمساھ دىيىشىدۇ، بۇ يەردە ياشىمايدىغان بو تىمساھنىڭ بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قېلىشى، نۇرغۇن بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. چۇڭچىڭ تىمساھ مەركىزىدىكى خۇاڭ مۇدىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يوقىرى ئېقىنىدا ئەسلى تىمساھ ياشىمايدۇ، ياڭزىجياڭ تىمساھىمۇ پەقەت ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىمدىلا ياشايدۇ، شۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ تىمساھ سىرتتىن كەلگەن. بۇ نېل تىمساھىنى كىشىلەر باققان بولسا قېچىپ كەتكەنمۇ، ياكى توشۇش جەريانىدا قېچىپ كەتكەنمۇ تېخى ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-21 11:28:31 ئۇقۇلۇشى: 190 قېتىم] |
|