خەلق تورى خەۋىرى،ئەنخۇي ئۆلكىلىك يەرتەۋەر ئىستانسى تورىنىڭ ئۆلىچىشىچە،2011-يىلى6-ئاينىڭ17-كۈنى سائەت10دىن 22مىنۇت 41 سىكۇنت ئۆتكەندە،تۇڭچىڭ شەھىرى شىندۇ بازىرى لاۋمېي تەۋەسىدە 3.7بال يەر تەۋرىگەن،تەۋرەش چوڭقۇرلىقى13 كىلومېتىر بولغان.
بۇ قېتىمقى تەۋرەش تۇڭچىڭ،ئەنچىڭ،خۇەينىڭ،چىيەنشەن،شۇچىڭ،خېفيلاردا ئېنىق بولغان.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن تۇڭچىڭ شەھىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش جىددىي خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان بولۇپ نۆۋەتتە ھازىرغىچە ئۆلۈش يارلىنىش،مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.