ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆكتات ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەربىيلەش سىنىپى ئالدىنقى كۈنى خېبىي ئۆلكىسى چېڭدې شەھىرىدە دەرىس باشلىدى، تايلاند، مالايسىيا، ھىندېنوزىيە، فېلىپپىن، بىرما قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىققا مەسئۇل ئەمەلدارى كۆكتات ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش توغۇرلۇق بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيلەشنى چېڭدې شەھىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى چەتئەللەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش، يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى خەلقئارالىق ھەمكارلىق مەھكىمىسىگە ئاسىيا رايۇنى ھەمكارلىق تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىكەن. تەربىيلەش ۋاقتى 10 كۈنى بولۇپ، دەرىسلەرنى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا-ئىگىلىك مۇتەخەسىسلىرى سۆزلەيدىكەن.