بېيجىڭ-شاڭخەي يوقىرى سۈرئەتلىك پويىزى ئايرۇپىلاندىن قېلىشمايدۇ! |
بېيجىڭ-شاڭخەي يوقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىش باشلىغان بولۇپ، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ ئاخىرقى بېكەت شاڭخەي ھەسەن-ھۈسەن كۆۋرۈكى ۋوگزالىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 1318 كىلومېتىر، 220 مىليارد 900 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. ئۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن شاڭخەي بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى بېرىپ كېلىش ۋاقتىنى بەش سائەت قىسقارتىدۇ. پۈتۈن لېنىيە بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق ئۈچ چوڭ بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، خېبېي، شەندوڭ، ئەنخۇي، جياڭسۇ قاتارلىق تۆت ئۆلكىنى كېسىپ ئۈتىدۇ. بۇ جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بىر قېتىمدىلا ياساش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان، مەبلەغ ئەڭ كۆپ سېلىنغان، ئۆلچىمى ئەڭ يوقىرى بولغان يوقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى رېلىس ياتقۇزۇلۇپ بولۇنغان. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى سىناپ يول يۈرۈشكە باشلىغان. 6-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلىتىمىز مۇتەخەسىسلىرى، بېيجىڭ-شاڭخەي يوقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، رەسىمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈش شارائىتىنى ھازىرلىدى، دەپ كۆرسەتكەن. 9-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە پۈتۈن لېنىيە بويىچە سىناق يول يۈرىدۇ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسىمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
فىلىمدە پويىز قوزغىلىپ تەخمىنەن 6 مىنۇتتىن كىيىن پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 300 كىلومېتىرغا يەتكەن. پويىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 290 كىلومېتىردىن، 300 كىلومېتىرغىچە بولغان، لىكىن پويىز يەنىلا ناھايىتى مۇقىم بولۇپ، ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان ئىستاكاندىكى سۇ ۋە تۇخۇممۇ ئاساسەن تېنچ ھالەتتە تۇرغان. پويىزدا ئۆرە تۇرسىمۇ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققانغا ئوخشاش تۇتقۇچنى تۇتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-19 13:13:48 ئۇقۇلۇشى: 149 قېتىم] |
|