تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 12-مارت، مۇھەممەت ئىبىراھىم مەمتىمىن (سولدىن بىرىنچى)، سۇلتان جايناق (ئوڭدىن ئىككىنچى)، نابلاشاھ خۇجاخۇن (ئوڭدىن بىرىنچى)، ياسىن تۇرسۇن (ئوڭدىن ئىككىنچى)لار جايلاشقان ياتاقلىرىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. بۇ تۆت نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئاساسەن ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت كومىتېتى مۇدىرى بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك بۇ «ئىككى يىغىن»دا دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىزمەت ۋە يىغىن تەسراتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
تۆت ۋەكىل پىكىر ئالماشتۇرماقتا
12-مارت، ئاپتونوم رايونىمىزدىن كېلىپ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار ئۆزلىرى جايلاشقان مېھمانسارايدا مەخسۇس «ئىككى يىغىن» تېمىسىدىكى پوچتا ماركىلىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
12-مارت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فۇ چۈنلېي دەم ئېلىش كۈنىدە بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەچ، ئۇلار بىلەن قىزغىن مۇڭداشتى.
12-مارت، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى كىيىم-كېچەك سېتىش نۇقتىسىدىن كىيىم تاللىماقتا. گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئاياللارنىڭ تۇغما خاراكتېرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىككى يىغىنغا كەلگەن گۈزەل ھەم جەزبىدار ئايال ۋەكىللەر يىغىن مەزگىلىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.