يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە قايتتى
  • شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى پائالىيەتلىرىگە نەزەر
  • شىنجاڭلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئىككى يىغىن خاتىرىسى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈرلۈك قارارمىلارنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلدى
  • ۋەكىللەر دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى
  • سۈرەت ئىچىدە سۈرەت تېمىسىدا «ئىككى يىغىن» خاتىرىلىرى
  • سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى ئۈچىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
  • يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەير–ساخاۋەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئاممىغا «ئىككى يىغىن» خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇردى
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلدى: ھەر بىر ۋەكىل بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەي
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەدىيە قىلغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيدى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ داۋاملىق قاراپ چىقتى ۋە تەكشۈردى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەير–ساخاۋەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى

    مەنبە :uzunyol.cn       يوللىغۇچى : مۇبەششر       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-12

    12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 11 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، خەير – ساخاۋەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە داۋاملىق قاراپ چىقتى ۋە ئۇنى تەكشۈردى.

    ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن قاراپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى، جەمئىيەتنىڭ ئىئانە سوممىسى 2006 – يىلىدىكى 10 مىليارد يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 100 مىليارد يۈەن ئەتراپىغا يەتتى. خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەير – ساخاۋەت ساھەسىدىمۇ بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى ئايلىنىشى قېلىپلاشماسلىق، ساھە تەلەپچانلىقى مېخانىزمى شەكىللەنمەسلىك، جەمئىيەتنىڭ خەير – ساخاۋەت كەيپىياتى ئانچە كۈچلۈك بولماسلىقتەك يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلدى. بۇلارنى قانۇن تۈزۈش ئارقىلىق يەنىمۇ يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. 2008 – يىلىدىن بۇيان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن جەمئىي 800 دىن ئارتۇق ئادەم/قېتىم خەير – ساخاۋەت قانۇنىنى تۈزۈش توغرىسىدا 27 تەكلىپ، 29 پىكىر بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

    ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: خەير – ساخاۋەت قانۇنى ئىجتىمائىي ساھەدىكى مۇھىم قانۇن، خەير – ساخاۋەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال قانۇن. خەير – ساخاۋەت قانۇنىنى تۈزۈشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەير – ساخاۋەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارغا ياردەم بېرىش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ تۈزۈمنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش؛ مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا قېلىپلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. خەير – ساخاۋەت قانۇنىنىڭ تەڭشەش دائىرىسى، تەشكىلىي قائىدىسى، خەير – ساخاۋەت ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ۋە ئىئانە قىلىش، خەير – ساخاۋەت ھاۋالىسى، خەير – ساخاۋەت بايلىقى، خەير – ساخاۋەت مۇلازىمىتى، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇنىي ماددىلارنى تۈزۈش ھەم قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى توغرىسىدا ماس بەلگىلىمە تۈزۈش، خەير – ساخاۋەت قانۇنىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

    ۋەكىل شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ھەر قايسى جەھەتلەردە كۆپ يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ پاراۋانلىق ئىشلىرى ئىئانە قانۇنى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قانۇنى قاتارلىق خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى تۈزدى، گوۋۇيۈەن ماس ھالدىكى مەمۇرىي قائىدە – نىزاملارنى تۈزدى، بەزى جايلار مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار نىزاملارنى تۈزۈپ يولغا قويدى. لېكىن يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھازىر خەير – ساخاۋەت قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشى يەنىلا ئارقىدا بولۇپ، مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق ئەمەس. خەير – ساخاۋەت قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەير – ساخاۋەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، جەمئىيەتتىكى يۆلەش بايلىقىنى كەڭ دائىرىدە توپلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ۋەكىل گو ليەنشەن مۇنداق دېدى: خەير – ساخاۋەت قانۇنىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل، گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇشىدۇر. خەير – ساخاۋەت قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەشۋىقات سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىپ، جەمئىيەتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك دوستلۇق ۋە ئىناقلىق روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ خالىس ساخاۋىتى ئارقىلىق ئەخلاق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى ئەبەدىي مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ۋەكىل مۇتەللىپ ئوبۇل مۇنداق دېدى: دۆلەت بۇ بىر قانچە يىلدا ئالاقىدار ساھەلەردىكى قانۇن – نىزاملارنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، قانۇننىڭ ئادىللىقىنى، مۇقىملىقنى قوغداش، قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش خىزمىتىدە كۈچلۈك قانۇنىي تىرەك بولۇشى كېرەك. مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش قانۇنىنى تېزلىكتە تۈزۈپ يولغا قويۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇشتىكى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››نى تۇتاشتۇرۇشنى؛ قانۇن – نىزام خاراكتېرلىك تۈزۈمنى تۈزۈپ، خەلق زاسېداتېللىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سوت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش، خەلق ئەدلىيە پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىشنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    ۋەكىل مەردان مۇقىيىت مۇنداق دېدى: خەير – ساخاۋەت ئىئانىسى توپلاشتا ئۇچۇر ئاشكارا بولماسلىق، ئېنىق بولماسلىق سەۋەبىدىن بىر قاتار ۋەقەلەر كېلىپ چىقىپ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئېتىراپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزدى. خەير – ساخاۋەت قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە يېتەكلەش، ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى ھەقىقىي ئاشكارىلاپ، ئاممىنى خاتىرجەم ئىئانە قىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    يەنە بەزى ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى چۆرىدەپ نۇرغۇن تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈشتە شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، دۇڭ شىنگۇاڭ، جارۇللا ھېسامىدىن، نىشان ئىبراھىم، لى جيەنگو، شېن يەن، ئېزىز مۇسا، شى جيەنيۇڭ، ليۇ شىنشېڭ، خۇاڭ رۇڭ، خې خۇيشىڭ، خالىدە ئابدۇقادىر، فۇ چۈنلى، شى ۋېنخەي، مۇختەبەر سادىق قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى.

    ئەسلى مەنبە: http://uzunyol.cn/home/News-View-Topic.aspx?id=11611&topic_id=35 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز