يۈ جېڭشېڭ يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشماقتا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 11 – مارت 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
يۈ جېڭشېڭ يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر يىغىن قارالمىلىرىنى چۆرىدەپ كەڭ – كۇشادە پىكىر بايان قىلىشتى. يۈ جېڭشېڭ لى جىخېڭ، چېن خاۋ، جاۋ لىشيۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يولداش جاڭ دېجياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تولۇق ياقلايمەن. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە يۈننەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى. يۈننەننىڭ مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇشىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈننەن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا ئۆلكە، شۇڭا مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق››، ‹‹بەشنى تونۇش››ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئارا بېرىش – كېلىش، ئالاقە ۋە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشدەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى كېرەك. نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش، نامراتلىقتىن تۈجۈپىلەپ قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نوپۇسى ئاز مىللەت، ‹‹قۇللۇق جەمئىيەتتىن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە بىۋاسىتە ئۆتكەن مىللەت››لەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تاغلىق رايوندىن چىقىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.
ۋاڭ چىشەن گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشماقتا
ۋاڭ چىشەن گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋاڭ چىشەن چېن مىنئېر، سۈن جىگاڭ، خۇا چۈەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پارتىيەنىڭ غايە،ئېتىقادى ۋە ئاساسىي مەقسىتى بەلگىلىگەن. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەممىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممىدىن بەك ئەندىشە قىلىدىغان ئىش، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن دەبدەبىلىك ۋەدىسى. بىردەك بولۇش دېگەنلىك پارتىيە نىزامنامىسى ۋە قائىدىسىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىگە ئاساسەن، پەرقنى تېپىپ چىقىشنى، مەركەزنىڭ روھىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە زىچ باغلىغان ئاساستا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر چارە تېپىشنى كۆرسىتىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىنى ئويلىشى، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشى ۋە تەشكىللىشىگە تايىنىش ئاچقۇچ. ئىلمىي روھ تۇرغۇزۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، مەركەزنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى نامرات ئامما ئارىسىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى ئادەمنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا. نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەشتە مەبلەغ ياردىمى بولۇش ھەم پەن – تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار مەدىتى بولۇش، ھەم قان بېرىش، ھەم قان ئىشلەش، ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، نازارەت بولۇش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش، ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى تۈزەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىگە كۆز تىككۈچىلەرگە قەتئىي رەھىم قىلماسلىق، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ساختا مەلۇم قىلىپ ئېلىۋالغان، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە توغرىلاپ بەرگەن، خىيانەتچىلىك قىلغان ھەم يۆتكەپ ئىشلەتكەنلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
جاڭ گاۋلى شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشماقتا
جاڭ گاۋلى شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ جاۋ جېڭيۇڭ، لوۋ چىنجيەن، ۋاڭ شۇگو قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىل ۋە ‹‹12 – بەش يىل››مەزگىلىدە، شەنشى ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شەنشىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹بەش پۇختا بولۇش››تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى، تىرىشىپ شەنشىنىڭ يېتىشىۋېلىش، ھالقىش يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشىنى؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئېگىزلىكنى تېز قۇرۇپ چىقىشىنى؛ تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ سەۋىيەسىنى تەڭشەش، سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى؛ ئىلمىي پىلانلاش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشىنى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەنشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى جەنشۇ، ياڭ جىڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.
ئەسلى مەنبە: http://uzunyol.cn/home/News-View-Topic.aspx?id=11610&topic_id=35