يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە قايتتى
  • شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى پائالىيەتلىرىگە نەزەر
  • شىنجاڭلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئىككى يىغىن خاتىرىسى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈرلۈك قارارمىلارنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلدى
  • ۋەكىللەر دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى
  • سۈرەت ئىچىدە سۈرەت تېمىسىدا «ئىككى يىغىن» خاتىرىلىرى
  • سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى ئۈچىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
  • يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەير–ساخاۋەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئاممىغا «ئىككى يىغىن» خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇردى
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلدى: ھەر بىر ۋەكىل بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەي
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەدىيە قىلغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيدى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ داۋاملىق قاراپ چىقتى ۋە تەكشۈردى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ داۋاملىق قاراپ چىقتى ۋە تەكشۈردى

    مەنبە :uy.ts.cn       يوللىغۇچى : مۇبەششر       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-10

    ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشقان خەلق تۇرمۇشى ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك

    ۋەكىللەر پىكىر ئالماشتۇرماقتا

        ياۋ تۇڭ، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 9 – مارت چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى لايىھەسى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى.

       ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

       ۋەكىل ياسىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىدا دۆلەت خامچوتىنىڭ قەيەرگە، قانداق خەجلىنىدىغانلىقى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدىكەن، ناھايىتى تەپسىلىي بوپتۇ. بۇ بىر قانچە يىلدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلامغا سالغان سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىمۇ بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى. مۇشۇنداق خەلق تۇرمۇشى ئىدىيەسىنىڭ ھەر يىلى داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

       ۋەكىل نابلاشاھ خۇجاخۇن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، چەت – ياقا جايلاردىكى يېزا، كەنتلەرنىڭ مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە مەدەت بېرىلىپتۇ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن كونكرېت چارىلەر تۈزۈلۈپتۇ. ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قونجىراپ پورتىغا تايىنىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە ساياھەتچىلىكىگە سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىلسە؛ تاشقورغاندىكى دېڭىز يۈزىدىن 5000 ~ 6000 مېتىر ئېگىز رايونلاردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى يۆلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئېگىزلىك كېسىلى يۈز بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىياسىتى تەڭشەلسە.

        ۋەكىل سۇلتان جايناق مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن چېگرا لىنىيەسىدە ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلار ياشايدۇ، ئۇلار ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپلا قالماستىن، يەنە چېگرانى خالىس چارلاش، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شارائىتى جاپالىق بولغان چېگرا لىنىيەسىنى ئۈن – تىنسىز قوغدايدۇ. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتا تۇرمۇش ياردىمىنى ئۆستۈرۈش، چېگرادىكى پۇقرالارنى چېگرا قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنى مەملىكەت شۇنداقلا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىتىش، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش كېرەك.

      ۋەكىل ۋاڭ جيەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش فوندى تەسىس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قان بېرىش خاراكتېرلىك قوللىسا؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرگەن يەرلىك كارخانىلارنى مەبلەغ بىلەن قوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولسا.

       ۋەكىل تالغات ھۈسەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر، ۋاقىت جەدۋىلىگە جەزمەن قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەرىكەت پىلانى، يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، يۆلەش – ئېچىشنى سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ‹‹ئالاقە تورى +›› قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ يۆلەش – ئېچىشنى قوللاشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى تېزلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

       ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: كەسپىي مائارىپ باشقا مائارىپ شەكىللىرىنى تولۇقلاپ، پۇقرالارنىڭ كەسىپ – تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ياردەمچى كۈچ بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رول ئوينايدۇ. بۇ بىر قانچە يىلدا شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، نۇرغۇن تەجرىبە توپلاندى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئالاھىدە سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردە كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       لى شۆجۈن، دۇڭ شىنگۇاڭ، مەمتىمىن ياسىن، فۇ پۇيەن، چىن جۇڭ، ئابدۇللا ئابباس، ئادىل ھوشۇر، مەردان مۇقىيىت، شى ۋېنخەي قاتارلىق ۋەكىللەر ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى، يۆلەش – ئېچىش، شەھەر، يېزىلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

       دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلاردىكى ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. 

    ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-03/10/content_507818.htm 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز