يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە قايتتى
  • شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى پائالىيەتلىرىگە نەزەر
  • شىنجاڭلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئىككى يىغىن خاتىرىسى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈرلۈك قارارمىلارنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلدى
  • ۋەكىللەر دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى
  • سۈرەت ئىچىدە سۈرەت تېمىسىدا «ئىككى يىغىن» خاتىرىلىرى
  • سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى ئۈچىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
  • يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەير–ساخاۋەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئاممىغا «ئىككى يىغىن» خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇردى
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلدى: ھەر بىر ۋەكىل بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەي
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەدىيە قىلغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيدى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ داۋاملىق قاراپ چىقتى ۋە تەكشۈردى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى ئۈچىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

    مەنبە :uzunyol.cn       يوللىغۇچى : مۇبەششر       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-12

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – مارت تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنى 11 – مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۈچىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا 15 ئەزا ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ قاتناشتى.

       ئەزا لى جياجيې مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «جۇڭگونىڭ ھېكايىسى». جۇڭگو ھېكايىسىنى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە «جۇڭگونىڭ ياخشى ساداسى»نى ئاڭلىتىش كېرەك.

       ئەزا مېڭ شياۋسى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ قايتا پەرزەنتلىك بولۇشى بىلەن توغۇت مۆلچەرى ئارىسىدا پەرق چوڭراق بولىدۇ. ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يانداشما تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ھەم تۇغۇشىغا، ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەڭ ئېتىبار بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

       ئەزا ۋاڭ شىڭدۇڭ مۇنداق دېدى: ئىجادچانلىقنى يېتىلدۈرگەندە، ئىجادىيەتنى قوغدىغاندا ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئەدەبىيات – سەنئەتنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئىجادىيەتلا جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى نامايان قىلالايدۇ. ئىجادىيەتنى قوغداشنى كۈچەيتىشتە، ئاپتورنىڭ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

       ئەزا ۋاڭ يۇڭچىڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە شەكىلسىز مۈلۈكنى باشقۇرۇش چارىسىنى تېزدىن تۈزۈپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پەن تەتقىقاتىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە كۆپ يوللۇق يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

       ئەزا سۇ خۇا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، شەكلىنى ئۆزگەرتىشىگە، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تېخنىكىغا ماھىر ئىختىساسلىقلارغا بولغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ‹‹ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاساس قىلىش››نى ‹‹ئۆرلەپ ئوقۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بىرلەشتۈرۈش››كە ئۆزگەرتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

       ئەزا ياۋ كې دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سەنمىڭ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى، شاڭخەيدىكى مەھەللىلەردە ئائىلە دوختۇرلىرى بولۇش قاتارلىق ئۈچ ۋەكىللىك خاراكتېردىكى داۋالاش ئىسلاھاتى ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تارماقلارنىڭ مەنپەت توسىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كېسەل بولۇش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ئەزا گو يۈنچۇڭ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى نىشانى قىلىپ، شەھەر بىلەن يېزا بىر گەۋدىلەشكەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىشنى قاتتىق ۋەزىپە قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە سىياسەت جەھەتتە كۈچلۈك مەدەت بېرىپ، چېگراغا جايلاشقان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش،شۇنداقلا ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025 – يىلى›› ئارقىلىق، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئەمگەك – ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       شاۋ چىۋېي ئالتە ئەزاغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك ۋە نامراتلارنى يۆلەشنى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە خاس كەسىپلىرى تەرەققىياتىنى قوللاپ، خاسلاشتۇرۇپ ئېچىش ۋە كەسىپلەرنى خاسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كۆپ يوللۇق تەرەققىيات شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ئەزا ۋاڭ گوچياڭ داۋالاش – سەھىيە ساھەسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېببىي دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ پەن – تېخنىكا ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو تېببىي دورىگەرلىكىنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇھىم ئېھتىياجنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگونىڭ تېببىي دورىگەرلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ئەزا ياڭ جىمىڭ مۇنداق دېدى: 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ماھارەت كەمچىل بولۇش، تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە نوپۇسىنى چوڭ شەھەرلەرگە ئالدۇرۇش قىيىن بولۇش، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ‹‹ئون بولۇش›› يەنى: شەھەرگە كىرسە خىزمىتى بولۇش، ئىش ئورنىغا چىقىشتا تەربىيەلەنگەن بولۇش، ئەمگەك توختامى بولۇش، ئىش ھەققى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش چارىسى بولۇش، پەرزەنتلىرى ئوقۇيالايدىغان بولۇش، تۇرالغۇ شارائىتى ياخشى بولۇش، ھوقۇقىنى قوغداش يولى بولۇش، تۇرمۇش مەدەنىي بولۇش، تەرەققىيات نىشانى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ئەزا جياڭ زوجۈن جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مائارىپ ئىدىيەسى ۋە ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە قول سېلىپ ئىشلەش قابىلىيىتىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بالىلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ئەزا ۋاڭ جىبياۋ ‹‹ئىككىدە يېڭىلىق يارىتىش›› دولقۇنىدا ساقلانغان قىسمەن مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: سىياسەتتىكى ‹‹ئۇچۇر ئارىلى›› نى بۆسۈپ، ‹‹ئىككىدە يېڭىلىق يارىتىش›› تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى؛ خەۋپ – خەتەر ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا يېتەكلەشنى؛ كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ئەزا ياۋ بىن مۇنداق دېدى: بېيجىڭنىڭ 2022 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كاتتا ئىش. شۇڭا مەملىكەت بويىچە جايلار ۋە تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، مۇسابىقە تەييارلىقىغا ئورتاق قاتناشتۇرۇپ، قار – مۇز مەيدانى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئېلىمىز قار – مۇز كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينىڭ قار – مۇز تەنھەرىكىتى تور سىستېمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ئەزا بو شاۋخۇا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سىياسەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزگەرتىپ، مېيىپلەرنى قۇتقۇزىدىغان ئىجتىمائىي تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، ئېلىمىزدىكى مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي پاراۋانلىق تۈزۈمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش – يۆلەش سىياسىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېيىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش سېپىدىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.

       ئەزا جۇ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: ئەلرايىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلەپ، ئەلنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشنى؛ خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئاتلىنىش ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈن نىيەت بىلەن ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تىرىشىپ كۆزىتىپ، راست گەپ قىلىشنى، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىلا بولسا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق.

    ئەسلى مەنبە: http://uzunyol.cn/home/News-View-Topic.aspx?id=11591&topic_id=35 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز