ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 8 – مارت چۈشتىن بۇرۇن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جىلىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
جاڭ دېجياڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جىلىننىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت رايونى بازىسىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەلەپتىن ئېشىپ كەتكەن كارخانىلارنى شاللاپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېشىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، سودا، تىجارەت مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ساھەنى چىڭ تۇتۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى، بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بارلىق خىزمەتلىرىمىز پۇقرالار ئۈچۈن دېگەن ئىدىيەنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹كۆرسەتكۈچ››تىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي قوغداپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/2016lianghui/2016-03/09/content_507486.htm