ئۆز مۇخبىرىمىز زاھىدە مۇتەللىپنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن ئىككى يىغىن خەۋىرى: 5-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا 2015-يىللىق خىزمەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ‹‹13-بەش يىل››مەزگىلىدىكى ئاساسىي نىشان-ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 2016-يىللىق مۇھىم خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نەبرەشاھ غوجاخۇن يىغىندىن كېيىن زىيارەت قوبۇپ قىلىپ، دوكلاتتىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى، ئۇ: ‹‹دوكلات ئىخچام، چۈشىنىشلىك، مەزمۇنلۇق بوپتۇ،شۇنداقلا يەنە دوكلاتتا دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا ئالاقىدار ئىنچىكە مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ›› دېدى. دوكلاتتىكى ئۇنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتقان نۇقتا ئاساسىي قاتلامدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۈجۈم قىلىش جېڭى قانات يايدۇرۇش ئىكەن.
نەبرەشاھ ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىگەندە ناھايىتى سۆيۈندى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، شېنجېن شەھىرى تاشقورغان ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەمگە كېلىپ، تاشقورغانغا ئەسلىھەلىرى تولۇق دوختۇرخانا سېلىپ بېرىپ، ئىچكىرىدىن دوختۇر تەكلىپ قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ داۋالاش-سەھىيە جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرگەن؛ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ سانىنى ئاشۇرغان؛ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغان.
نەبرەشاھنىڭ ئېيتىشىچە، تاشقورغان ناھىيەسى تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ.بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون تاشقورغاننىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، تاشقورغاننىڭ مائارىپ ئىشلىرى، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە، كىرىم مەنبەسى چارۋىچىلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالغاچقا، كىرىم ئۆستۈرۈشتە يەنىلا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تاشقورغاندا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىمۇ ئېشىشقا باشلىغان.
نەبرەشاھ تاشقورغاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قارىتا ئېلىپ كەلگەن تەكلىپى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: چېگرىداش بۇ ئۈچ دۆلەت گەرچە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تاشقورغاندىكى ئاھالىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنالمايۋاتىدۇ، شۇڭا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تاجىكىستان بىلەن پاكىستانغا قارىتا ھەپتىلىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، سودا ۋە بېرىش-كېلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەپتىلىك پائالىيەت ئارقىلىق ئاھالىلەر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت بۇ ئارقىلىق ساياھەت تېخىمۇ جانلىنىپ، ساياھەتتىن كىرگەن كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.