يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە قايتتى
  • شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى پائالىيەتلىرىگە نەزەر
  • شىنجاڭلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئىككى يىغىن خاتىرىسى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈرلۈك قارارمىلارنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلدى
  • ۋەكىللەر دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى
  • سۈرەت ئىچىدە سۈرەت تېمىسىدا «ئىككى يىغىن» خاتىرىلىرى
  • سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى ئۈچىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
  • يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەير–ساخاۋەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئاممىغا «ئىككى يىغىن» خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇردى
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلدى: ھەر بىر ۋەكىل بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەي
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەدىيە قىلغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيدى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ داۋاملىق قاراپ چىقتى ۋە تەكشۈردى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

    مەنبە :تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى       يوللىغۇچى : توخنىياز       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-06

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – مارت چۈشتىن كېيىن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش جۈرئىتى، باشلامچى بولۇش جاسارىتى، ئالغا ئىنتىلىدىغان جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھنى ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشىنى كۈچەيتىشكە، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، مەملىكەت بويىچە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ياخشى باشلامچى، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

       شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر جانلىق كەيپىياتتا قىزغىن سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇرۇپ، ۋەكىللەر بىلەن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇزاكىرىلەشتى.

       شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى ۋە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەنكى بەش يىل ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئالاھىدە بولغان بەش يىل بولدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكىلوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئېلىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە خەلقئارا تەسىرى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

       شى جىنپىڭ شاڭخەينىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئىسلاھات ئۆتكىلىگە دادىل ھۇجۇم قىلىپ، مەركەزلىك يېڭىلىق يارىتىش، تۈرتكە بولۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ: 2016 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: شاڭخەينىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلىتىش كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش. ئاساسىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، توسۇقلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەتراپلىق جانلاندۇرۇپ، سودا تۈزۈمى، سودا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى، پۇل مۇئامىلە، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈمى، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالىق، قولاي سودا مۇھىتىنى ئالدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بازا مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىتىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا دىيالېكتىكا، ئىككى نۇقتىچىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ‹‹كۆرۈنمەس قول›› بىلەن ‹‹كۆرۈنەر قول››نى ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆگەرتىشنى تېزلىتىپ، بازار ۋە جەمئىيەتكە بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى يېتەرلىك تولۇق بېرىش، جايىغا بېرىش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم ياخشى، جايىدا باشقۇرۇشتا. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھوقۇق تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى باشقۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى كۆچمە سۇپا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كارخانىنى بازار سۇبيېكتىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئەڭ مۇھىم. دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش شاڭخەينىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. پۇرسەتنى تۇتۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى پەن – تېخنىكىنى كۆزلەپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي پەن – تېخنىكا ساھەسىدە چوڭ يېڭىلىق يارىتىش، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەسىدە تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن نەزەر دائىرە بىلەن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ ۋە توپلاپ، كەسىپ پەن – تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدا تۇرىدىغان، خەلقئارالىق نەزەر دائىرىگە ئىگە بىر تۈركۈم باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى توپلاشنى تېزلىتىش كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇھىم ئامىل ۋە بايلىقنى تىرىشىپ توپلاش، سەپەرۋەر قىلىش بىلەن بىللە، كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىقدارنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، قالدۇقنى سەرخىللاشتۇرۇش، مىقدارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئازايتىش، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە بويىچە تەرەققىي قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

       شى جىنپىڭ ھازىرقى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا نۇرغۇن تەيۋەن كارخانىسى بار، تەيۋەنلىكلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق بىر قەدەر كۆپ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تەقدىرداش بولغان قان – قېرىنداشلار، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بىر ئائىلە كىشىلىرى. 2008 – يىلىدىن بۇيان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جىددىيلىك، داۋالغۇشتىن قۇتۇلۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىغا قاراپ ماڭدى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇق بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچ، ئىناق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا، بىز ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىزنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان سىياسەت، فاڭجېنىمىز ناھايىتى ئېنىق، ئىزچىل بولدى، بۇ تەيۋەننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدۇ. بىز ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى›› سىياسىي ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى›› ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق بېكىتكەن بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى. ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى›› تارىخىي ئەمەلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ يادرولۇق ئەھمىيىتىنى تونۇغاندىلا، ئىككى قىرغاقتىكىلەر ئورتاق سىياسىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولالايدۇ. بىز ئىككى قىرغاقتىكى ھەر قايسى ساھەنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېرىنداشلىق مېھرى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى مۇستەھكەملەپ، قېرىنداشلارنىڭ قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىمىز. بىز ھەر قانداق شەكىلدىكى ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىنى قەتئىي چەكلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، دۆلەتكە بۆلگۈنچىلىك قىلىش تارىخىي تىراگېدىيەسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. بۇ، پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسى، شۇنداقلا بىزنىڭ تارىخ، خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات نەتىجىسى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا، ئورتاق گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى روياپقا چىقىرىش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە ئىشلىشىگە موھتاج.

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەن جېڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.


    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز