تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتناشقىلى ماڭغان ۋەكىللەر 2-مارت ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىن كەلگەن ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى يەنىلا خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. قانداق قىلغاندا يەرلىكتىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر ھەر يىلى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىدى. بۇلتۇر بىر يىلدىلا ئۇنىڭ توقۇمىچىلىق شىركىتى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 800گە يېقىن دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا باشلىدى.
رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى، ھەمدە يىپەك يولى كەسىپلىرى، چېگرا ئېغىزى ئىقتىسادىنى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بۇنىڭغا بىر قىسىم مايىل سىياسەتلەرنى بېرىپ، شىنجاڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى فۇ چۈنلى بۇ يىلقى ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ‹‹13 – بەش يىل››نىڭ تۇنجى يىلى، ‹‹ئىككى يىغىنى››دا 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ماقۇللىنىدۇ. بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە ۋەكىللىك رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىمەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر 2–مارت ئايروپورتقا چىقىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرىنى ئۇزىتىپ قويدى.