يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە قايتتى
  • شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى پائالىيەتلىرىگە نەزەر
  • شىنجاڭلىق ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئىككى يىغىن خاتىرىسى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈرلۈك قارارمىلارنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلدى
  • ۋەكىللەر دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتناشتى
  • سۈرەت ئىچىدە سۈرەت تېمىسىدا «ئىككى يىغىن» خاتىرىلىرى
  • سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنى ئۈچىنچى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
  • يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەير–ساخاۋەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقتى
  • خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئاممىغا «ئىككى يىغىن» خەۋەرلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇردى
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلدى: ھەر بىر ۋەكىل بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەي
  • لى كېچياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەدىيە قىلغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيدى
  • شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ داۋاملىق قاراپ چىقتى ۋە تەكشۈردى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىككى يىغىن توغرىسىدىكى فىلىمى (مۇقەددىمە) پات ئارىدا تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ

    مەنبە :تەڭرىتاغ تورى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-02


     ئۆز مۇخبىرىمىززاھىدە مۇتەللىپنىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتكەن ئىككى يىغىن خەۋىرى: ئىككى يىغىن باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىككى يىغىن توغرىسىدىكى فىلىمىمۇ پات ئارىدا تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.

        باھار مېنىڭ، سىزنىڭ، ئۇنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيدۇ.

        باھار جۇڭگو ئارزۇسى ۋە شىنجاڭ قىسمىنىڭ ھېكايىسىنىسۆزلەيدۇ.

        تەڭرىتاغ تورىنىڭ يىللىق چوڭ سوۋغىسى بولغان بۇ فىلىم پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ!

        بۇ يىل «13-بەش يىل » لىق پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ باشلىنىش يىلى.

        قانداق قىلغاندا يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمبەھرلەشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟

      قانداق قىلغاندا ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئۆستۈرگىلى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرگىلى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟

        قانداق قىلغاندا مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى ۋاقتىدا تاماملىغىلى بولىدۇ؟

        تەڭرىتاغ تورى سىزگە بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىپ بېرىدۇ.

        بىر بەلباغ، بىر يول؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق بارلىق قىزىق نۇقتىنى تەڭرىتاغ تورى سىزگە يېشىپ بېرىدۇ.

        بۇ فىلىم خەنزۇ تىلى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى، چەت ئەل تىللىرى بويىچە تارقىتىلىدىغان بولۇپ، تەگ مۇزىكىسىمۇ ئۆزگىچە كىرىشتۈرۈلدى.

        بۇ يىل ئىككى يىغىندا تەڭرىتاغ تورى داۋاملىق مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، مەركەزنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى پايدىلىق سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا ھەر مىللەت تورداشلارغا يەتكۈزۈپ، ئەل ساداسى، ئەل رايىنى ئىككى يىغىنغا ئېلىپ كىرىپ، ئامما بىلەن ئىككى يىغىن ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

        بۇ يىل ئىككى يىغىندىن خەۋەر بېرىشتە، تەڭرىتاغ تورى يەنىلا داۋاملىق كۆپ خىل تىللىق،كۆپ تاراتقۇلۇقئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىككى يىغىن ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشىغا قولايلىق يارىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەت ئەللەردىكى تورداشلارغا جۇڭگو ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

        خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاناللار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت تورداشلارغا ئەڭ يېڭى، ئەڭ مۇكەممەل بېيجىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، مەركەزنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى خالىس ياردەم قىلىۋاتقانلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىدىغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە توختىماي ئىلگىرىلەشتەك ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ.

        ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈركچە قاناللاردا شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت گۈزەللىكى، ئىناقلىق گۈزەللىكى، خەلق تۇرمۇشى گۈزەللىكى، تەرەققىيات گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوغا كۆڭۈل بۆلىدىغان چەت ئەلدىكىبارلىق تورداشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

        تەڭرىتاغ تورى بىرىنچى ۋاقىتتا شىنجاڭغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ يۈرەك سۆزى ۋە شىنجاڭنىڭ زور ئۆزگىرىشىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

        ئىككى يىغىن مەزگىلىدە تەڭرىتاغ تورى داۋاملىق كۆپ خىل چىقىش نۇقتىسىدا خەۋەر بېرىش شەكلىنى قوللىنىپ، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ، ئاخبارات تېرمىنالى، خەنزۇچە يانفون گېزىتى، ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى، قازاقچە يانفون گېزىتى ھەمدە تەڭرىتاغ مىكرو ژۇرنىلى ئارقىلىق ئىككى يىغىن فىلىمىنىڭ تېخنىكا ئېلېمېنتلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

        تەڭرىتاغ تورىدا ئىككى يىغىن مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىش، سۈرەتلىك بىۋاسىتە تارقىتىش، ۋىدىيودا خەۋەر بېرىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمىلىك، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە خەۋەر بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇلار مۇھىم خەۋەر، قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرى، ۋىدىيولۇق خەۋەر، سۈرەت توپلىمى، سۈرەت يەشمىسى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئىككى يىغىن دوكلاتى قاتارلىق 10 نەچچە ئىستوندىن تەشكىل تاپقان.

        تەڭرىتاغ تورى ئىككى يىغىن فىلىمى مۇقەددىمىسى «13-بەش يىل باھارى، شىنجاڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ!» پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

        بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن باشلىنىش ئالدىدا تەڭرىتاغ تورى H5 تېخنىكىسىدا تەكلىپنامە ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى چىن دىلىدىن شىنجاڭغا تەكلىپ قىلدى ____

        13-بەش يىل باھارى، شىنجاڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ!

        مەركەزنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا رەھمەت!

        پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاھىدە ياردىمىگە رەھمەت!

        باھار شامىلى قاپلىغان شىنجاڭ سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.

        شائىرانە ھېسسىياتتىكى چۈشەندۈرۈشلەر، ۋەكىل خاراكتېرلىك گۈزەل سۈرەتلەر مۇجەسسەملەنگەن بۇ مۇقەددىمە 14 ۋىلايەت، ئوبلاستتا بىر ۋاقىتتا كۆرسىتىلىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى 12 ئاساسىي تور تاراتقۇسى بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، بىر خىل ئاۋازنى ياڭرىتىدۇ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى، جۇڭگو ياخشى ئۇسسۇلىنىڭ چېمپىيۇنى گۈلمىرە مۇنداق دېدى:

        مەن گۈلمىرە، مەن شىنجاڭ ئۈچۈن ئوبراز ۋەكىلى بولدۇم، گۈزەل شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كېلىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ!


    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز