A-A+

يەر شارىدا يېڭى مېتېئورىت بايقالدى

2016-يىل 16-ئىيۇن غەلىتە تاش باھا يوقكەن زىيارەت: 339 قېتىم

يەرشارىدا ئىلگىرى بايقىلىپ باقمىغان يېڭى مېتېئورىت بايقالدى

470 مىليون يىل بۇرۇن يەرشارىغا چۈشكەن بىر تال مېتېئورىت تۇنجى قېتىم شىۋېتسىيەدىكى ھاك تېشى قېزىش مەيدانىدا بايقالدى. بۇ مېتېئورىت بۈگۈنگىچە بىلىنگەن مېتېئورىتلار بىلەن روشەن پەرقلىق بولۇپ، يېڭى بىر خىل تۈرگە مەنسۇپ ئىكەن.

مېتېئورىتلار قۇياش سىستېمىسىدىكى ئاندا-ساندا يەرشارىغا چۈشۈپ قالىدىغان ئالەم ئۇششاق تاشلىرى بولۇپ، كۆپ قىسىمى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدىكى كىچىك سەييارىلەر بەلبېغىدىن كېلىدۇ، ئاز بىر قىسىمى ئاي شارى ۋە مارستىن كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ئالەمنىڭ شەكىللىنىشىنى تەتقىق قىلىشتا ياردىمى ئىنتايىن چوڭ. ھالبۇكى، L تىپلىق شارسىمان مېتېئورىت ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈدىغان مېتېئورىت تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، خاتىرىلەنگەن مېتېئورىتلارنىڭ تەخمىنەن %40 ى بۇ تۈرگە تەۋە. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار تەخمىنەن 470 مىليون يىل ئىلگىرىكى نىسبەتەن چوڭ مېتېئورىت ئانا تەنچىسى بىلەن بىر  كىچىك سەييارىنىڭ سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئىكەن. بىراق، بۇ خىل كىچىك سەييارىنىڭ ئىزناسى ئەزەلدىن بايقىلىپ باقمىغان ئىكەن.

20160615180415360

بۇ قېتىم، شىۋېتسىيە لۇنىد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور Berg Schmitz ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات قوشۇنى، شىۋېتسىيەدىكى ھاك تېشى قېزىش مەيدانىدىن ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىرمۇ كەلمەيدىغان يېڭى تىپتىكى مېتېئورىتنى بايقىغان. ئۇلار بۇ مېتېئورىتقا «شەرق 65-نومۇر» دەپ نام قويغان، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە 100 تالدىن ئارتۇق 470 مىليون يىل بۇرۇن يەرشارىغا چۈشكەن L تىپلىق شارسىمان مېتېئورىتنى بايقىغان.

بۇ مېتېئورىتلارنى تۈرگە ئايرىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچى خادىملار بىر قاتار تاغ جىنسلىرى ئىلمى ۋە خىروم بىلەن ئوكسىگېننى ئىزوتوپلۇق ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، ئەڭ ئاخىرىدا، يەرشارى خىمىيەسى ۋە تاج جىنسلىرى ئىلىمى نۇقتىسىدىن بۇ مېتېئورىتلارنىڭ بۈگۈنگىچە بايقالغان، يەرشارىغا چۈشكەن باشقا مېتېئورىتلار بىلەن روشەن پەرقى بارلىقىنى بايقىغان.

20160615180817704

تەتقىقاتچى خادىملار «ئالەم نۇرى ئارقىلىق يېشىنى تېپىش» ناملىق يېشىنى تېپىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ بايقىشىچە، مەزكۇر مېتېئورىت L تىپلىق شارسىمان مېتېئورىت سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 1 مىليون يىل ئىچىدە ھاسىل بولغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر مېتېئورىتنىڭ ئانا سەييارىسى بەلكىم شۇ قېتىملىق سوقۇلۇشتا L تىپلىق شارسىمان مېتېئورىت ئانا تەنچىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىچىك سەييارە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، «شەرق 65-نومۇر» نىڭ ئانا سەييارىسى، يەنە بەلكىم L تىپلىق شارسىمان مېتېئورىت ئانا تەنچىسى سوقۇلغاندا ئاساسى جەھەتتىن ۋەيران بولۇپ كەتكەن بولۇشى، بۇ سەۋەبتىن، بۇ خىل تىپتىكى مېتېئورىت بۇندىن ئىلگىرى يەرشارىدا زادىلا بايقالمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ دېيىشىچە، گەرچە مەزكۇر كىچىك سەييارىنىڭ ئانا تەنچىسى ئاساسى جەھەتتىن ۋەيران بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، قالدۇقلىرى بەلكىم يەنىلا ئالەمدە يەرشارىنى قەرەللىك «يوقلاپ تۇرىدىغان» L تىپلىق مېتېئورىتلار بىلەن بىرگە لەيلەپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ