• مىللىي مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر نەدە؟ - [ئىجتىمائى مەسىللەر]

     

      يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىزچىل ياخشى ئىكەنلىكى، بۇ يەردە ھېچقانداق مىللىي زىددىيەت ۋە مىللىي مەسىلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە، ئەمما  ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىغى ھەققىدە چەتئەللەردىلا ئەمەس ، بەلكى بىر قىسىم خەنزۇ زىيالىلىرىمۇ ئوز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا .
     
    ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقەتەن مىللىي مەسىلە مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟ مىللىي مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم خەنزۇ زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ بىڭلىنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى ماقالىسى بۇ سوئاللارغا يېتەرلىك جاۋاب بەرسە كېرەك.

    جاڭ بىڭلى خانىم " شىنجاڭدىكى مىللىي زىددىيەتلەرگە نەزەر " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە مىللەت ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ، 1949 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلغان بولسا، 2007 - يىلىغا كەلگەندە %47 كە چۈشۈپ قالغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ رايوننىڭ مىللەت تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 54 مىللەت تەركىبىگە يەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ كېتىشىدە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    جاڭبىڭلى ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زىددىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ.

    جاڭبىڭلى ئۆز ماقالىسىدە ئالدى بىلەن سىياسىي سەۋەبنى كۆرسىتىپ، "1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، قانۇنىي ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت جەھەتتىن ئالغاندا يەرلىك مىللەتلەر قانۇن بويىچە ئۆز ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، لېكىن بۇ جايدىكى رېئاللىق كۆرسەتتىكى ئەمەلىي سىياسىي ھوقۇق ئىزچىل ھالدا خەنزۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى. ھەقىقەتەن، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللىرى بار. بىراق، ھەقىقىي ۋە ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى غا ئېرىشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نامدىكى ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنىڭ كۆپ بولغانلىقىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ "دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

     
    ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى تەڭ رەھبەرلىك ئورگىنى بىڭتۈەن ۋە ئاپتونوم رايون

     
       جاڭ بىڭلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر ئايرىم ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇ بولسىمۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ: " بىڭتۈئەڭە قاراپ باقايلى، بۇ پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنزۇلاردىن تەركىپ تاپقان ئورۇن، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مۇددىئاسى چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئىدى، بىراق ئۇنىڭ مۇستەقىل مەمۇرىي، ئەدلىيە، ئىقتىساد ھەم نوپۇس تۈزۈمى بار. بۇنداق بىر رايوندا ئىككى رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇشىدىن ئىبارەت باشقۇرۇش مودېلى، كۆپلىگەن ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ."

       ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىغانلىقى، بۇ جايدا ئەمەلىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، "كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، سىياسىي جەھەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغان" دەپ خۇلاسە چىقىرىپ، سىياسىي باراۋەرسىزلىكنىڭ مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىدىكى ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەيدۇ.

     
    ئىقتىسادىي ئامىلمۇ ئوخشاشلا مۇھىم سەۋەب

     
    بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ بىڭلىنىڭ ماقالىسىدا تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي زىددىيەتكە سەۋەب بولغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىقتىسادىي ئامىل بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا زور پەرقلەر بار، خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تەكشىسىزلىك ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا نامۇۋاپلىق مەۋجۇت .

    بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ بىڭلىنىڭ يېقىندا بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر تور بەتتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي زىددىيەتكە سەۋەب بولغان ئامىللار كۆپ خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ئىقتىسادىي ئامىلدۇر.

     
    ئىقتىسادىي ئامىل

     
       جاڭ بىڭلى مەلۇم بىر تور بەتتە ئېلان قىلغان "شىنجاڭدىكى مىللىي زىددىيەتلەرگە نەزەر" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە: "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا زور پەرقلەر بار، خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تەكشىسىزلىك ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا نامۇۋاپىقلىق مەۋجۇت" دەپ سۆزىنى باشلايدۇ .

       ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆز قاراشلىرى داۋاملاشتۇرۇپ: " شىنجاڭنىڭ بايلىقلىرى جۇڭگو ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، قاراماي، تارىم نېفىتلىكلىرى جۇڭگونىڭ كەم بولسا بولمايدىغان نېفىتلىكلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پاختا، پۇرچاق، بۇغداي قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى جۇڭگونىڭ ئىمپورت قىلىش بېسىمىنى ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتماي مۇمكىن ئەمەس، ئەمما مانا مۇشۇنداق مول بايلىققا ئىگە شىنجاڭ خەلقى بۇ بايلىقلار ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولالمىدى. بۇ يەردىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، پاختا قاتارلىق مۇھىم بايلىقلار سىرتقا توشۇلۇپ، شەرقىي قىسىملارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىۋاتىدۇ. ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش ئىشلىرىنى ئاساسلىقى دۆلەتلىك چوڭ شىركەتلەر زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، يەرلىك كىچىك شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىش پۇرسىتى ئاساسەن بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆسۈشى ۋە خەلققە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى دەپ ئېيتالمايمىز. بۇ يەردىكى خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىغا كۆزىنى ئېچىپلا قاراپ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن ئۆزلىرى بەھرىمەن بولالمىدى. بۇ خىل ئېلىپ كېتىش رولىنى بېجىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئاچچىقلارنىڭ خەنزۇلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىشىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. پۈتۈن شىنجاڭ رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىدى، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ كىرىمى ئازلاپ كەتتى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن كېلىدۇ" دەيدۇ.

     
    ئىشقا قوبۇل قىلىشتىكى مىللىي كەمسىتىش

     
       ئۇ يەنە ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى " كۆپلىگەن ساھەلەر، يەنى پۇل مۇئامىلە، ھەربىي، ئالاقە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىللەت چەكلىمىسى بار. دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال شۇكى، بۇ ساھەلەرگە ئاساسلىقى خەنزۇلار قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەسكى، بۇ ئەمەلىيەتتە مىللىي كەمسىتىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدىن ئىبارەت. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي كىرىمدىكى پەرقلەر مىللىي زىددىيەتلەرنى كۈچەيتىۋەتكەن،" دەيدۇ.

     
    مەدەنىيەت جەھەتتىكى سەۋەبلەر

     
       مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ بىڭلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر مۇھىم ئامىلنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ مەسىلىسى ئىكەنلىكى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

       ئۇ مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ: "قوش تىللىق مائارىپ ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا دەخلى - تەرۈز قىلماسلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. بىر مىللەتنىڭ تىلى ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت، بۇ پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن بولىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئەمەلىيەتتە قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ خەنزۇ مەكتەپلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇئەللىملەرنىڭ پەقەت خەنزۇ تىلىدىلا دەرس سۆزلىشى بەلگىلەندى. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆز مىللىي تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنەلمەيدۇ. بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ."

       جاڭ بىڭلى ماقالىسىدە قوش تىللىق مائارىپتا پەقەت خەنزۇ تىلىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن قوغلىنىش كەيپىياتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي مەۋجۇتلۇقىدىن ئەنسىرەش ئىدىيىسىنى ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خەلقئارادا مەۋجۇت كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، "قوش تىللىق مائارىپتىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئاللىقاچان چەتكە قېقىۋېتىلگەن بۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئاتا - ئانىلار ئارىسىدا ئالاقە قىلىش قىيىن بولدى. مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى رىقابەتكە دۇچ كەلدى. مىللىي ئاڭ بارغانسېرى ئاجىزلىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ نەزىرىدە قوش تىللىق مائارىپ پۈتۈنلەي مىللىي ئاسسىمىلاتسىيىنىڭ بىر خىل چارىسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل خەنزۇ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇرۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە خەنزۇلارنىڭ ئوبرازى يەنە بىر قېتىم چۈشتى " دەپ يازىدۇ.
     
    دىنىي جەھەتتىكى مەسىلىلەر

     
       ئاپتور يەنە دىنىي جەھەتتە توختىلىپ، "دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار دەپ كۆرسىتىلگەن. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدۇ، بىراق، خەنزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنسىز، ماركىسىزم بىلەن ئاللاھ بىر - بىرىگە زىت بولۇپ، ماتېرىيالىزم ۋە قۇرئان ئۆزئارا چىقىشالمايدۇ، بۇ ئىككىسى ئوت بىلەن سۇدەك قارشى، كۆپلىگەن خەنزۇلار چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن قارىغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىپ، دىننى بىر خىل خۇراپىيلىق دەپ قارايدۇ، شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ" دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

     
    ئاپتورنىڭ يەكۈن ۋە ئۈمىدى

     
       جاڭ بىڭلى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسە سۈپىتىدە توختىلىپ، يۇقىرىدىكى بىر قاتار زىددىيەتلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى شەرھىلەپ، "مېنىڭ قارىشىمچە، كەمبەغەللىك، باراۋەرسىزلىك، خاتا چۈشىنىش ۋە ئايرىمىچىلىق" قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئامىللار ئىكەنلىكىنى يىغىنچاقلاش مۇمكىن" دەيدۇ ھەم ئۈمىدۋارلىق بىلەن" ئەگەر كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، بارلىق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقى باراۋەر، ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە چۈشىنىش ھەم ئالاقىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشى مۇمكىن" دەپ ئۆز پىكرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

       يۇقىرىقى بايانلار بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جاڭ بىڭلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاراشلىرى ئارىسىدا كۆپ جەھەتتىن ئورتاقلىقلار بار بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نېگىزلىك مەسىلىلەردە روشەن پەرقلەر مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.

     

    مەنبەسى: ئۇيغۇر بىز مۇنبىرى

    http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=547