-
ئۇيغۇر يېزىقى پەقەت بىرلا - [ئانا تىل]
ئۇيغۇر يېزىقى پەقەت بىرلا
كۆپ يەردە «كونا يېزىق» دېگەن سۆزنى ئۇچراتتىم. «كونا يېزىق» دېگەن ئاتالغۇ 60-70-يىللاردا ئىشلىتىلگەن «يېڭى يېزىق» قا ئاساسەن قويۇلغان نام. 80-يىلدىن باشلاپ بۇ يېزىق ئەمەلدىن قالغان. «يېڭى يېزىق» ئەمەلدىن قالغان ئىكەن «كونا يېزىق» تىكى «كونا» دېگەن سۆزمۇ ئەمەلدىن قېلىشى كېرەك. «كونا» نى 21-ئەسىردىمۇ سۆرەپ يۈرۈيمىزمۇ؟!
كونا يېزىق دەپ ئاتىساق، يەنە بىر «يېڭى يېزىق» نىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقى دېسە ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان يېزىق كېلىدۇ. ئۇنىڭغا زورلاپ «كونا» نى قوشۇۋېلىش ئارتۇقچە.
ئۇيغۇرنىڭ بىرلا يېزىقى بار دېسەم، مەلۇم بىرەيلەن سابىق سوۋېت ئىتتپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن سىلاۋيان يېزىقىنى كۆرسىتىپ، «ئەمسە ماۋۇ قايسى يېزىق؟» دەيدۇ. ئۇ سىلاۋيان يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەس. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سىلاۋيان يېزىقى ئىشلەتسە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئېنگىلىز يېزىقىنى ئىشلەتسە، ئۇنداقتا ماۋۇ جۇڭگودا تۇرغان ئۇيغۇرلار خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىمىزمۇ؟
تېررىتورىيىلىك مۇھىتنىڭ، دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان يېزىق ئىشلىتىش مەدەنىيەتنىڭ چېكىنىشىدىن، بۆلگۈنچىلىكتىن باشقا ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىسەن دەپ مەجبۇرلىيالمايمىز، لېكىن تەشەببۇس قىلىمىز. ئۇيغۇر يېزىقى غول لىنىيە. قالغان ULY, UKY, USY, UYY دېگەنلەر ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى،بارا-بارا ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىشى كېرەك.
ئۇيغۇر ئېدىت، يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ ۋە ياكى تور يۈزى تەھرىرلىگۈچلىرىدە بىرلا بۇيرۇق بىلەن ULY, UKY, USY, UYY لارنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ئەمەلدىن قالمىغانلا بولسا ئۇيغۇر تىلى ھازىرمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت تىلى.
تىل-يېزىق كومېتىتىمۇ «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ئىپادىلەش لاھىيسى» نى ئېلان قىلدى. دىققەت: ئۇيغۇر لاتىن «يېزىقى» ئەمەس، «لاھىيسى» نى ئېلان قىلدى. ئۇ خەنزۇچىدىكى پىنيىنغا ئوخشاش ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، خالاس.ماۋۇنىڭغا ئوخشاش دۇنياۋى تور بېكەت گوگۇلدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى تاللاپ قويساق مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆرۈندۇ.
شۇڭا دەيمەن ئۇيغۇرنىڭ يېزىقى پەقەت ۋە پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ كۆز ئالدىڭىزدىكى مۇشۇ يېزىق.
评论