• ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(8) - [ئىجتىمائى مەسىللەر]

    خەتكۈچ:
     
    بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىيالىدا خاتىرىلەنگەن ، مۇنۇ تارىخى ۋەقەلىكنى ئۇزىتىمەن.
     ماجەنساڭ يېڭىشەھەرگە چىقىپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىچىلا تۆمۈر ئېلىگە سىجاڭلىق ئۇنۋانىنى بېرىپ ، ما داۋتەينىڭ تامغىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ئوسمان ئېلى ، ھاپىزبىك ، ئەخمەتجان ، ھامۇتخان ، ھەمدەم بەگ ھاجى قاتارلىق بەش كىشىگە لۇيجاڭلىق ئۇنۋانىنى بېرىپ ، تامغا ئويدۇرۇپ كىرگۈزۈپ بىرىپ ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۆستۈرگىنىنى نامايىش قىلدى.(شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرىْْ ، 17 - قىسىم ، 20- بەت) ھھئويلاپ باقايلى ، ماجەنساڭدا تۆمۈر ئېلىگە مەنسۇپ ، ئۇنۋان بېرىدىغان نېمە سالاھىيەت ۋە كارامەت بار؟ ماقۇل چىڭ خاندانلىقى ۋە شېڭ شىسەيدىن مەنسەپ ، ئۇنۋان تاماسى بارلارغۇ ئۇلارنىڭ زور دۆلەت كۈچىنى كۆرگەنلىكىدىنمۇ دەيلى ، ئەمما تۆمۈر ئېلىدەك ئىسيانكار ئادەم نېمىشقا ئاران 300 ئادەم بىلەن قەشقەرگە تىمسىقلاپ كىرىپ ، ئۇۋۇسىدىن چىقالمايدىغان چاشقاندەك بولۇپ قالغان ، ماجەنساڭدەك ئادەمنىڭ ئۈزىگە ئۇنۋان بېكىتىپ تامغا ئويۇشىغا ئازراقمۇ ئەجەپلەنمەيدۇ!؟ مەسخىرە تۇيغۇسى قوزغالمايدۇ؟ بۇ چاغدا بۇلتۇر تۇرپانغا ئۈزۈم ئالغىلى چۈشكەندە كۆرگەن بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمغا كەلدى. بىز تۇرپان بازىرىغا كەلگەندە ھەمراھىمنىڭ بىر تۇنۇشى ئۇچراشتى. ئۇ بېشىغا پىپى تۇماق ، ئۇچۇسىغا بەقەسسەم تون ، پۇتۇغا ئۆتۈك كىيىۋالغان بولۇپ ، بۇ خىل كىيىنىش بىلەن شالاڭ ساقاللار ئۇنى ئۆز يېشىدىن خېلىلا قېرى كۆرسىتىپ تۇراتتى. قوينىغا سېلىۋالغان چاقىرغۇسى ئونىڭ ياشلىقىنىڭ بىردىن  بىر بەلگىسى ئىدى. بىز بۇ ئىمامنىڭ گېپى بىلەن ئۈزۈم كۆرگىلى ماڭدۇق. ئۇ  يولدا كېتىۋاتقاچ  شياڭگاڭدا تۇرۇپ قالغان تۇققىنى بار بىر ئادەمنىڭ گېپىنى قىلدى. ئومۇ بىر مەسچىتكە ئىمام ئىكەن. بۇ گەپلەر ئونىڭ ئېغىزىدىن پەخىرلىنىش ، ئۆزىنىڭمۇ يۇلى بار ئادەملىكىنى كۆرسىتىش خاھىشى بىلەن ئېيتىلدى. گەپ خوشياقمىغانسېرى ئونىڭ گېپىنى تېپۋەتكۈم كەلدى. لېكىن ھەمراھىم مېنىڭ نىسى ئۈزۈم ئالىدىغانلىقىمنى كۆزدە تۇتۇپ ، ماڭا كۆز ئىشارىسى قىلىپ قويۇپ تىڭشىماقتا ئىدى. ئونىڭ ئاللىقاچان تىلىنى ، دىلىنى يوقاتقان تۇققانلىرىنى ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئېلىشى ، ئۇلارنىڭ 10توننا ئۈزۈمنى سېتىپ بېرىمىز ، ھەقسىز ھەرەمگە يولغا سېلىپ قويىمىز ، دېگەن ۋەدىلىرىنى ۋەدە ھېساپلاپ،10 توننا ئۈزۈم يىغدۇرغانلىقى ، ئۈزۈمگە قۇشۇپ نەشە دېگەنلىكى ئۈچۈن ، بۇنىڭ سودىسى شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ- ئەمەسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالغانلىغىنى ، نەشە ئالماسلىققا كۆندۈرۈپ 10 توننا ئۈزۈمنى تەشنالىق بىلەن ئاپىرىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى تەسلىمچىل كەيپىياتتا سۆزلىگەندىن كېيىن ، مەن ئۆزۈمنى زادىلا باسالماي:
      -ئاشۇنداق ئادەمنىڭ گېپىنى گەپ دەپ ئاڭلىغانلىقلىرى نېمىسى ، ناماز ئوقوغانلىرى نېمىسى؟ دەۋەتتىم. ئەجىبا دىن ئۇنى بەش ۋاخ دوڭغايتالايدىكەنۇ ، ئۇنىڭغا بولمىغۇرلۇقلارغا ، ئۇنى تەپ تارتماي قىلىشقا دەۋەت قىلغۇچىلارغا نەپرەت پەيدا قىلالمايدىكىنە؟! قەلبكە ئۆتمىگەن ئىبادەتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟! خەق  شياڭگاڭلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا  ئېھتىرامىغا لايىق دەپ بىلىدىغان ئاشۇ روھنىڭ تۈمۈر ئېلىنىڭ ئىسيانكارلىقىنىڭ بىر سولتەكنىڭ ئۆزىگە ئۇنۋان بەرگەنلىكىگە نۇمۇس قىلدۇرمىغانلىقى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى بارمۇ؟! ئەلۋەتتە يوق. چۈنكى ، ئۇلار ئۇيغۇرْْ،ئۇيغۇرچە ئىش قىلىدىغان ، ئۇيغۇرچە ئويلايدىغان ئادەملەر. قانداقتۇر بىر ئىمتىياز بىلەن ئۆزىنى تەستىقلاتمىسا ئۆزىدە ئىشەنچ يوق مەزلۇملار. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنىنى باشقىلار دەپ بەرمىسە بولمايدۇ. قىلىدىغىنىغا بىرسى پىلان كۆرسەتمىسە پۈتمەيدۇ. ئۇششاق - چۈششەك تىجارەتلەر ھەممىلا يەردە بولغان بىلەن ئېنىق ھېسابات تۇتالايدىغانلار مىڭدىن ئونى چىقىدۇ. ئۇلارغا ئېلىپ - قوشۇپ دىرى بىلەن پايدىسنى چىقىرىشلا كۇپايە. بولىدۇ بىر يۇرتتا نەچچە مىڭلاپ ئادەم ئوقۇدى دېگەن بىلەن ئۆيىدە كىتاب ساقلايدىغانلاردىن بىرنەچچە ئونى ئاران چىقىدۇ. ئۇلار تۇرۇپ تۇرسۇن. ئەڭ ئەقەللى مەنپەئەتتىن ئويلىغاندا شۇڭا ئۇلار تاھازىرغىچە تالاي ئىشلارنى كۆرۈپمۇ 185- يىلى 30 مىڭ يۈەن پۇل تاپقان بولۇپ ، 1998-  يىلى شۇ پۇلىنى ئايلاندۇرۇپ 150 مىڭ يۈەن قىلغان بولسا ، يەنىلا ئۆزىنى بىكار ئولتۇرماي پۇل تاپقان ھېساپلايدۇ. 1985- يىلى 6 مىڭ يۈەنگە ئالغان ياپۇنىيىنىڭ موتوسىكىلىتىنى 98 - ، 99- يىللىرىدا يەنىلا 6 مىڭ يۈەنگە ساتسا ، 10 يىل مىنىپمۇ ئىز پۇلىغا ساتتىم دەپ ئېغىز - ئېغىزىغا تەگمەي سۆزلەپ يۈرۈيدۇ. بەك تۇيغۇن بولۇپ كەتسە،پۇلنىڭ كۈچى قالمايۋاتىدۇ جۇما ، دەپ قويىدۇ.ەرگىز بىرەرسى باشقىچە يول بىلەن بايلىقىمنىڭ  قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتەلەمدۇ نېمە؟ دەپ ئويلاپ قالمايدۇ. نەچچە مىليون پۇل خەجلەپ يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 10 % پايدا ئالسا ، ئۆزىنى تىجارەتچى ھېساپلايدۇ. پالانى ئاشۇ چاقماقتەك كاللىسىنى تىجارەتكە ئىشلەتكەن بولسا قانچىلىك بېيىپ كېتەتتى - ھە! دېگەندەك ھېسلارغا تالاي - تالاي قېتىم چۈمپۈتسىمۇ ، بۇنىڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ باقمايدۇ. مىليونلاپ پۇلنى نەچچە ئاي ، نەچچە يىللىق خەققە مال قىلىپ تۇتقۇزۇۋېتىپ خۇددى بارمۇ دېسە ، ھۇقۇقۇم بار ، دەپ يۈرۈيدىغان باشلىقلاردەك ئۆزى پۇلنىڭ سانىنى ئېلىپلا ، مېنىڭ مانچىلىك پۇلۇم بار دەپ يۈرۈيدۇ. زامانىۋى تىجارەت ئېڭى ، تىجارەت تەشكىللىرى ھامىنى پارتىيە ياكى ھۆكۈمەتنىڭلا قىلىدىغان ئىشى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ. ئۇنداقتا بىزگە نېمە بولغان؟ مۇكەممەل ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۇدۇمىغا ، ئەدلىيە تەرتىپى ، سوت تۈزۈلمىسى ، مەمۇرىي قۇرۇلمىسغا ئىگە مەرىپەتلىك بىر خەلق نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈنگە قالىدۇ؟ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە قالاق خەلقلەرنىڭ ئارقىسىغا تىزىلىدۇ؟ ئوقورمەنلەر تۆۋەندىكى تارىخىي يازمىلاردىكى كىشلىك خاراكتېرگە دىققەت قىلايلى:
    ّْ-ئۆزۈم قېرىدىم ، ئۇلۇغ بولدۇم ، ھەرقانداق يەردىكى خاقانلىق خەلقلەردە مەندەك ئادەم بولىدىكەن ، ئۇلاردا نېمە غەم بولسۇن. تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنىْْ يازدۇردۇم. ئىلتەرىش خاقان تىرىشمىغان بولسا ، مەن ئۆزۈم بىلگى تۇنيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام ، مەن بولمىغان بولسام ، قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا خەلق  ئىنسان بولمىغان بولاتتى. ئىلتەرىش خاقان ۋە مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق تىرىشقانچىلىقىمىز ئۈچۈن قاپاغان خاقان ۋە تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى.ْْ)712- يىللىرى)«تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىْْ ، 56  ، 61  قۇر.«...... بۇ كىتاپ شۇنداق بىر كىتاپكى ، تېۋىپلىقنى ئارزۇ قىلغۇچى ۋە تېبابەتنى كەسىپ ئەتكۈچى بۇ كىتاپنىڭ قائىدىلىرىنى بىلمەستىن ۋە يادلىماستىن باشقا ئىلاجى يوقْْ...... »ئەبۇئەلى ئىبن سىنا مىلادىيە1101-  يىلى )«‹ّْتېبابەت قانۇنى ›ئىبن سىنا،12-بەت ، سەھىيە نەشرىياتى نەشرى)« مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرچىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم... شۇڭا مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ، پىكىرىنى ئەڭ رۆشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن ، ئەڭ زېرەكلىرىدىن ، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق،ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياغ كېزىپ چىقتىم. تۈرك ، تۈركمەن ، ئوغۇز ، چىگىل ، ياغما ، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيەلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم»مەھمۇد قەشقىرى1072-يىلى (ّْتۈركىي تىللار دىۋانى 1 - تومْْ ، مەھمۇد قەشقەرى،1- بەت)«ّْئۇلۇغ كىتاب قۇرئانْْ ... ئۇچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ... قالغان قىسىمى بولسا تارىخلاردىن تەركىپ تاپقاندۇر. دېمەك ، ئۇنى پەقەت پاك بولغانلار تۇتىدۇْْ دېگەن ئايەت مەقسەدلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرقىسمى قەدىمدە ئۆتكەنلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مەنا بولسا ، تارىخ ئىلمىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق دەلىل،كۈچلىك پاكىتتۇر. بۇ ئىلمنىڭ پايدا - مەنپەئەتلىرىنى ھەر ساھە ، ھەر تائىپە كىشىللىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى خالايىق ، بەلكى ئالەم ئەھلىنىڭ ھەممىسى بۇ ئىلىمگە ئەمەل قىلىدۇ ۋە بۇرۇن ئۆتكەنلەردىن رىۋايەت ، ھېكايەتلەر كەلتۈرىدۇ. ئۇنى ئۆزلىرىگە دەلىل  ھۆججەت قىلىدۇ. ئۇنىڭغا قەتئىي رىئايە قىلىدۇ. بولۇپمۇ تۈركىي قوۋملەردە ، ھەممە ھادىسىلەر ، ھەرقانداق بىر مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ، بەلكى پۈتكۈل مۇئامىلە  ئالاقىلەردە ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىناسىنىڭ ئاساسى ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ رىۋايەتلىرى ۋە ھېكايەتلىرىگە تايانغان بولىدۇ. شۇ تۈپەيلىدىن قۇدرەتلىك تەڭرىنىڭ ئاجىز بەندىسى پېقىر مىرزاھەيدەر ئىسمى بىلەن تۇنۇلغان مۇھەممد ھەيدەر ئىبن مۇھەممەد ھۈسەين گۆرەگان ئۆزۈمنىڭ ئاجىز ۋە ئىقتىدارسىزلىقىمغا قارىماي ، زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئىلاجىسىز بۇ ئېغىر ئىشقا قەدەم قويدۇم. چۈنكى ، موغۇل خاقانلىرى شەھەر ۋە دىيارلارنى ئىشغال قىلىشتىن بارا-بارا كۆڭۈللىرى سوۋۇپ ، سەلتەنەتلىرىدىن يىراقلاپ ، ئاۋات ئالەمنى تاشلاپ ، بىپايان جەزىرىدە ۋە مال - دۇنيالىرى بىلەنلا قانائەتلىنىدىغان بولدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئارىسىدا تارىخ يىزىلماپتۇ. ئۇلار ئۆتكەنلەرنىڭ ئىش  ئىزلىرىدىن ئاڭلىۋالغان رىۋايەتلەر ئارقىلىقلا ھېكايەت قىلىشىدۇ.الا تارىخقا 915 بولغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تائىپە ئارىسىدا بۇنداق ھېكايەتلەرنى يادقا بىلىدىغان بىرمۇ كىشى قالماپتۇ. پېقىرنىڭ بۇنداق مۈشكىل ئىشقا جۈرئەت قىلىشىم شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولدىكى ، ئەگەر بۇ ئىشقا مەن جۇرئەت قىلمىسام ئىدى موغۇل خانلىرىنىڭ  ئەھۋاللىرى ھايات سەھىپىسىدىن پۈتۈنلەي يوقالغان بولاتتى... )1534-  يىللىرى)(‹ّْتارىخىي رەشىدىْْ› ، بۇلاق ژورنىلى ، 2000- يىللىق 2- سان ، 8-  بەت.)« ھازىرقى ۋاقىتتا پەھىملىمەكلىكتە ۋە تارىخ بىلىمى جەھەتتە پەقىردەك كىشى پەقەت ئىراق ۋە ھىندىستاندا بولۇشى مۇمكىن. يوق دېسەم يالغان ئېيتقان بولۇپ قالارمەن. ئەمما سىپاھنىڭ يۇسۇنىنى بىلىشتە ھازىرقى چاغدا مۇسۇلمان ياكى كاپىرلاردا ، بىز كۆرگەن ۋە ياكى ئاڭلىغان يەرلەردە ، يۇرتلاردا مەندەك يىتۈك كىشى يوق. بۇ كىتابتىكىلەر يېزىلىشتىن ئون يەتتە يىل ئىلگىرى تۈركمەنلەر بىزگە دۈشمەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن بىز ئۇلارنى كۆپ ئۇردۇق ، چاپتۇق... بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن تۈرىكمەنلەردىن يىگىرمە مىڭ كىشى ئۆلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە گۇناھكارلىرىمۇ بار ئىدى ، گۇناھسىزلىرىمۇ بار ئىدى... دېمەك ، نەچچە مىڭ كىشى مېنىڭ بۇ سۆزلىگەنلىرىمدىن بىلمىگەنلىرىنى بىلىپ خوش بۇلاربولسا ، ئاللا تائالادىن ئۈمىدىم شۇكى ، بۇنىڭ ساۋابى ، ئەگەر ئۇ قەتىلئامدا گۇناھ ئىشىم بولسا ، بۇ كىتاپ ئۇنىڭدىن غالىپ كەلگەي؛ ئاخىرى ئويلىغىنىم ، بىر كۈنى بىرەر كىشى بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بىلمىگىنىنى بىلسە ، روھىمغا پاتىھە ئوقۇپ قويسۇن ، دېدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتاپنى سۆزلەشكە باشلىدىم. بۇ كىتاپقا ‹شەجەرەئى تەراكىمەْْ› دەپ ئات قويدۇم.ْْ     .....  )مىلادىيە 1663- يىلى. ئوبۇلغازى باھادىرخان،شەجەرىيە تۈركْْ ، مىراس ژورنىلى ، 1999- يىللىق 1- سان،27- بەت)«ّْئەمما بەئىدۋدىن كېيىن  ، مەنكى نامسىز ۋە ئېتىبارسىز بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ماكان تۇتقان بىنىشانلىق كوچىسىدا مەستۈرە ياشايدىغان كەمبەغەل ۋە كەمتەر ، كۆپ ئەيىپلىك موللا مۇسا ئىبنى ئەيسا خوجا سايرامىنىڭ ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىق بىلەن قىلغان ئەرزۇ مەلۇماتىم..... لېكىن مەندەك بىر خارۇزار بىچارە سىيادەت پانا غازىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ، غەلبىلىك جەڭ غازاتلىرىنى ، ئاتلىق پادىشالىق شان-شەۋكەتلىرى ، ھۆكۈمرانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى توپلام قىلىپ يېزىپ چىقىشقا قانداق جۈرئەت قىلالايمەن؟ بۇ دۆلەت ئىگىلىرى ھەققىدە قانداقمۇ پېتىنىپ سۆز ئېچىش مۇمكىن؟ مەندەك نام-نىشانسىز بىچارە ئۇلارنى ئوخشاش ئورۇن ۋە مەرتىۋىسى پەلەككە يەتكەن ئالىي پادىشاھلارنىڭ قىسسە ۋە داستانلىرىنى قانداق يول ۋە مۇناسىۋەت بىلەن توپلىيالايمەن ۋە قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆز مەرتىبىسىگە لايىق تىل بىلەن قەلەم سۈرەلەيمەن؟ْْ )موللاموسا سايرامى 1917 - 1863تارىخىي ئەمىنىيەْْدىن ئېلىندىھھ) ھەقىقەتەنمۇ بۇ سېلىشتۇرمىدا روشەن كۆرسىتمە بار. بونىڭدىكى سەۋەپ نەدە؟ بىزگە مەلۇمكى ، ئىسلام دىنى ئالتە ئەقىدىگە ھۇل قىلىپ ئىمان ، ئىبادەت ، ئېھساندىن ئىبارەت ئۈچ ۋەج تەرىپىدىن ئەھيا قىلىنغان مۇپەسسىل پەلسەپە. ئۇ تەبىئەت قوينىغا يۇغۇرۇلغان پەلسەپە بىلەن بىللە ئىنسان ھاياتىدىن  ئىلگىرىلا مەۋجۇتتۇر. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ پەلسەپە ئىنسان قەلبىگە تۇغۇلىشىدىنلا قاچىلىۋېتىلگەن ئەمەس. بەلكى ماكان ۋە زاماننىڭ ئىزچىللىقى ئىچىدە شەخس كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا پەيدا بولغان خاس پەلسەپە بىلەن بىللىدۇر. تەبىئىيكى ، مۇنداق قىسمەت ئىنسانىيەتكە ئۆزلۈكسىز ھالدا تۈگىمەس سوئاللار قويۇپ ، ھەممە ئادەمنى پەلسەپىگە مۇھتاج قىلىپ كەلگەن. شۇڭا تارىخ بېتىنىڭ  ھەممە يېرىدە  پەلسەپە بار ئىدى. بۇ ئۇچ پەلسەپنىڭ قانداق ھالەتتە بىر يەردە تۇرغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنەتتى.« ئاخىرقى نەتىجە جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇن تۈركلەر ئەرەپ سەيياھلىرى ئىبنى فازلان ، ئەبۇدۇلەف ۋە مەرۋەزلەر خاتىرىلىگەن يۈزەكى خاتىرىلىرىدىكىدەك بىرەر ئىش قىلغاندا ئۆز ئەقلىگە مۇراجەت قىلىدىكەن.ېچقانداق نەرسىگە ئىبادەت قىلمايدىكەن ، چوڭلىرىنى رەب دەيدىكەن. بىرەيلەن باشلىقىدىن بىر نەرسە سورىسا ، ئونىڭغا ئەي رەببىم بۇنى قانداق قىلاي؟ دەيدىكەن. ئۆز ئىچىدىكى ئىشلىرىنى مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.  ئەمما بىر ئىشقا كېلىشىپ ئونى ئىشلەشكە قارار قىلىشسا ، ئۇلاردىن ئەڭ تۆۋەن تۇرىدىغان ۋە ئەھمىيەتسىز بىرى كېلىپ كېلىشىملەرنى بۇزۇۋېتەلەيدىكەن»(ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسىْْ ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى ، 1988- يىللىق 4 - ، 5 -سان)«ئۇلاردىن بىرى ئۆلسە ، ئونىڭ ئۈچۈن ئۆيدەك بىر ئورا كولاپ ، جەسەتكە كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ ، بەلتاسما ۋە ئوقيالىرىنى ئېسىپ ، قۇلىغا شاراپ تولدۇرۇلغان بىر چۆچەك تۇتقۇزۇپ ، ئالدىغا شاراپ بىلەن تولدۇرۇلغان ياغاچ كۈپ قۇيۇلىدىكەن. ئاندىن پۈتۈن شەخسىي ئەشيالىرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ ئۇرۇنغا قۇيۇدىكەنْْ.»(ّْئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسىْْ ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ، 5-  سان ، 13-  بەت)  « خەلق ئىچىدە قاغىنۈن دېگەن بىر ئادەم بولۇپ ، ھەر يىلى بەلگىلىك بىر كۈندە بۇ ئادەم چاقىرىلىپ ، ناخشىچىلار ، چالغۇچىلار ۋە شۇلارغا ئوخشاش ئادەم توپلىنىدۇ. ئۇلار ئىچىپ كۈڭۈل ئېچىشقا باشلايدۇ. سۇرۇن تازا قىزىغاندا ھېلىقى ئادەم ھوشىدىن كېتىپ ، تۇتقاقلىقى تۇتۇپ قالغان ئادەمدەك يىقىلىدۇ. ئۇ شۇ ھالدا تۇرغاندا يېڭى بىر يىلدا بولىدىغان ئىشلار سورىلىدۇ ، ئۇ يىلنىڭ مولچىلىق ياكى قەھەتچىلىك ، ھۆل  يېغىن ياكى قۇرغاقچىلىق بولىدىغانلىقى ، خۇلاسلاپ ئېيتقاندا يېڭى يىلدا نېمىلەر بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلىدۇ»(رىسالە ، ئەبۇ دۆلەف ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى،- 4  ، 5  -سان ، 49-  بەت.©«ھھّْتاملىرىدا مەشھۇر ھۆكۇمدارلارنىڭ رەسىملىرى بولغان ئىبادەتخانىلىرى بار ئىكەنْْ.»(ّرىسالەْْ ، ئەبۇ دۆلەف،- 4 ، - 5  سان،- 46  بەت.©«ھھّْھۆكۈمدارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق ياشتىن ئاشقانلار ئولتۇرالايدىكەنّْ»   (رىسالەْْ ، ئەبۇ دۆلەف،- 4 ، - 5  سان  ، 46 - بەت)دەپ سۆرەتلەنگىنىدەك تەسىرات بېرىدىغان خەلقلەر ئىدى. تۈرلۈك مەلۇماتلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، تۈركلەر تەبىئەت پەلسەپىسى ھەققىدە مۇپەسسىل شەرھىلەر ياراتقان خەلقلەر بولمىسىمۇ ، ئەمما تەبىئەت ئىنتىزاملىرىغا قەتئىي بوي بەرگەن مۇپەسسىل پەلسەپىگە ھامىلدار ، تەبىئەت تەقەززاسىغا سەزگۈر ، خاس پەلسەپىنى ئاساسىي مىلودىيە قىلغان ئەقلىي مىللەت ئىدى. كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ۋە ئاۋۇللار ئاساسىدا تەشكىللەنگەن ھاياتلىق بىرلىكلىرى بونداق بولۇشقا تۈپكى تۈرتكە ئىدى. تەبىئىكى ، بۇ ئۇمۇمى گەۋدە ئىچىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىكنى قۇۋەتلەيتتى. تۈركلەر 7-8 ئەسىردىن بېرى مۇشۇ ھۆكۈمەتسىزلىكنىڭ دەردىنى ھېس قىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئونى ئوڭشاشنىڭ يۇلىنى تاپالماي كەلدى. ئەلۋەتتە بۇنداق چاغدا ياكى ئۇلۇغ،بىر پەيلاسوپ چىقىپ خەلقنى يېڭى قىممەت ئۆلچەملىرىگە قايىل قىلىشى ياكى مېنىڭ توغرا ، ئىشلار موشۇنداق بولۇشى ، كېرەك دەيدىغان كەسكىن ھۆكۈمداردىن بىرسى چىقىپ ، قىلىچ،بىلەن ھەممىنى ئۆز ئاغزىغا قارىتىشى لازىم ئىدى. بىراق ، بۇ خىل تارىخىي تەقەززالىق تۈركلەرنىڭ جېنىغا تازا بەك پېتىپ كەتمىدى. ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتقان نوپۇسقا تەقسىملەنگەن يايلاقلارنىڭ بارا-بارا تارلىق قىلىشى ئۆز ھۈكۈمرانلىرىغا يېڭى -يېڭى مۈشكۈل مەسىلىلەرنى تاشلاپ،ھەرقانداق ئەنئەنىۋى ھاكىمىيەت قابىلسىزلىق قىلىدىغان بولدى. بۇ چېچىلىپ كېتىشنى ئۆڭشاش تەقەززالىقىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى قاششاڭلاشتۇرۇۋەتتى. «بەگلىرىدە ، خەلقىدە ساداقەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن... ئىنى بىلەن ئاكىنى ئۆچمەنلەشتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ، بەگلەر بىلەن خەلق ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۈرك خەلقى تىكلىنىپ بولغان دۆلىتىدىن مەھرۇم بولۇپتۇ. دۆلىتىدىن ، خاقانىدىن ئايرىلدى. بەگ بۇلىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولدى. خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى »(كۆلتىگىن مەڭگۈ تىشىْْ ، شەرق تەرەپ ، 6-  قۇر)دېگەندەك ئوي بولغان يەرلەردە مانى دىنى ، بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ مۇقەررەر زور ئۈنۈم كۆرسەتتى. چۈنكى ، ھەرقانداق ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىك تەرتىۋى بىر بولسا زورلۇق كۈچ بىلەن تەستىقلاندۇرۇلىدۇ ، بىر بولسا ئېتقاد بىلەن تەستىقلاندۇرۇلىدۇ. شۇڭا بۇ دىنلارنىڭ ھەربىي كۈچ بىلەن ئورگانىك بىرلىشىشى خېلى زور مۇقىملىق ئېلىپ كەلدى. ئىسلام دىنى بىزگە مانا شۇنداق شارائىتتا كىردى.« ئىسلام دىنى يېڭى پەيدا بولۇۋاتقاندا ئۇنىڭدىكى پەلسەپىۋى ھۆكۈملەر خاس پەلسەپىنىڭ )قەلبنىڭ) زاھىرى ۋە باتىنى تەقەززالىقىغا ياغدەك يېقىپ ، ئونىڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتتى. روھى دۇنيا لەرزىگە كېلىپ ، بىلەكلەر كۈچ قۇۋۋەتكە تولدى ۋە ھەزرىتى ئەلى رەزيەللانىڭ دەۋرىگە كەلگەندە سىياسىي تۇرمۇشتا خاس پەلسەپە بىلەن مۇپەسسىل پەلسەپە ئارىسدىكى دەسلەپكى چېقىن چېقىلغاندەك بولدى. لېكىن بۇ ئانچىكىم بىر گەپلەر ئىدى. ئونىڭدىن كېيىن ئىسلام دۇنياسى‹قۇرئانى كەرىم›ْْنى شەرھىلەش ۋە ئۇنى كونكرېت ئەرزلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى مەسىلىنى چۆرىدەپ مېڭىپ ، ئاتالمىش مەدىرىس ئىلاھىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. شەرھى ، فېقىي ئىلىملىرى پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە غەيرىي دىندىكىلەر بىلەن بولغان مۇنازىرە نامىدا ئۈچ پەلسەپە ئۆتتۇرىسدىكى تۇقۇنۇش ئانچە- مۇنچە ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ قارشى تەرەپنى يېڭىشنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمىغان لاگىردا كۆرۈلگەچكە پەلسەپە تارىخىمىزنىڭ بەتلىرىگە ئۇلۇشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بۇلالمىدى. شۇ ئارىدا ئەبۇ يۈسۈپ ياقۇپ بىننى ئىسھاق كىندى دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ دىنداشلىرىنىڭ باشقا خەلقلەرنىڭ ئۇقۇم  ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولغان تەبىئىي توسقۇنلۇقىغا قارشى قىلغان ئەمگىكى ئۇنىڭ پەلسەپە تارىخىدا ئۆزىگە چۇشلۇق ئورۇن تۇتۇشىغا تۇلۇق سالاھىيەت بەردىْْ»(‹ّْئىسلام پەلسەپە تارىخىْْ›دىن ئېلىندى)ئىسلامىيەتتە جىڭغا توختىغۇدەك پەلسەپىۋى ئىزتىراپ شۇنىڭدىن باشلاندى. ئۇقۇملار شۇ مەزگىلگىچە بولغان ئىنسانىيەت مۇتەپپەككۈرلىرىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئىسلام دۇنياسىدىكى پەلسەپە ئىنسانىيەت پەلسەپە ئىجتىھاتىنىڭ چوققىسىدىن ئورۇن ئالدى. كىشلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيدى. شەخسىي كەچۈرمىش ئاساسىدىكىلا ئەمەس ، ئىنسانىيەت كەچۈرمىشى ئاساسىدىكى ، ھەتتا دۇنياۋى مۇتەپپەككۈرلار خۇلاسلىغان پەلسەپىلەر ئاساسىدىكى پەلسەپە پەنلىرىنى ۋە ياكى تەبىئەتنىڭ مۇكەممەل ئىنتىزاملىرى ۋە بۇ ئىنتىزاملارغا بېرىلگەن شەرھىلەرنى مۇپەسسىل پەلسەپە بىلەن ئۇدۇللايدىغانلار چىقتى. بۇ جەھەتتە رازى زەكىرىيا يەنە بىر ناماياندە بولدى. ئۇ چۇڭقۇر قىلىپ «بۈيۈك ئاللا بىزگە ئەقىل -پاراسەت ئىنئام قىلغانكى ، بونىڭدىكى مەقسەت بىزنى بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىكى غايىمىزگە مۇناسىپ مەنپەئىتىمىزنى تاپالايدىغان قىلىشتۇر. ئەقىل بولغاچقا ، بىز زۇۋانسىز ھايۋانلاردىن ئۈستۈن ھىساپلىنىمىز ۋە ئۇلارنى بويسۇندۇرالايمىز ، باشقۇرالايمىز. ئۇنى ئۆز مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمىز. ئەقىل بولغاچقا ئۆز ئورنىمىزنى ئۆستۈرىدىغان ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بىلەلەيمىز. ئەقىل بولغاچقا بۈيۈك ئاللانىڭ بىلىمىگە يېتەلەيمىز»(ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپەدىن ئېلىندى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى)دەپ خۇلاسە چىقىرىپ ، تەبىئەت بىلىملىرى بىلەن دىننى چەمبەرچاس باغلىۋەتتى. ئاللا ئەقىل-پاراسەتنى ئىنئام قىلىپ ھەقىقەتنى تۇنۇشقا ئىمكان بەرگەنىكەن ، ئۇنداقتا كىتاۋى سۆزلەر ئارتۇقچە بولمىغان تەقدىردىمۇ ئادەتتە ئۇ ئەكس تەسىر بېرىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئاللانىڭ ئۆزى ئەتىۋارلىغان خەلقلەرگە ۋەھى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ، ئۆزىنى چوڭ كۆرۈپ ، مۇنداق شەرەپكە ئىگە بولمىغان خەلىقلەرنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ىلەن بولىدىغان ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالىدۇ(ئىسلام پەلسەپە تارىخىدىن ئېلىندى)ھھدېگەندەك مەنىلىك ئىپادىللىرى بىلەن پرىنسىپ جەھەتتىن مۇقەددەس پەلسەپە بىلەن تەبىئەت پەلسەپىسىنى تەڭ ئۇرۇنغا قويدى. ئويلاپ ماڭساڭمۇ ، يادلاپ ماڭساڭمۇ بولىدۇ ، دېدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئونىڭ پىكىرلىرى پەلسەپىۋى سىستېما بولۇشقا مۇيەسسەر بولالمايتتى. شۇ ئارىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئارىستوتېلى ، تۈركلەرنىڭ زەبەردەست ئوغلى فارابى شاھانە قەلىمىنى دەۋر تەختلىرىدە يورغىلىتىشقا باشلىدى. بارلىق پەلسەپىۋى ئۇقۇملارنى ئېنىقلىدى. بارلىق نەزەزىيە ۋە قاراشلارنى جاي - جايىغا سەرەمجانلاشتۇردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ھۇلىنى سالدى. بىز ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى دەپ ئاتايدىغان بۆيۈك ، ئىلىم ئىگىسى دەل مانا مۇشۇ زات ئىدى.  ئەمما ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۈچ ھەقنى يۇقىرىقىدەك بىر يەرگە ئېلىپ كېلىش خاھىشىدا  ماڭمىدى. ئىسلام دىنى ناھايتىمۇ بەدۋى بىر مىللەتنىڭ ئارىسىدا ئېچىلدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ، مىللىي خاراكتېرى دېگەندەك يۇشۇرۇن تەرەپلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايتتى. بونى ئاز دېگەندەك ناھايىتىمۇ مەدەنىي مىللەتلەرمۇ تەستە قۇبۇل كۆرەلەيدىغان ، ئىنسانىيەت   -20 ئەسىردە ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرالىغان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بۇ مىللەتنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھاكىميەتكە تۇيۇقسىز ئۇدۇم بولۇپ قالدى. بەلكىم ئۆمەر رەزيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول بار ئىدى. ئونىڭ بىرى ، رەسۇلىللادىن قالغان ئۇدۇم ئۈستىدە تىك تورۇپ خەلقنى جۇمھۇرىيەتكە ماس قىلىپ تەربىيىلەش ، دەۋرداشلىرىنىڭ سىياسىي تۇيغۇلىرىنى ئوڭشاش. يەنە بىرى ، دەۋرداشلىرىنىڭ ئەينى سىياسىي تۇيغۇللىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا ئىش قىلىش ئىدى. ئوسمان رەزيەللاھۇ ئەنھۇ كېيىنكىسىنى تاللىدى.ەقىقەت بىلەن رىشتە باغلاپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتەك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ تۈپكى ئالاھىلىكىدىن داجىپ شەكلەن ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئورۇق  تۇققانچىلىق رشتىسىنى ئاساسىي يىپ قىلدى. ئالدىنقى ئىككى خەلىپە دەۋرىدىكى دىمۇكراتىك كېڭەش تۈزۈمى تاختا بېشىدا قالدى. ئومەۋىيە ئورۇقىدىكىلەرنى مەركەز ۋە يەرلىكتىكى مۇھىم ئورۇنلارغا قويدى ۋە ئۇلارغا زور كۆلەمدە سۇيۇرغانلىق بەردى. بۇ خىل ھاكىمىيەت ئىستىلى  ساھابىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك مۈلكى لەشكىرىي  ئەمەلدارلارنىڭ كۈچلىك نارازلىقىنى قوزغىدى. جەمئىيەت  مۇقىملىقى بۇزۇلدى. رەبەرلىك قاتلىمىدىكى زىدىيەتلەر ئاۋۇپ كەتتى. 656-يىلى ئوسمان رەزيەللاھۇ ئەنھۇ زەردىسى قاينىغان بىر مۇسۇلماننىڭ قولىدا دۇنيادىن كەتتى. ئوسمان رەزيۇللا ئەنىھۇ قەتلە قىلىنغاندىن كېيىن،مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەلىنى 4 -خەلىپىلىككە سايلىدى.ەزرىتى ئەلى ئوسمان رەزيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى تۈزەتمەكچى بولدى. لېكىن بۇ ماھىيەتتە ئوسمان رەزيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر قېتىم تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن ئەنئەنىگە بولغان تۈزىتىش ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ جەھەتتە تۆزۈك نەتىجە قازىنالمىدى. مۇئاۋىيە ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى ، يەنە كېلىپ روھىي دۇنياسى ئەنئەنەۋى قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە بولغانلىق بىلەن ئۆزىگە ئەقىدە قىلىدىغان كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەندى.