-
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(9) - [ئىجتىمائى مەسىللەر]
بۇنداق ئەھۋال ئىسلامىيەتنىڭ ناھايىتى ساغلام كېتىۋاتقان تەرەققىياتىغا مەرەز چېچىۋەتكەندەك بولدى. 661- يىلى ھەزرىتى ئەلى مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ئۇرۇش -جېدەلگە قويغان مەنبەلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا بەل باغلىغان بىر ياشنىڭ قولىدا جان بەردى. شۇ يىلى جېنى ئامان قالغان مۇئاۋىيە ئەرەپلەرنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتاپ ، ئوماۋىيە خاندانلىقىنى قۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن سايلام ئارقىلىق بۇلىدىغان خەلىپىلىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قېلىپ ، ئىسلامىيەت تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندىكى بىيئوكرات تۈزۈمىگە ئەلەيكمۇللاْْ دېدى. ئومۇمىي خەلقتە ساپا ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدىغان بۇ ئالتۇن ئاچقۇچ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالتون قاپلىنىشتىن ئىلگىرىكى ، يەردىن بىر غېرىچچە كۆتۈرلۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ قەبرىسى ئۈستىگە تاشلاپ قۇيۇلدى. مۇئاۋىيە پارس ۋە رۇملۇقلارنىڭ خاقانلىق يوسۇنى بۇيىچە ئىسلام ئاپپاراتلىرىنى قايتىدىن تەشكىللىدى. شۈنچە كۆپ زىددىيەت ، شۇنچە كۆپ ئىشلار ھېچ نەرسىنى ئويلىماي ئات چېپىپ ، قېلىچ ئوينىتىۋاتقانلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. يېڭى بىر كەچۈرمىشتىكى سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش زۆرۈرىيىتى زورىيىشقا باشلىدى. مۇسۇلمانچىلىق ، تەقۋالىق ئەمەلىيەتلىرى ۋە دەۋالىرىنىڭ پەرقلىقلىقى بارغانسېرى كۆزگە تاشلاندى. تۈرلۈك -تۈرلۈك چۈشىنىشلەر بازارغا چۈشتى ۋە توغرىسىنى تېپىشقا ئىجتىھات قىلغانلار قاتلاملار بويىچە پەللىگە يەتتى. ئىمام بۇخارى 1080 ئادەمدىن 600 مىڭ ھەدىس توپلاپ قاتتىق دەلىللىگەندىن كېيىن ، ئاساسىي قانۇن ھىساپلىنىدىغان «ّْسەھىھۇل بۇخارىْْ» ناملىق كىتاپنى يېزىپ تاماملىدى. ئىمام مۇسلىم 300 مىڭ ھەدىستىن شاللاپ «ّْسەھىھۇل مۇسلىم»ْْنى يۇرۇقلۇققا چىقاردى. 9- ئەسىرگىچە يەھيا. بىننى. سالام تەبەرى قاتارلىقلار قۇرئان كەرىمْْگە مۇپەسسىل تەفسىرلەرنى يازدى. زور فىقىھ ئىمام شافى ئىسلام قانۇنىنىڭ قۇرئان كەرىمْْ ، ھەدىس ، كېڭەش ۋە قىياستىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەنبىئى توغرىسدىكى سېستىمىلىق تەلىمىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ فىقىي ۋە شەرىئەت ئۈچۈن ئاساس سالدى. ئاللانىڭ ئىرادىسى سۈپىتىدە شەرىئەت ، ئىسلام قانۇنى توغرىسىدىكى بىر دىننى ئىلىم سۈپىتىدە فىقىي مۇپەسسىل ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئىسلام قانۇنى )شەرىئەت) گەرچە خەلق ئىشلىرىنى ئاساس قىلسىمۇ ، لېكىن ئۇ دۆلەت ئېلان قىلىدىغان مەجبۇرىيەت ۋە ھۇقۇق توغرىسىدىكى قانۇن ئەمەس ئىدى. دۆلەت كۈچىنى ئۆزىنى تەستىقلىتىدىغان ئاخىرقى كۈچ قىلمايتتى. ئۇ ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ، ئادەملەر بىلەن جەمئىيەت ، دۆلەت ئارىسىدا ئەھدىقىلىنغان قانۇنىي مۇناسىۋەت ئەمەس ، بەلكى ئاساسلىقى ئېتىقادلىق ئادەم بىلەن ئاللا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىدى. يەنى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىش باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەھدىنى بۇزغانلىق بولۇپلا قالماي ، ھەممىدىن مۇھىمى ، ئۇ ئاللا قانۇنىي جازانى ۋەدە قىلغان ئىنسانلىققا كۆرىلىدىغان ، لېكىن ، ئادەمىيلىككە توغرا كەلمەيدىغان ئىش ئىدى. شۇنداق قىلىپ دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۆتمۈشىدىكى بەلگۈلىگۈچى ئورۇندىن بىراقلا ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنغا چۈشتى. دۆلەت ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن ئاۋامنى ئويۇشتۇرۇش كۈچىدىن زور دەرىجىدە قالدى.دىنىي ئىلىم ھەرقايسى جەھەتتىن مۇپەسسىلىشىۋاتقان مەزگىل يەنىلا ھەركىم ھەر نېمە دەۋاتقان ، ئىزدىنىشكە تولغان مەزگىل ئىدى. ساھابىلەرنىڭ خاس پەلسەپىلىرى )قەلىبلىرى) ئىزدەۋاتقان نەرسە دىندىن تېپىلىپ كۈچ پەيدا قىلغان تارىخ ئالىقاچان ئۆتمۇشكە ئايلانغانىدى. ئەمدى بۇ دەۋرلەردىكى ئادەملەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى «ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ» ئىمان-ئېتقادنىڭ دەرىجىلىرى ئاددىي كىشىلەر يۈكسەك ساپاغا مۇيەسسەر بولالامدۇ -يوق ، ئىدىئال ھايات ۋە ماتېرىيالىستىك ھايات ئارىسىدىكى زىددىيەت دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن تولغان بولۇپ ، ئۇنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى خۇلاسىلىرى ئۇنداق ئاسانلا دىنىي پەلسەپە بىلەن ئارىلىقسىز بىرلىشىپ كېتەلمەيتتى. شۇڭلاشقا دىن ھەرقايسى جەھەتتىن مۇپەسسىل تىكلەنگەن ۋە ئۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇمۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئىسلامدا ساھابىلەر دەۋرىدىكى كەيپىيات يەنىلا پەيدا بولمىدى. «خۇددى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ جەمەتىدىكى ئابباسىيلار خەلىپىسى ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىكى ۋۇجۇدقا بەرھەق ھېساپلىنىدىغان ھوقۇق ئوغرىلىرىنى جازالايلى! ئاللانىڭ زېمىندىكى شولىلىرىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇۋالايلى! دېگەندەك شۇئارلار بىلەن ئومەۋىلەر خاندانلىقىنى غۇلىتىپ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ جەمەتىدىكى ئابباسىلار خەلىپىسى ئىسلام دېمۇكراتىيىسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغانلىقىنىڭ مىسالى بولۇپ قالغىنىدەك بۇ مۇپەسسىللىكمۇ چاما ئۆزنىڭ دېمىنى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەندەك رول ئوينىماي قالمىدى.پۈتكۈل جەمىئەت ۋارىس يېتىشتۈرۈش ماھىيىتىگە پاتتى. قەلب پەلسەپىسنىڭ ئۈمىدسىزلىشىشى ئىجرا قىلغۇچى ھاكىمىيەتنىڭ قىلدىغانغا ئىش تاپالماي چۈشكۈنلىشىشى ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاخىر پارچە - پارچە بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. زور كۆپچىلىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى مۇسۇلمانلارنى ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىدىغان ، مۇنازىرە جېڭى ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك مەزھەپلەرگە ئاجراتقۇچى دىنى تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى بازارغا سالدى. ئەينى چاغدا ئۇلار گەپدانلارنى ئىشقا سېلىپ توختاۋۇسىز تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ باردىْْ.»ّ(ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپەْْدىن ئېلىندى)دەل مۇشۇ چاغدا تۈركلەر مىللەت مىقياسىدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى ۋە يۇمشاپكەتكەن بىلەكلەردىن ئىسلامنىڭ قېلىچىنى قۇلىغا ئالدى. لېكىن مەدەنىيەت ئۇچرىشىشىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلىمىزمۇ ، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلىمىزمۇ؟ دەيدىغان نېگىزلىك سوئال ئەتراپىدىكى پەلىسەپە ئۆز تۇغى ئەتراپىغا تالانت ئىگىلىرىنى يىغالمىدى )بەلكىم بۇ تۇرغۇچتا «ّْقۇتادغۇ بىلىگْْ» يىگانە ئەسەر بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن) ، كېيىنكى يىللاردىكى ساھىپ قىرانىمىز ئەمىر تومۈر مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن تۈرك يېزىقى يۈرگۈزۈپ ، ئۆزىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ بۇ شائىرلارنىڭ تۈركىي تىلدا ئاھ-پاھ دەپ شېئىر ئوقۇش خاھىشىغىلا تەسىر كۆرسىتەلىدى. ئۇ پىكىر ساپاسى جەھەتتىكى ۋارىسلىق تۈپەيلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يەنىلا قول - ھۈنەرۋەنلەرنى سەمەرقەندكە توشۇدى.ەسسەنە ، شۇنىڭ ئورنىغا ئۇ لەك-لەك پەيلاسوپلارنى تۈرك مەدەنىيىتىدىن ئۇچقۇندىغان ئاشۇ سوئاللارنىڭ تۇغى ئاستىغا توپلىغان بولسا - ھە! شۇنداق قىلىپ بۇ مۇنەۋۋەر خاقانىمىزنىڭ نامى خەلقىمىز تىلىدا «ّْئاقساق تومۈرْْ» دەپ ئاتىلىپ ، تۆت كۇبلىت شېئىردىن باشقا بىرنېمىسى يوق ئاشۇ زەيپانە شائىرلارچىلىك ھۆرمەتكە ئىگە بولالمىدى. ئۇنىڭ قەلبى مىللىي ئاڭنى بىرقېتىميۇرۇتۇپ ئۆچتى. بەس! بۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى.بەلكىم مۇشۇنداق بىر دەۋرلەردە غەززالىدەك زات چىقمىسا بولمايدىغان بولغىيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆز دەۋرىدە ھەرقايسى ئىلىملىرىدە كامالەت تاپتى. پەلسەپىۋى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئەھيايى ئۆلىمىدىنْْ ، پەيلاسوپلارنىڭ زىدىيىتىْْ ، نىجاتلىق يۇلتۇزىْْ ناملىق مەشھۇر پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى ياراتتى. دىنى ئىلىمدە توشقانلىقى بىلەن «ھۆججەتۇل ئىسلامْْ» دەپ نام ئالدى. ئۆزىنىڭ جاھانشۇمۇل تەتقىقاتىدا دىنىي ئىلىمگىغۇ ئاللادىن چۈشكەن تارازا بار ، لېكىن ئەقىل مىۋىلىرى بولغان ئىلىملەرنى نېمە ئۈچۈن ئىلىم دەيمىز؟ باشقىلارنى قايىل قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ناۋادا بىرسى ئوخشاش بىر ئىش توغرىسىدا ئونىڭدىنمۇ بەكرەك ئادەمنى قايىل قىلىدىغان سۆز تىزمىسىنى كۆتۈرۈپ چىقسا ، ئۇنداقتا ئالدىنقىسى ئىلىم دېيىلمەي قالامدۇ؟ ئۇستىلىق بىلەن قىلىنغان گەپتانلىق ئىلىمنىڭ سالاھىيىتى ئەمەس دېيىشكە نېمە ئاساسىمىز بار؟ ئەقىل بىلەن ماكان ۋە زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مەڭگۈلۈك ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشكىلى زادى بولامدۇ - يوق؟ دەيدىغان سوئاللارغا ئۈسىدى ۋە بۇ مەسىلىدە گالېلىيچىلىك بولالمىدى. ئاخىر ئەقىلدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. شۇنىڭدىن ئېتبارەن غەززالى كەيپىيات جەھەتتە ھەرقانداق ئەقلىي ئىلىملەرنى بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇش دەپلا بىلىدىغان بولۇپ قالدى. خۇددى «ّْئۇ سېنىڭ چۈشەنچەڭْْ» دەيدىغان بىر گەپ ، چۈشەنچىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئانچىكىم نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەندەك ، يۇقىرىقىدەك بىلىشمۇ غەززالىنىڭ نەزىرىدە ، ئەقلىي ئىلىملەرنىڭ كۇرسىنى بەك چۈشۈرىۋەتتى. ئۇ بۈيۈك مۇتەپەككۈرلۈك قەلىمى بىلەن بۇ تۇيغۇلارنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تېگى - تېگىدىن ئاچتى. دىنىي مەيداندا تۇرۇپ شۇ زامانغىچە كەلگەن ئەڭ بۈيۈك پەيلاسوپلاردىن ئارىستوتېل ، فارابى ، ئىبن سىنادىن ئىبارەت مۆھتەرەملەرنىڭ پەلسەپىۋىي ھۆكۈملىرىنى ئاساسەن ئۇسۇلى ، مىزانى ۋە جەريانلىرىدىن ئاجرىتىپ تۇرۇپ باھالىدى. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا پەلسەپىنىڭ بۈيۈك ئۇستازلىرىدا بىدئەتلىك بار دەپ جاكارلىدى.ەممىدىن يامىنى پەيلاسوپلار ئىسلام ئېچىش كۆرەشلىرىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇقاملىرىدا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ قوراللىق سۈپىتىدىكى ئوبيېكتىپ ئەھمىيىتى بىلەن قەدىرلىنەتتى. ئەپسۇس ، خرىستىيانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى غەيرىي رەسمىي تەن ئېلىپ رىقابەتچىلىكتىن قېلىش تۈپەيلى مۇشۇ دەۋرلەرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ بۇ ئوبيېكتىپ ئەھمىيىتى چېلىقمىغىلى تۇردى. شۇنداق شارائىتتا بۇ ھۆكۈم تېخىمۇ بەك ئۇجۇقتۇرۇش پەتىۋاسى بولۇشتەك رولىنى ئوينىدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ، بۈيۈك پەيلاسوپ ھېساپلىنىدىغان غەززالىنىڭ ھۆكمىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى چەمبەرچاس باغلاپ تۇرۇپ ئويلاشمىغىنى ، نەدە چاتاق بولسا ، شۇ يەرگە تەگمىگىنى ، ئۈچ پەلسەپىنى باغلايدىغان ، ھېچقايسى تەرەپكە پرىنسىپسىز ئېغىپ كەتمەيدىغان ، پەيلاسوپلاردىكى روھى پەزىلەتنىڭ ئىززىتىنى غەيرىي رەسمى بولسىمۇ قىلمىغىنى زور خاتالىق ئىدى. ئەقىلدىن كۆڭلى قالغان غەززالىنىڭ دۇنياسىدا ھېسسىيات قالدى.اكىمىيەتتىن ، ئىجتىمائىي ماھىيەتنىڭ چىرىكلىشىشىدىن سەسكەنسىمۇ ، بۇنى ئوڭشاشنى ئاللانىڭ ئۆزىگە تاپشۇرۇپ يەڭگىللىگەن ، ھويلا ئاراملارنى بىر مەزگىل تازىلاپ بېقىپ كېيىن بولۇشىچە بولمامسەن دەپ تاشلىۋەتكەن بولۇمسىز خوتۇنلاردەك ، ۋەتىنىدىن ۋاز كەچكەن ، پەقەت تىجارىتىنىلا ئويلايدىغان سودىگەردەك ، ئاللاغا ئىبادىتىنى تىزىملىتىش بىلەنلا ئۆتۈۋاتقان تەركى دۇنيا كىشىلەر ئىسسىق كۆرۈندى. ئونىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئېيتقاندا ، ئۇ قاتتىق زىدىيەتلەردىن كېيىن ، ئۆزىگە ئەقىلنىڭ كۈچىدىن ئەمەس ، بەلكى ئاللانىڭ نۇرىنىڭ دىلىنى يۇرۇتقىنىدىن قايتىپ كەلدى. بىلىم توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ھەقىقىي بىلىم ئىنسان قەلبى،ئەيىپلەردىن تازىلانغاندا چاقنىغان بىر خىل نۇردىن ئىبارەت. موشۇنىڭ بىلەن ئاللانىڭ زاتى،پەزىلىتى ، ئەسلىي پانى ئالەم ۋە باقى ئالەمنى ياراتقان بۈيۈك پاراسەت ھەققىدە ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇْْ(‹ّْئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپەْْ›دىن ئېلىندى)دەپ ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ سوپىلىق تەرىقىتىگە كەڭ يول ئاچتى. ئىلھام ئەڭ ئاساسى ، ئەڭ ئىشەنچىلىك بىلىم ئېلىش ۋاستىسى بولۇپ قالدى. سوپىلارنىڭ ئىشقى غەزەللىرى ۋە ئىلھام بىلەن باغلانغان شېئىر ، قوشاقلار تەرەپ تەرەپتە ياڭراشقا باشلىدى. ئەكسىچە 1155- يىلى خەلىپە مۇقتەدىر مانا موشۇ غەززالىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن فارابى ، ئىبن سىنا ، سادىق قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بارلىق كىتابلىرىنى چەكلىدى ۋە كۆيدۈردى. 1195- يىلى ئىسپانىيە ئالمۇداۋدېس خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى مەنسۇر يەنە بىر قېتىم پەلسەپە كىتاپلىرىنى كۆيدۈردى. شۇنداق قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، مەنىۋى غازىتىنىڭ بوبىسى شۇنىڭ بىلەن پۇچۇلدى. شونىڭدىن 500 يىل ئۆتۈپ ئاپئاق خوجا بۇ تارىخىي يۇمۇرنى قايتا بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئۇنداقتا تۈپ نۇقتىدىن مەجازى ئېيتقاندا بىز يولنى قانداق ماڭدۇق؟ بىر كۈنى بىر بۇرادىرىم بىلەن خوتەنلىك بىر باينىڭ خوتەن نامراتلىرىغا 50-60 مىڭ يۈەن زاكات تارقاتقانلىقى توغرىلىق سوزلىشىپ قالدۇق. ئۇ بۇنى دىيانەتنىڭ بەلگىسى ، مۆمىنلىكنىڭ سۈننىتى دەپ مەدھىيىلىدى. دۇرۇست ، ئىسلام ئەقىدىلىرىدە بۇ پۇلنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاشۇنداق خاتىرىلەنگەن ئىدى. ئەمما ، بۇ ماڭا دوگمىلىق بىلەن قىلىنغان بىچارە ياخشى كۆڭۈلدەك تۇيۇلدى. چۈنكى ، مەن بىر سىستېمىدىكى ئايرىم ھالقىلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ ئولتۇرغۇچە ئاشۇ سىستېمىنىڭ نورمال ئايلىنىشى ئۈچۈن ئەمگەك سىڭدۈرسەك بولمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئېتىزلىرىنىڭ قاغجىراپ كەتكەنلىكىگە ھامىنى ئىچ ئاغرىتقاندىن كېيىن ، مۇنداق قىلساڭ ئېتىزلىقىڭغا سۇ كېلىدۇ دېسەك ياكى شۇ پۇلنى مۇشۇنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خەجلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ؟ چۆلدە قالغان مىڭ يولۇچىغا ئۇماچ تارقىتىپ يۈرگىچە نەچچە يۈز ۋاگۇننى سۆرەپ يۈرگۈچى بىر بۇقىغا يېقىلغۇ ئىزدىسەڭ بولمامدۇ ، دەيتتىم. ئەمەلىيەتتە ئىككىيلەننىڭ كۆزلەۋاتقىنى بىر ئىدى. پەقەت بۇ بۇرادەر « شەخسْْ» ئۇقۇمىنى چۆرىدەيتتى. مەن ئىجتىمائىي جەمئىيەت سىستېمىسىْْ ئۇقۇمىنى چۆرىدەيتتىم. گەرچە تەدبىرگە قۇدرەتلىك كىشىلەردىن بولغان بولساق ، بۇ ئەقەللىي ئادەمىيلىك ھەققىدە مۇنازىرلىشىش چۈپەيلىك سانىلىدىغان بولسىمۇ ، لېكىن سۆبەتدىشىمنىڭ تەپەككۈر ئەندىزىسىنى تولۇق كۆرۈپ بېقىش مەقسىدىدە ئىككىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى قەستەن قارىشلاشتۇرۇپ ئۇنى گەپكە سالدىم. ئۇ ئاجىزلىق قىلىپ ئاخىرقى ھېسابتا قۇرئان ۋە ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن دەپ چاپاننى تەتۈر كىيىپ چىقتى. مەن تۇرۇپلا تارىختىكى باتىنىلار بىلەن زاھىرىلەرنىڭ مۇنازىرىسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۆزۈمچە كۈلۈپ كەتتىم. مانا بۇ تارىخىمىزنىڭ ناھايىتى قىسقا كۆرۈنۈشى ئىدى. ئەلۋەتتە بىز بۇنىڭدىن سەۋىيىلىكرەك بولغان بولساق بۇ مۇنازىرە بولمايتتى. بىراق ، ئۇزاققا سۇزۇلغان ئاشۇ تارىخلارنىڭ قانچىلىكى بۇنىڭدىن سەۋىيىلىكرەك بولالىدى؟ بۈگۈنكى ماۋۇ زاماندا مۇستەھكەم مۇنازىرە قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئاچچىقىدا ھېلىمۇ سالغان داستىخىنىمنى ئۆرۈۋېتىپ ، «ھۇ ، جوھۇتْْ» دەپ مېنى ئۇرۇپ كەتمىگىنى بىلەن ، قايسىبىر جاھان ئەھلىمانا مۇشۇنداق مۇنازىرىدىن كېيىن مانا مۇشۇنچىلىك ئولتۇرالىدى؟بىز يولنى مانا مۇشۇنداق ماڭدۇق. شۇنداق قىلىپ يۈرەكنى مىزان قىلىپ پەلسەپە تىكلەش تەبىئەت ئىتىزاملىرىدىكى مۇكەممەللىكلىرىنى تېپىش ۋە ئۇلارنى دىندىكى مۇپەسسىل پەلسەپە بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە مۇشۇ جەرياندا تەسلىمچىل ھالەتتە ئەمەس ، ھەققانىي مەيداندا تۇرۇشتەك مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى پەقەتلا قارشى ئېلىنماس بولدى. شونىڭ بىلەندەۋر شەيئىلىرىنى يېتۈك جايلاشتۇرۇش ۋە مۇشۇ جايلاشتۇرۇش ئاساسىدا كېسىم قىلىشتەك تۈپكى ھۇقۇق پرىنسىپ جەھەتتە قولىمىزدىن كەتتى. زامانىمىزدىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى قانداق سەرەمجانلاشتۇرغانلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر رىئال تۇرمۇشىمىزدىكى نۇپۇزلۇق ھۆكۈملەر باشقا بىر مەنبەدىن كېلىدىغان بولدى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پىكىر ئەندىزىسى پەتىۋاغا سېلىشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتتىكى ئەھۋاللار ئاساسىدا كېسىم قىلىش ، رېئال ھادىسىلەرنى رىئاللىقتىن يۇلۇۋېلىپ ئويلاش ئىستىلى ئاسارىتىدە قالدى. بۇ ئىنسان ئۆگەنمىسىمۇ ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن بىلىملىك بولالايدۇ، ئاللا ئۆزى خالىغان كۈنى «ّْئاغزىڭنى ئاچْْ» دەپ ئاغزىغا ئىلىمنى پوككىدە تاشلاپ بېرىدۇ ، كەلگۈسىدىن ، جەمىئەتتىن غەم قىلىش ھاجەتسىز ، ئاللا ئىشلارنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، ئۆزى پەرۋىش قىلىدۇ ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ دۈشمەنلەرنىڭ كاللىسىنى ئالسىمۇ تۇيمايدىغان قىلىۋەتكىلى بولىدۇ ، دېگەندەك يارالمىشلارغا پەزىلەت ياساپ تاڭىدىغان دەرىجىگىچە بېرىپ يەتتى. گەرچە ئىسلام پەلسەپەسى ئاللىقاچان ئاللا ئىنسانغا ئىككى نەرسە بەردى: بىرى ، تەبىئەت دۇنياسى ، يەنە بىرى،« قۇرئان كەرىم»دېگەن گەپنى قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ كېيىن يۇقىرىقىدەك گەپلەر بولۇنۇۋاتقاندا ئايەتلەرنى ئۆزگەرتىش كۇفۇرلۇق بولىدىكەنۇ تەبىئەت شەيئىلىرىنى ، قانۇنىيەتلىرىنى بۇرمىلاش كۇفۇرلۇق بولمامدۇ؟ دەپ ئويلايدىغانلار چىقمىدى. دوگمىلىقنى پەقەتمۇتھەملىك ، نىمجانلىق ، نامەردلىك ، تاماخورلۇقلا قوللايدىغان بولغاچقا ، پەزىلەتسىزلىكنىڭ بۇ مىساللىرى كەڭ يامراپ كەتتى. بالا بولساڭ شوخ بول ، بولمىسا يوق بولْْ ، ئەربولساڭ جاھان كەزْْ،« موللا كۆپ بولسا مال ھارام بولىدۇْْ» دەيدىغاندەك گەپلەر رەسمىي سۇرۇنلاردا ئەمەس ، بەلكى بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا ئېيتىلىپ قېلىۋەردى. رەسمىي قىلىپ ئېيتساق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىرىكلىكنى سىلىقلايدىغان ، يېرىقنى يامايدىغان پەيلاسوپلارغا بولغان تەقەززا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە سۇسلىدى. ئاۋام شەخسكە تەئەللۇق ئۆي - ماكانلاردىن تەدرىجىي ئايرىلدى. يۈرەكلىرىنىڭ دۈپۈلدەشلىرىنى دەككە-دۈككە بولماي ئاڭلىيالمايدىغان بولدى. پۈتكۈل جەمئىيەتكە سوت مەيدانىدىكى سوتچىنىڭ كەيپى چېچىلدى. كىشىلەر ئۆز چۈشەنچىلىرى بويىچە قاشا ، لايىق تاپقان تارازىلىرى بىلەن قوۋۇق ياساپ گىرەلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتنى سېپىللار بىلەن ئاجرىتىشقا باشلىدى. روھى بېكىنمىچىلىك ، ھەربىي تۇرمۇش ئىستىلى كۆرۈلگىلى تۇردى. تېخىمۇ يامان بولغىنى مۇشۇ ھالغا زۆرۈر بولغان پەيلاسوپلۇقنىڭ يەكلىنىشى بىلەن بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كەتتى. ماھىيەتتە پەقەت ھەرقايسى قورۇقلاردىكى تۈپ ئۆلچەمنىڭ پرىنسىپ جەھەتتىن ئورتاق بولۇپ بەرگىنى يېگانە قالدى. بىر پۈتۈنلۈك بارا -بارا پارچىلىنىپ كەتتى. بۇنداق زىل ۋە جىددىي كەيپىياتقا سوپىلىق تەلقىنلىرى ، ئىشق غەزەللىرى ، نەچچىنى قاتلاپ ئالسا بولىدىغان خوتۇنلار ، ئەلۋەتتە بىر سىممىتىرىك ھەمراھ ئىدى. كىشلىك جۈرئەت ، كىشلىك قۇدىرەت ، كىشلىك ئىززەت دەپسەندە بولدى. ئىسلام مائارىپى تۆۋىنىدىن تارتىپ ئالىيسىغىچە قۇيمىچىلىق مائارىپىغا ئايلاندى. شۇنداقتا ھەل قىلغۇچ مەسلە قېلىپقا چۈشمىگەن تەبىئەتنى قېلىپقا چۈشۈرۈش ئىدى. قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئاقنانچى ئادەملەرنىڭ موللا بولىدىغانلىقى ، نامازدا تۇرغاندا كاللىدىن باشقا خىياللارنى قوغلىيالمايۋاتقانلىقىنى ، نامازنىڭ بەزىدە بىھۇدىدەك بىلىنىپ قالىدىغانلىقى دېگەندەك چىن ئىنسانىي تۇيغۇلارنى ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلىشقا ئىجتىمائىي مۇھىت ئىمكان بەرمىگەنسېرى پەيلاسوپلارنىڭ ئورنىدا دىنىي تونغا ئورىنىۋالىدىغانلار ئاۋۇپ باردى. ئادەملەر تەقۋالىق دەۋالىرىدا تىپىرلاپ ئەركان ۋە ئەھكاملارنى ئەينەن بىجا كەلتۈرۈشكە شۇنچە تەق تۇرغان بولسىمۇ ، كىشىلىك بارا- بارا قۇرغاقلاشتى. سۈننەتلەرنى بىجا كەلتۈرۈپ ئاللاغا ياراۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئاتىلىق پەزىلىتى بىلەن بالىنى ، ئەرلىك پەزىلىتى بىلەن ئايالىنى ، ئەزالىق پەزىلىتى بىلەن جەمئىيەتنى قايىل قىلالمايدىغانلار ئاۋۇپ باردى. مانا تا ھازىرمۇ ياخشى ئادەملەرنىڭ بالىلىرى ، خوتۇنلىرى ياخشى چىقمايدىكەن دەيدىغان تەسىرات ئەتراپىمىزنى چۆگىلەپلا يۈرمەمدۇ؟ ھەتتا بارلىق نەرسىلەردىن خالىي ھالدىكى ئىنسانلىققا بولغان سەزگۈ سۇسلاپ ، پەزىلەت تۇيغۇسى سۆيگۈ ھاسىل قىلىشتا يېتەرلىك دەرىجىدە گاللاشتى. بۇ ئۆز ئارا چۈشىنىش قابىللىقىنى زور دەرىجىدە بوغۇپ ئۇيۇشچانلىقنى ئاپەتتە قويدى. بۇ بەلكىم غەززالىپەرەس ئالىملارنىڭ كۈتكىنى بولمىسا كېرەك. لېكىن كىمىكى ۋۇجۇد قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىدىكەن ئۇ ھامىنى ياخشى تىلەكلىرى تېگىگە پۈتۈلگەن يامان تەقدىرنى كۆرمەي قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز نادان خەقنىڭ ھارامدىن موللىسى بولىدۇ دېگەن ماقالىنىڭ بىر مىسالى بولۇپ قالدۇق.شەھەرلەر پەتىۋاغا كۆمۈلدى ، خۇددى غەززالى «ّْپىقھە » دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئاسان ئۇچرىمايدىغان ئۇششاق ئىشلار ۋە ئۇششاق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مەخسۇس ئىجتىھاتقا قارىتىلىدۇ... بۇ ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلەرنى ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلىش قەلبىنى مۇزلتىپ ، ئەيمىنىشنى يوق قىلىدۇ.دەپ ئېيتقاندەك بولدى. پەقەت گۈلنى سۆيەلمەيدىغان ئادەم ئاللانىمۇ سۆيەلمەيدۇ ، دەيدىغان تەجرىبىۋى ھەقىقەتلەرگە ھېسسىياتلىرىنى ئوڭۇشلۇق قوندۇرالىغان بىر قىسىم سەزگۈر ئادەملەر سوپىلىق لاگىرىدا «پەرھاد - شېرىن » ، «لەيلى،-مەجنۇن» ، «ّْگۈل ۋە بۇلبۇلْْ» داستانلىرىنى ئۈزمەي يېزىشىپ كېلىۋەردى. لېكىن بۇلار تەبىئەت مۇشۇ سەلىقىلەرگە يېقىن ئېلىپ كەلگەن چوڭلارنىڭ سۈيۈملۈك ئوقۇشلۇقىلا بولۇپ ، ئەمەلىي ئىش قولاشتۇرىدىغانلار نىسبەتلىرىدە پەقەت يېزا - قىشلاقلارلا ئۆز مەدەنىيەتسىزلىكى بىلەن كۈن پاتقاندىكى ئاي - يۇلتۇزدەك جىمىرلاپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بىزدە قەشقەر ۋە سەمەرقەندتەك ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ئاستانىلىرىمىز بار تۇرۇپ ، نەغمە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا تەخسىلەردە قورۇمىلار قويۇلۇشقا باشلىدى ، شونىڭ بىلەن بىرگە ھاراقمۇ قۇيۇلدى. باشقىلارنىڭ ھاراق ئىچىشى ئۈچىنچى نۆۋەتكە كەلگەندە بىر ياش يىگىت ئورنىدىن تۇردى-دە بىر جۈپ رومكا قۇيۇلغان پەتنۇسنى كۆتۈرگىنىچە ئۇسۇلغا چۈشتى.يەنە بىر قولىدا پوتا بار ئىدى. ئايلىنىپ كېلىپ بىر ئايالنىڭ ئالدىغا كېلىپ ناخشا ئوقوشقا باشلىدى. ناخشا باشلانغاندا ئادەتتە ساز توختاپ تۇردى. ناخشا ئاخىرلاشقاندا پوتىنى ئايالغا سونۇش بىلەن پەتنۇستىكى ھاراقنىمۇ تۇتتى. ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالغان ھالەتتە قولىغا ئالدى. بۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە يەردىن ۋاششەرەي ، ۋاششەرەي!ْْ دېگەن ئاۋاز ئەۋىج ئالدى. دېمەك پەتنۇسنى ئەرلەر ئاياللارغا ، ئاياللار ئەرلەرگە تۇتۇش ئارقىلىق ئايلىنىپ ، مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان بىر چوكانغا تۇتتى،. بۇ چوكان 20 ياش ئەتراپىدا بولۇپ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ئىدى.،-،چوكان ئورنىدىن ئەدەپ بىلەن تۇرۇپ قەدەھ قۇيۇلغان پەتنۇسنى ئېلىپ ، ئۇزۇن توم چېچىغا ئۇلانغان جالانى جۇلالىتىپ ، كېلىشكەن قامىتى بىلەن شۇنداق ئوينىدىكى ، ھەربىر تولغۇنۇشتىكى جىلۋىسى ئولتۇرغان بارلىق مېھمانلارنى ھەيران قالدۇردى. ئاخىرىدا ئالدىمغا كېلىپ پوتىنى ماڭا سونۇپ تۆۋەندىكى بىيتنى ئۇقۇدى:
ّْئىچكىنىم شىرىن شاراپ ، يار ئالدىدا ھالىم خاراپ،
شۇ شاراپنى ئىچمىسە ، بولۇر مېنىڭ باغرىم كاۋاپ.
.ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ پەتنۇسنى ئېلىپ ، قائىدە بويىچە قەدەھنى ئېلىپ ئۇسۇلغا چۈشتۈم ۋە بىر - ئىككى ئايلىنىپ كېلىپ يەنە بىر چوكانغا تۇتتۇم.دېمەك ، مۇشۇ تەرەققىدە ئۈستۈن روھ ، قىزغىن كەيپىياتتا ئولتۇرۇش ئەۋجىگە چىققان ساز ۋە توپاق گۆشىدە قىلىنغان قورداق ، پىنتاڭ قاتارلىقلار بىلەن تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىشىپ مېھمانلار تارقاشقا باشلىدى.ْْ(ّشىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىْْ ، 72- قىسىمدىن ئېلىندى) دەپ تەسۋىرلەنگەن موشۇنداق بىر يۇرتقا،يېقىن يەردىن چىققان خوجانىياز ھاجى بىر مەزگىل ئىنقىلاپلىرىمىزغا سەردار بولدى.
،بىر كۈنى نوغاي مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىغا تاماققا كىردىم. يېنىمدىكى ئۈستەلگەزىيالى سۈپەت بىر ئەر ئايال كىردى. ئەر خوتەن شىۋىسدە سۆزلەيتتى. ئايال ئۇرۇمچىلىكتەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئالتە ياش چامىسىدا بىر ئوغۇل بالا بار ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئويغۇرچە سۆزلەشسىمۇ ، لېكىن بالسىغا پۈتۈنلەي خەنزۇچە گەپ قىلاتتى. پەقەت چىداشلىق بېرەلمەي ئۇلارغا نەپرەتلىك قاراپ قويدۇم. بىچارىلەر ئاۋازىنى سەل پەسەيتتى ، لېكىن بۇ كەيپىمنى قاتتىق بۇزۇۋەتتى. تەرەققىياتتىن باشقا ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان ئالا -جوقا زىيالىلار ، ئۆزىنى ، ئۆزىنىڭ ھەممىلا يېرىنى سەنئەت بۇيۇمى قىلىشقا كۆڭلىدە تۇسالغۇسى يوق قىزلار ، مەن مىللەتچى ئەمەس مۇسۇلمان دەپ كاپشىپ يۈرگەن تەنتەكلەر ، ئوقۇش ئۈچۈنلا ئوقۇغان روھى پوتىنسىئالى يوق ئاسپىرانتلار ، دوكتۇرلار ، چوڭ سودىگەرلەر قۇشۇلۇپ يادىمغا يېتىپ قەلبىمنى تۇرۇپلا ئۈمىدسىزلىك قاپلاپ كەتتى. شۇ چاغدا نېمىشقىكىن بىر قېتىملىق مائارىپ تەكشۇرشۈم يادىمغا يەتتى. 96- يىللار ئەتراپىغۇ دەيمەن. قۇمۇلدا ئاپتۇۋۇزدا كېتىۋېتىپ پاراللىل ئۇقۇغان كەسىپدىشىم بىلەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ ئۇچرىشىپلا زوق - شوق بىلەن ئۆزىنىڭ ئويغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپمۇ قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرسنى خەنزۇچە سۆزلەۋاتقىنىنى ، بو يېڭى بىر سىناق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كەتتى. ئۆزۈم مائارىپنىڭ گۈللىنىشىگە تولىمۇ تەقەززا بولغاچقا،بۇ يېڭىلىقنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىش ئارزۇسى كۆڭلۈمگە بېكىدى. تەكشۇرسەم مەلۇم بولدىكى ، بۇ بىر تەجرىبە ئىكەن. ياخشى بولسا ئىجرا قىلىدىكەن ، بولمىسا قالىدىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ سىناق قىلىنىدىغان شۇ يىللىقىدا ئالتە سىنىپ بولۇپ ، قوش تىللىق سىنىپقا مۇشۇ ئالتە سىنىپتىن ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپتۇ. ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. ئۇنى تەجرىبە سىنىپ دېگىنى نېمىسى ، ئالتە سىنىپتىن تاللاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغىنى نېمىسى؟ بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى پەقەت خىزمەت كۆرسىتىشنىلا ئويلايدىغان ئادەممىدۇ؟بۇ سوئاللار خېلى مەزگىلگىچە كاللامدىن كەتمىدى. تۇنۇش -بىلىشلەرگە بىر سىنىپنى تاللىمايلا سىناق قىلىپ باقساڭلار ، تەكشۈرۈپ باقساق ، دەپ،باقتىم. باشقا ساھەدە ئەمەس ، ئالىي مەلۇماتلىقلار بىلەن توشقان مائارىپ ساھەسىدە يا تۆۋەندىن ، يا يۇقىرىدىن بۇ خاتا تەجرىبە ئۇسۇلىغا بىر نېمە دەيدىغانلارنىڭ چىقمىغىنى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. ئويلا - ئويلا ئاخىرى روھىي كامىللىق جەھەتتىن ئېيتقاندا بىزدە چوڭ ئۆزگىرىش يوقكەن ، دەيدىغانراق يەرگە كەلدىم. دېمىسىمۇ بىز چاما ئۆز يوقالغان جەمئىيەتتىن كەلگىلى ئەمدى تېخى 50 يىل بولدى. نېمىلا دېگەن بىلەن مىڭ يىلدىن بېرى مۇقەددەس دەپ بىلگەن نەرسىلەرنى قانداقتۇر بىر ئىنقىلابىي تەنتەكلىك بىلەن ھاقارەتلىگەنلەر ، چاققانلار ، كۆيدۈرگەنلەرنىڭ ئارقى40-50 ياشتا ، ئالدى 70-80 ياشتا ئارىمىزدا ياشاۋاتىدۇ. موشۇنداقكەن ، ئادەملىرىمىزنىڭ ۋەزىنلىشىشى تېخى بالدۇر ئەمەسمۇ؟ .
راست ، شۇ خىياللار بىلەن ئۇلۇغ كىچىك تىنغاندەك بولدۇم. كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر مۇزىكا خالاپ قالدىئەسلى مەنبەسى: «قومۇل ئەدەبىياتى » ژۇرنىلى 2004-يىللىق سانلىرىمەنبەسى: ئالتۇن تارىم تور بېتى.历史上的今天:
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(8) 2008/10/12ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(7) 2008/10/12ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(6) 2008/10/12ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(5) 2008/10/12ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(4) 2008/10/12
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(8)
Blog:فانىينىڭ تور خاتىرسى2009-12-13 15:22:46
引用
下面Blog引用了该文:
评论