• ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(7) - [ئىجتىمائى مەسىللەر]

    خەتكۈچ:
     
    بەزىدە تۇرۇپ تۇرۇپ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى ياماموتو ئىسوروكو )شەنبىن  (نى ئەسلەپ قالىمەن. بىلىشىمچە ئۇ ئەسلىدە تىنچلىقپەرۋەر ئادەم بولۇپ ، ياپونىيە ئىچكى كابېنتى ئۇرۇشنى  تەۋسىيە قىلغاندا ئۇ قەتئىي  بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. لېكىن ئۇرۇشۇش تەرەپدارلىرى بىلەن كۈچ ئېلىشالماي ئاخىرى ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بېرىپ يۇرتىغا قايتىدۇ. ياپونىيە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئەينى چاغدا ياپونىيە ئارمىيىسىدە ئۇنىڭدەك تالانتلىق ھەربىي قوماندان يوق ئىدى. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئۇرۇش پىلانلىرى تۈزۈلۈشكە باشلايدۇ.  لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دىتىغا ياقمايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆزىنىڭ «ياپونىيە ئۇرۇشقا كىرسە ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقى ، دۇنيا خەلقى ئالدىدا جىنايەتكار بولىدۇْْ» دېگەن گېپىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزگېپىنى ئاڭلىمىغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى مەغرۇر تاماشا قىلسۇنمۇ ياكى بۇ جىنايەتكار سەپكە قاتنىشىپ شۇ جايدا ۋەتەننىڭ ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قابىلىيىتىنىڭ يېتىشچە قوغدىسۇنمۇ؟ ياماموتو ئاخىرقىسنى تاللايدۇ. باش قوماندانلىق ۋەزىپىسگە قايتا ئولتۇرۇپ ، فيورىل  - خاربور ئۇرۇشىنى پىلانلاپ ، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشىدۇ ، كېيىنكى مۇقەررەر مەغلۇبىيەتكە پۇختا تەييارلىق كۆرىدۇ. ياماموتو ئۆلدى. ئەسلىي ئۆزى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى2- دۇنيا ئۇرۇشىنى تاللىغان ياپونىيىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى بولغىنى ئۈچۈن مەڭگۈ لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلاندى. توۋا دېدىم ، لەنىتى ئېسىل ئادەم ياماموتو شۇ تاپتا نەدە تۇرىدۇ؟ بايىقى سەھرالىق قىز نەدە تۇرىدۇ؟ئەسلى مۇھەممەد ئەلىنى ئاشۇنداق پەزىلەتلىك قىلغان نەرسە سەزگۈرلۈك. بارلىق خەلق مەردانىلىرىنى ياراتقان نەرسىمۇ سەزگۈرلۈك ، چۈنكى ، ھەقىقەت بارلىق نەرسىلەرنىڭ تولۇقى بىلەن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ، بۇنىڭ روھتا سىمالىنىشى مۇشۇنداق پەزىلەت ئاتا قىلىدۇ. دېمەك ، بالا ئۆز ھۇشيارلىقىغا بېقىپ مۇھىت بىلەن تۇتۇشىدۇ. كەيپىيات جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قايسىسى مۇئەييەنلەشسە يەنە بىرسىمۇ مۇئەييەنلىشىدۇ. قايسى بىرسى ئىنكار قىلىنسا يەنە بىرسمۇ ئىنكار قىلىنىدۇ. ئەمما ، ئىنكارلىق بىلەن تولغان بالا ھەرگىز ياخشى ئادەم بولمايدۇ. لېكىن ، ئۆز يۈرتىغا بولغان  يېقىنچىلقىنى ئۆز كەچۈرمىشى يۇلۇقتۇرۇپ ئادەتلەنگەن روھقا ھېسىيات ياكى قايىللىق بىلەن تاقابىلىق ۋە ۋەزىن ئاتا قىلمىساق ئۇ پۇۋلا قىلسا پۇللاڭلاپ ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان ئاشۇنداق يىتىمەك قىز بولماي نېمە بولماقچىدى؟«ّْبىزگە مەلۇمكى ، تۈپ ئۆزنىڭ مەلۇم قىسىملىرى ئەتراپىمىزدىكى ئوبيېكتىپ رېئال دۇنيانىڭ تەسىرىدە ئالاھىدە تەرەققىياتلارنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ئەسلىدىنلا تەسىرلىنىشچان تەرتىپلەر بىرلا ۋاقىتتا يېنىپ تەسىرگە تاقابىل تۇرغۇچىلىكى بار تاشقى قەۋەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ ، ئۆزگىچە بىر ئورگاننى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئورگان تۈپ ئۆز بىلەن ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئارىسىغا چۈشىدۇ»(‹ّْروھ ئانالىزى،تىزىسلىرىْْ›،‹  ّْقۇمۇل ئەدەبىياتىْْ› ، 98- يىللىق 4- سان ، 89-  بەت) روھنىڭ بۇ بۆلىكى چاما ئۆز )ئەس)دېيىلىدۇ. ئاڭ تۈپ ئۆز ، قۇغ ئۆز ۋە رېئاللىقنىڭ تەلىپىنى ئورتاق،قانائەتلەندۈرىدۇ.ْْ ( (ّْ‹روھ ئانالىزى  تىزىسلىرى›ْْ ، ‹ّْقۇمۇل ئەدەبىياتى›ْْ ، 98- يىللىق 4- سان ، 89-  بەت)شۇڭا مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چاما ئۆزنىڭ ئەسنى يوقىتىشىغا ، چەتنىتىۋېتىشىگە  بولمايدۇ. بۇ كۆپىنچە ھاللاردا يېتىلىش جەريانىدا تەبىئەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويۇش ، پەلسەپە ، تارىخ بىلەن روھنى ۋەزىنگە ئىگە قىلماسلىق تۈپەيلى بولىدۇ. پىسخىك تارىخ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، ياۋروپانىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى دەل ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇشۇ يۈزلىنىشتىن قول ئۈزۈشتىن باشلانغانىدى. دۇرۇست ، مەن تىلغا ئالغان ياۋاشلاردىن ئەسكىلەرنىڭ ئىسسىق كۆرۈنۈشى مانا مۇشۇ جۈملىدىندۇر. ئەسكىلەر ھەرقانچە ئەسكى سانالسىمۇ يەنىلا ئادەمنىڭ ماتېرىيالى بولۇپ ، گەپ ئۇنىڭ  نېمىشقا ئادەم بولمىغانلىقىدا بولاتتى. ئۇ دېمەككە ئاسان بولغان بىلەن قىلىش تەس ئىش. شۇڭا بۇرۇن بالىنى چەتنەتمەسلىك جەھەتتە قاشلىق ئېتىش ، يۈزىنى يېپىش ، تۇمار ئېسىشتىن باشقىغا قۇربەتلىك بولالمىغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، تۇغۇلغان ئادەمگە ئۈچ نەرسە قالىدۇ. بۇنىڭ بىرى ، ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرمۇشنىڭ پاساھەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن خۇلاسىسى بولىمىش يوسۇن - قائىدە ، ئۆرپ - ئادەت ، يەنە بىرى ، مەۋجۇت سەۋىيىسى بولمىش تارىخ. يەنە بىرى ، جاھاندارچىلىق سەنئىتى بولمىش بىلىم. ئۇنىڭ بىرىنچىسى روھقا ۋەزىن بېرىدۇ ، ئىككىنچىسى روھنى رەسمىي ھالدا بۇرچىغا ئەكىلىدۇ. بۇ مۇنۇ چۈشەنچىگە تەتبىقلاپ ئېيتىلسا تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.،ّْئاللاھقا نىسبەتەن زامان ئۇقۇمى بولمايدۇ.632- يىلىدىكى بىر ۋەقە بىلەن1900- يىلىدىكى ، ۋەقە ئۇنىڭغا قەشقەر بىلەن مەككىدە يۈز بەرگەندەك بىلىنىدۇْْ دېگەندەك ئىسلام پەلسەپە چۈشەنچىسگە باققاندا تارىخ ۋۇجۇتنى ئۆز ماكانىغا يەتكۈزىدۇ ، ئەسنى چەتنەتمەيدۇ. دۇرۇست ، ئۇنى بىلمەيمۇ كۈن ئالغىلى بولىدۇ ، ئەمما ، ئۇنداقتا مۇنداق ئادەم بىر بولسا بىر تالاي تارىخىي  ساۋاقلارنى قايتا تېتىپ مۈكچەيگەن ھالدا ئىزىغا كېلىدۇ ، بىر بولسا ، ئۇزۇن ئۆتمەي سەكرەپ ئىزىغا جاققىدە ئولتۇرۇپ ئېسىنى يوقىتىدۇ.خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلارغا سەپ سالساق بۇنى روشەن ھېس قىلىمىز.
       ئەلۋەتتە مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئەدەبىي ئەسەر روھ بۇرچىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان نەرسىلەردۇر. شۇنداقتىمۇ نېمىلا دېگەن بىلەن بۇنىڭ باشلانغۇچ يولى يەنىلا تارىخنىڭ ئۆزى. بۇباشلانغۇچ يول ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىلگەندە ، روھ ئەدەبىي ئەسەرلەرسىمان كىيىنىۋالىدىغان زىيالىيلىق كېسىلىگە ئاسان گرىپتار بولۇپ قالىدۇ.ەممىدىن يامىنى ئىجتىمائىي ئۇيۇمۇلق تەقەززاسى ئىستىخىيىسىز ھالدا تارتىشقۇدەك بىر نېمە شەكىللەندۈرەلمىگەنلەر كۆپىنچە قىزىق ياشاش ھەلەكچىلىكىگە  پېتىپ ھەتتا ئەدەبىي ئەسەرلەر سەۋەبلىكمۇ بۇزۇلىدۇ. بولۇپمۇ يات ئەللەرنىڭ ئەسەرلىرى بۇنداق ئادەملەرگە ئەشەددى زىيان قىلىدۇ. شۇڭا چوڭلار ئۆسۈۋاتقانلارنى كەلگۈسىدە ئەخلاقلىق ، بەختلىك ، ۋەزىنلىك بولسۇن دەيدىكەن بالىلارنى قەبرە بېشىغا ئېلىپ چىقىپ دۇئاغا قول كۆتۈرتىپلا ياندۇرۇپ كەلمەي ، ئەجدادلىرىنى تونۇشتۇرۇشى ، باھالىشى مۇشۇنىڭ بىلەن تارىخ دەرسىنى باشلىشى ، ئۇلۇغ تارىخچىمىز مىرزا ھەيدەر كۆراگان بەرگەن ئاتا  بوۋىلىرىمىز توغرىسىدىكى «تۈركلەر ھەممە ھادىسىلەر ، ھەرقانداق بىر مۇھىم ئىشنىڭ ھەممىسىدە ، بەلكى پۈتكۈل ئاقىللاردا ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىناسىنىڭ ئاساسى. ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ رىۋايەتلىرى ۋە ھېكايەتلىرىگە تايانغان بولىدۇ»(‹ّْتارىخىي رەشىدى›دىن ئېلىندى)ھھمەلۇماتىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىجابىي ۋارىسلىق قىلىشى؛ «ئوغۇزنامە»ْْ ، ّْ«دەدەقۇرقىتْْ» ، «ئالپامىش»ْْ ، «دىۋانى لۇغەتىن تۈرك» ، «زەپەرنامە» ، «شەجەرى تۈركْْ» ، «تارىخىي رەشىدى» ، «تارىخىي جاھان كۇشايْْ» ، «غازات دەر مۈلكى چىن» ، «قىرىق باتۇرْْ» ، «ماناسْْ»،«ئىدىل دەرياسى ئۆركەشلىمەكتە» ، «ّْئىز» ، «ئانا يۇرت»ْْ  ، ّْ«تارىخىي ھەمىدىْْ» قاتارلىق كىتابلارنى ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن ساقلىشى ، بالىلارغا چوقۇم يەتتىنچى ئەجدادىغىچە بىلدۈرۈشى لازىم.بۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بولىدۇ؟ بىر كۈنى دىيانەت ۋە پەزىلەت توغرىسىدا ۋەز ئېيتىۋاتقان چاغدا خىيالىم ئىختىيارسىز ھالدا گېئومېتىرىيە دەرسىگە كەتتى. ئەسلىي گېئومېتىرىيە تەس دەرس ئەمەس ، سەن بىلگەنلىرىڭنى سادىق  ھالدا ئىشلەتسەڭ گېئومېتىرىيىلىك ئىسپاتلاش ساڭا ھېچ گەپ ئەمەس. ئىسپاتلاش جەريانىدا ئەڭ زور توسالغۇ لەۋزىسىزلىك ۋە لەۋزىگە بولغان سەزگۈسىزلىك. لېكىن ، ئەجەپلىنەرلىكى ، بۇ دەرستە كۆپچىلىك بالىلار ياخشى ئەمەس. ئويلىرىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مۇشۇنداق تەسىرلىك سۆزلەۋاتقان ئاشۇ زاتقا بىر سائەت گېئومېتىرىيە ئۆتۈپ ئاندىن ئۇنى سىناپ باقايمۇ؟ دېگەن خىيالنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. دۇرۇست ، ئۇ بىرەر ئىسپاتلاشنى ئىسپاتلىغان بولسا شۇ جەرياندىن ئۇنىڭ دىيانەت ۋە پەزىلەت توغرىسىدىكى ۋەزلىرىگە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئەمەل قىلالايدىغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقاتتى. 30يىللىق ھاياتىمدا نۇرغۇن قېتىم نۇرغۇن ياخشى ، ئېسىل ئادەملەردىن دىشۋارچىلىق ۋە پەزىلەتسىزلىكنى تالاي قېتىم كۆرۈپ ھەيرانلىقىم ئەمدىرەك بېسىلدى. قارىغۇنىڭ شەھىرىدە كۆزۈمنى كېيىنرەك ۋە خالىمايراق قىسقانلىقىم ئۈچۈنمىكىن ، بۇ ئىشلار ئاخىرى بىر سائەتلىك گېئومېتىرىيە دەرسىگە تەمسىل بولدى. تەپەككۈر جەريانىدا ھەر بىر ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەرگە رەزىللىك ۋە پاسكىنچىلىقنىڭ ئۆزى يۇقمىغاندىمۇ چاڭ -توزانلىرى قۇنۇپ قالغاندا تەپەككۈر خۇلاسىلىرى يەنى پەتىۋا پەرقلىق بولىدۇ. دېمەك ، ئىنسانلاردا چۈشەنچە مۇكەممەللىكى بولمايدىكەن نادانلىق بولىدۇ. نادانلىق بولىدىكەن مۇكەممەل دىيانەت ۋە پەزىلەت بولمايدۇ. ناۋادا ، دىيانەتكە ئىنسانلىقنى ئۆتكۈزىدىغان ۋە يەتكۈزىدىغان ئۆتكۈزگۈچ دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەندە ، ئۇھالدا ئۆتكۈزگۈچنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا يېتىدىغان قۇۋۋەت ۋە ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالىدىكى پەرق تۈپەيلى تۈرلۈكچە بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەن ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانْْ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قارىغۇنىڭ شەھىرىدە بىر كۆزىمىزنى قىسىمىزمۇ؟ قۇۋلۇق - شۇملۇق دەستۇرلىرى بولغان جاھاندارچىلىق سەنئەتلىرىنى باش چۆكۈرۈپ ئۆگىنىمىزمۇ؟ ۋە ياكى بۇنىڭغا رەسمىي ھالدا قېيداپ مەلۇم تارىخىي ھادىسلەرنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ھەرقانداق نەرسە سىنىپىي بولىدۇ ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئۈچ  ھوقۇقنى ئايرىپ ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى غايە قىلىۋېلىشى ئەمەلىيەتتە بىر ئالدامچىلىق دەپ تەدبىرلەردىن ئىزدىمەي غايىنىڭ ئۆزىنى چۆرۈپ تاشلايمىزمۇ؟ لوگىكىنى ئاز كۆپنى ئەزسە بولمايدۇ دەپلا تۇرغۇزۇپ زۇلۇمنىڭ قامچىسنى كۆپنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمىزمۇ؟  ھېچكىمگە ئىشەنمەي كېسەل داۋالايدىغان دوختۇرغىمۇ ، سۈت ئىشلەپچىقىرىدىغان سۈت كارخانىسىغىمۇ مەلۇم بىر ئىدىيىۋى مەسلەكتىكى گۇرۇھنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئورنىتىمىزمۇ؟ نېمىلا دېگەن بىلەن زۇلۇمنى يوللۇقلاشتۇرۇپ ، ئاز سانلىق  سىنىپنىڭ ئورنىغا كۆپ  سانلىقنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىپ خاتىرجەم بولىمىزمۇ؟ۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىيمىزمۇ؟ بىر ئادەمگە يوقلا يەردىن ھومايساق ، نۇقۇپ قويساق ، ئۇيەر- بۇ يەرلىرىنى گۈزەللىك نۇقتىسىدىن شاپىلاقلىساق كىيىمنى مۇنداق كىيىڭ ، ئۇنداق كىيمەڭ دېسەك ، ئىنسانلىققا قىلنغان خورلۇق بولىدىكەنۇ ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ، تۇيغۇسنىڭ قانداق بولۇشىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى تەدبىركارلىققا ھەقلىقنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن گال بىلەن دەۋر نوپۇزى بىلەن ئەينەن بولىدىغانغا چەمبەرچاس باغلىۋېتىشكە سوئالقويمايمىزمۇ؟ ياق ، ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇكەممللىكنىڭ  مەۋجۇتلۇققا بولغان يۈكسەك ئەقىدىسىنى يوقاتمايلى.ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىگەندە ھامىنى خاتالىق پەرقى بولىدۇ. لېكىن ، بۇ ھەرگىز ئۇ نەرسىنىڭ ھەق ئۇزۇنلۇقىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس ، بەلكى ، ئۆلچەش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىلىرىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلى ئىنسان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتە،جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا توغرىسىغا چەكسىز يېقىنلىشالايدۇ.ھەرقانداق ئادەم ياكى گۇرۇھ ئۇنىڭغا مەن ئەڭ يېقىنلاشتىم دېيەلمەيدۇ. باشقىڭ ھەرقانچە بولسىمۇ مەنچە يېقىنلىشىسەن ۋەھاكازا دەپ ھەرقانداق ئادەم ياكى گۇرۇھنى چەتكە قاقالمايدۇ ، ئۆزىنى مەبۇد قىلىپ تىكلىۋالالمايدۇ. ئۆزىنى مەبۇد قىلىپ تىكلەشنىڭ ھەرقانداق تىرىشچانلىقى ئەخمەقلىق بولىدۇ.جاھان قانداقتۇر بىر قوشۇن ياكى ھۆكۈمراننىڭ قولىدا ئەمەس ، ئاشۇ توغرىلىقنىڭ قولىداپىرقىرايدۇ. شۇ جۈملىدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىڭ يىلنىڭىزى ھەرقانداق بۈيۈك كۈچكە تازىم قىلىشنى ئىنسانلىق بىلەن چىقشالمايدۇ دەپ ساناپ كەلگەن. بىلىش كېرەككى ، بۇھەقىقەتنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايلى. لېكىن ، بۇ جەھەتتە تارىخلار مابەينىدە يەنە بىر قېتىم ئاچچىق ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇق. يىغىنچاقلىغاندا ، ئاتا - بوۋىلىرىمىز دىيانەت ئەھلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھايات تەرزى جەھەتتە ئىككى يولنى تۇتۇپ كەلدى. يەنە بىرى ، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە ، مەزمۇننى يەنى قەلىبنى تاشلاپ قويۇپ يۇرت  يۇرتلارغا تارالغان سەھىھۇل ئەسەرلەر ۋە ئۇسۇللارنىڭ مۇكەممەل پەتىۋالىرىنى ئەمەللىرىگە سۈننەت قىلدى. يەنە بىرى ، مەزمۇن تەرەققىياتىدا كەيپنى ئوبيېكىت قىلىپ ، مۇزىكىلق تەربىيىلەپ ساغلام كۈلەلىگەن ، ماڭالىغان ، قارىيالىغان بولسىمۇ ، بىر ئىشقا سانچىلغاقلىقتا ئۆزىنىڭ دىقماقلىقى بىلەن جىق  مەنپەئەت بەرمىدى. ئەسلىدىنلا تەن بىلەن باغلىنىشلىق بولغان قەلىبنىڭ ماددىي شېرىكىنى قوپاللىق بىلەن تەرىك ئېتىش زۆرۈر بولغاچقا ، بۇ كۈرەشتە پەقەت ئۆزىنىڭلا ھۆددىسدىن ئاران چىقالىدى. نۇرغۇن ئادەم مۇپەسسىلكتە ئۆزىنىڭ كەسىپ ئەھلى ئەمەسلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ ، پىرلارنىڭ پەي قەدەملىرىنى چىڭ تۇتتى. بۇنىڭ بىلەن زور ئىجتىمائىي قارىغۇلۇقنىڭ ئۇرۇقى چېچىلدى. خەير ، ئۆتكەنگە سالاۋات ، ئەمدى بۇ يولغا قايتا پۇت سېلىپ قالمايلى. ئەمدى باشتا بالام جېنىڭنى باقالامسەن -باقالمامسەن؟ ياكى خۇدادىن قورقامسەن قورقمامسەن؟،دەپ،سورىمايبالام سەندە دىيانەت بارمۇ -يوق؟   ساغلاملىق بارمۇ  يوقمۇ؟ دەپ سورايدىغان بولايلى. قەلبىڭدە مۇكەممەللىككە بولغان يۈكسدەك ئەقىدە يالقۇنجىدىمۇ-يالقۇنجىمىدىمۇ؟ دەپ سورايلى. سېنىڭ گېلىڭ ، ئورنۇڭ ئاشۇ توغرۇلۇققا باغلانغاندا كامالەت تاپىدىغانلىقىنى ، بولمىسا جاجاڭنى يەيدىغانلىقىڭنى كۆردۈڭمۇ كۆرمىدىڭمۇ؟ دەپ سورايلى. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە  بالا تەربىيىسىدە ئىشنى چۆچەكلەردىن ، بالىلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بولغان قوشنا- قۇلۇم ۋە ئىجتىمائىي  ئالاقىلىرىدىن ، شانلىق ۋە پاجىئەلىك تارىخلاردىن باشلايمىز. ۋۇجۇتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىدىن باشلايمىز. ئادەملەرنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان- ئوقۇمايدىغانلىقىغا ئەمەس ، ھەممىنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ يامانلىققا زەردىسى قاينايدىغان ، قاينىمايدىغانلىقى ، گۈزەلىككە يۈرىكى  ئوقچۇيدىغان ، ئوقچىمايدىغا نلىقىغا قاراشتىن باشلايمىز. ئاتا  بوۋىلىرىمىز كۆتۈرگەن دىيانەت تۇغىنى ئۈزلىكسىز ۋە ئىزچىل ھالدا يېڭى سۈپەت ۋە ساپادا قولىمىزغا ئېلىش بىلەن باشلايمىز. ئۆز بۇرچىدا ئەركەكتەك تۇرالايدىغان -تۇرالمايدىغانلىقىدا ، قىسقىسى ئۇنىڭدا ئىماننىڭ (ئىمان ئەسلىي ناھايىتى كەڭ ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئاتالغۇ. مەسىلەن: بىرونونىي ۋە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان بارلىق نەمۇنىلەرنىڭ ھەممىسنى ئىمانلىقلار  قاتارىدا چىڭ تۇرغانلارغا مىسال قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا ئىسلام ئۆلىمالىرى كۆپ ھاللاردا يات دىن ۋە مەسلەكلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى بۇ ئۇقۇمغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىماننى شەرتلىك شەرھىيلەيمىز دەپ تۇرۇۋالىدۇ)ھبار - يوقلۇقىغا قاراشتىن باشلايمىز.دۇرۇست ، مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەقنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك پەرزەنتى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن سانا تېغىغا ئېلىپ باردى. ئويلاپ باقايلى ، بىر ئاتا ئۈچۈن بالىنىڭ بوغزىغا پىچاق سۈرۈش ئەمەس بىرەر يېرىگە چىداپ تۇرۇپ تىغ تەگكۈزۈش قانچىلىك دەھشەت-ھە؟ لېكىن ، ئۇ دىيانەت تۇغىنى كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقەت نامايان بولغاندا مەيلى بۇ ئىش قانچىلىك ئازابلىق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بارلىق ئىمتىيازلار بىر ياقتا قېلىش لازىم ، دەپ بىلدى ۋە ئالەمچە ئازابقا لېۋىنى چىشلەپ شۇنداق قىلدى. مانا بۇ مىڭ يىلدىن بېرى ئايەم خاتىرىمىزگە مەھكەم بېكىتىلگەن تۇغ. شۇنداق كېسىم قىلىشقا بولىدۇكى ، بۇ تۇغ ئائىلىگە قادالمىغاندا ئايالنىڭ ئەرگە ياكى ئەرنىڭ ئايالغا چوقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ ، بىرسىنىڭ ئىنسانلىقى چوقۇمكى دەپسەندە بولىدۇ.ەرقايسى ئەزالار قولىدىكى 5 kg نەرسە چوقۇمكى ، ئوخشاش ھالدا 5 kg  بولمايدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىن ئۆزگىچە بولۇپ كەتمەيدۇ. مەلۇم بىر تارىخىي دەۋردىكى ئەھۋالنىڭ ياكى كىشلىك كەچۈرمىشنىڭ ھېسسىيات پەيدا قىلىشى بىلەن ۋۇجۇتتا نوپۇز پەيدا بولۇپ ، ئۇنى تەگ قىلغان ئاتالمىش پەلسەپە ۋە مەسلەك جېڭىدىكى ساننى قانچە دەپ توقۇسا بولىدىغان ياۋايىلىقنى پەرۋىشلەپ باشقىلارغا بىر خىل زورۇقۇش بولىدۇ. يىرىك ھۆكۈملەر ھەرقانچە ھەقىقەتتەك تۇيۇلغان بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا نەچچە مىڭ ئىنسان ئاشۇ نوپۇز تۈپەيلى چەيلىنىدۇ.ەممىلا نەرسىنى ھەممىگە ئورتاق ئاشۇ جىڭنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ ئۆزى جىڭلاپ كۆرۈپ ھۆكۈم قىلىشنى مۇتلەق تەرىز ھېس قىلمىغان ئادەم شەيئىلەرگە ھاياجانلىنىپ ياكى قورقۇپ ھۈكۈم چىقىرىدۇ. شەك شۈبھىسىزكى ، ئۇ قانداق ئىتتىك ھاياجانلانغان ، يېقىنچىلىق ھېس قىلغان بولسا ، شۇنداق ئىتتىك قورقىدۇ ياكى تانىدۇ. يېقىنچىلىق ئۆچلۈك بولغان بىلەن  ئىرادە بولمايدۇ.ەقىقىي ئادالەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش بولمايدۇ. مەنپەئەت نۇقتىسىدىن تۆتنى بەش قىلىپ كۆرسىتىش ، بەشنى تۆت قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ تۈرلۈك -تۈرلۈك سۇيىقەستلىرى ، نەيرەڭلىرى يامرايدۇ. دوستلۇق ، قېرىنداشلىق ، ئۆكۈنۈش ، سۆيۈنۈش ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى تامانى مېغىز قىلغان كۆپۈكتىن باشقا نەرسە بولماي ، ئەر ياكى قىز تېپىپ توي قىلغۇچىلىكلا ، پادا باققاندىكى زېرىكىشلىك تۈگەپ ياڭاق چاققىچىلىكلا ، جەمئىيەت ، ھۆكۈمەت ياخشىراق خىزمەت ، ئۇنۋان ، ئورۇن ، مائاش بەرگىچىلىكلا بەرداشلىق بېرىدۇ. خېلى - خېلى جاراڭلىق نۇتۇقلارنىڭ ، ھاياجانلارنىڭ جاجىسى ماھىيەتتە مەئىشەتتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. بۇنى كونىلار بېشىغا كۈن كەلمىگۈچە خۇدانى تۇنۇمايدىغانلار جۈملىسدە تولىدىن تولا بايان قىلار ئىدى. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا ، ھەقنى تونۇمايدىغانلارنى ھەرقانچە مەدەنىيەتلىك بولسىمۇ پىسەنتىگە ئالماي كەلگەنىدى.باشقىلار بۇ تۇغنى ئۆز جەمئىيىتىگە ئورنىتىشنى ئىزدىگەن بولسا ، بىز ئۇنى ھەر بىر قەلىبكە ئورنىتىش ئۈچۈن مىڭ يىلدىن بېرى ئۈزمەي ھېيىت قىلىۋاتىمىز. شۇنداق ئىكەن بۇنداق تۇغنى كۆتۈرمەي نەگە باراتتۇق؟ ھتوغرا ، شۇنداقلىقىمىزدىن شارائىت ، ئىستەك ، يوقسۇزلۇق ، بىچارىلىك دېگەندەك ماۋۇ بىر سەۋەبلەردىن مۇشۇنداق پەسكەشلىكنى قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئىتتىپاقلىشىشقا سالاھ قىلىمىقىمىز تەس بولدى. مەيلى قانداقلا بولسۇن ، پەسكەشلىك پەسكەشلىك. بۇ دىيانەت تۇغىنى بوش تۇتۇش ۋە چىڭ تۇتۇشلا مەسىلىسى دەپ ئىرادە كۈچىنىلا ئېتىراپ قىلىپ كەلدۇق. بىرسى بىرەر ئەمەلنى پەش قىلىپ ياكى كۈنلۈكىگە 50كوي بېرىمەن مۇشۇ يەرنى ھەر كۈنى 50 cm كولاپ ئاندىن تىندۇرىسەن دېسە كاللىسىغا ئاشۇ 50 كوينىلا كەلتۈرۈپ ئىشلەۋېرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك ئەخمەقلىقىنى ئەمەس ئۆزىگە 50 كوي پۇل بېرىۋاتقانلارنىلا كۆرىدىغانلاردىن پەرقلىق ھالدا بۇنداق قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئۇنىڭدىن ساڭىمۇ بولىدىغان ماڭىمۇ بولىدىغان ئىشنى دېگىن شۇنى قىلاي دېيەلەيدىغان ، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ ئەخمەقلىكىگە كۈلەلەيدىغان بولغان بولساقمۇ ، لېكىن ، ئۇلۇغ بېكتەك بۈيۈك ئالىمىمىز ئۆزىنىڭكىنى ھەقىقەت دەپ بىلگەن قەدىردان ئوغلىنىڭ قولىدا ئۆلدى. تۈرلۈك - تۈرلۈك نىزا ۋە تەپرىقچىلىقلەر پۈتمەس  تۈگىمەس ئازابلارنى سالدى. قالاقلىق ، خۇراپاتلىق ، بىلىمسىزلىك ئىنسانلىقىمىزنى ، ئادالىتىمىزنى نامايان قىلدى. لېكىن بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى ، ئاتا  بوۋىلىرىمىز ئۆزىنىڭ يېقىنىنىڭ ياكى دۈشمىنىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەققە شاھىتلىق قىلىشقا توغرا كەلگەندە ، يۈرىكىڭنى سىلمايلا نېمە بولسا شۇنى دەپ ئۆگىتىدۇ. پەسكەشلىك پەقەت ساڭىلا يولۇقۇپ قالغان ياكى ساڭىلا مەنپەئەت بېرىۋاتقان ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىساڭ سەنلا زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ ئاداققىچە كۈرەش قىل. قايناق بازاردا يانچۇقچىلارنىڭ بىراۋنىڭ يانچۇقىغا قول سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسماسلىق ئوخشاشلا شېرىك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك بولىدۇ ، دەپ تەلىم بەرگەن. ۋۇجۇدىدىن شۇنداق مۇستەھكەم ، قەتئىي  ، پاك ئەركەكلىكنى بىزگە تەۋەرۈك قىلغان. توپلىشىپ بىرەرسىنى بوزەك قىلىلى دەپ باقمىغان ياكى بولمىسا ، بىر يەرلىرىدە مەن ئاجىز توپلاشمىساق پالانى بىزنى بوزەك قىلىدۇ دەپ قالمىغان.ۆكۈمرانلار ھېچقاچان مەندىن ئايرىلىپ قالساڭ بوبۇشْْ كېلىدۇ دەپ كىچىك بالىنى ئۆيگە بېكىندۈرگەن تەرىزدە سىياسىي لوگىكا تۇرغۇزۇپ جان بېقىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. ئاۋاممۇ قايسىدۇر زوراۋاننىڭ بەشنى تۆت دەپ بەرمىسە ، ئەسكەرلەرنىڭ ئۈچ دەپ ئۆزىنى بۆزەك قىلىشىدىن يىراقتا ئىدى. مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، رەزىللىكنى يوقىتىش تۇرمۇش باياشاتلىقى ، ئىنسانى مەرتلىكتىن بەكرەك باشقىلارنى باشقۇرۇپ خىزمىتىگە سېلىشنى غايە قىلىپ كۆرمىگەن ياكى يوقسۇزلۇقتا نېمە بولسا مەيلى ، قورساق تويسىلا  بولدى ، دەپ زارىقىشلار بىلەن ھەقنىڭ تۇۋىقىنى مەھكەم يېپىپ ئوڭايسىزلىنىشلارنى قىزارتىپ يۈزىمىزگە چىقىرىپ ياكى ئالاق-جالاقلار بىلەن ئۇ پەشتىن بۇ پەشكە تاشلاپ قويۇپ ھېچنەرسىنى ئويلىماي «ئەتىكى  قويرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا» قۇرۇق گەپكە قورساق تۇيامتى ، دەپ يانچۇقلىرىمىزنى غەملەشنىڭ ھەلەكچىلىكىنى دەستۇر قىلىپ باقمىغان. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ھەممىدىن قەدىرلىك. پەقەت ئاشۇنداق نىزالىق دەۋرلەردە بولۇۋاتقان كۈلپەتلەرنى ، تۈپ ماھىيەتنىڭ بىر ياقتا قېلىۋاتقانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تۇيغان.ەرقايسى تەرەپلەردىكى ئارتۇقچىلىقلارنى يەكدىلىق بىلەن خۇلاسىلىغان پەيلاسوپلارنىڭ چىقمىغىنى ئەپسۇسلىنارلىق. تا بۈگۈنگىچە بىر-بىرىگە ئەسكەر بولۇشنى خالاپ كەتمەيدىغان مىجەزدىكى كەمچىلىكلىرىمىزنى بۇنىڭ باشقىلار بەرگەن ئۇنۋان ، دىپلوم ، مۇلازىملىق پۇرسىتى ۋەھاكازالاردىن تارتىپ ئىدىيە ، ئېتىقاد ۋەھېسىياتتلارغىچە تۆتنى بەش قىلىشنىڭ نەيرەڭلىرى ، سۇيقەستلىرى ئۈچۈن بولۇۋاتقانغا قەدەر ئادەملىكىمىزنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىدىغان سەزگۈرلۈكنىڭ ئەۋج ئالمىغىنى ئېچىنىشلىق.مەن شۇنداق بىر مەشھۇر جەمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان. بۇ جەمەتتىكىلەرنىڭ بىر قورۇقى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورۇقنىڭ بىر يېرىدە ئاتا - بوۋىلىرىمىز كۆمۈپ قويغان غايەت زور مىقداردىكى ئالتۇن بار دەپ ئىشىنىدىكەن. نېمىشقىكىن نەچچە يۈز يىل مابەينىدە ھېچكىم بۇ ئالتۇننى ئىزدەپ تېپىپ باقمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلاردا شۇنچىلىك بىر قەتئىي ئىشەنچ بولىدىكەنكى ، شۇ شەھەردىكى ھېچقانداق بىر چوڭ ئىش بۇ جەمەتنىڭ قولىدىن سىرتقا بولمايدىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ دۇنيادا ھەرقانداق بىر شۆھرەتلىك جەمەتتە بۇنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى. توغرا ، قايسى جەمەت ئۆزىنىڭ شۆھرەتلىك تارىخىي ، شانلىق ئاتا - بوۋىلىرى ، ئاقسۆڭەكلىك ئەخلاقى بىلەن ئۆز قورۇقىدا ئالتۇن كۆمۈلگەنلىكىنى دېمىگەن؟ گەپنى قىسقارتىپ بۇ توغرىدا تولا گەپ قىلماي ، لېكىن ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى كۆز يەتكۈزۈشى كېرەككى ، بالىلىرىمىزغا تارىخلارنى ، ئادەتلەرنى ، ئىدىيىلەرنى بىلدۈرۈش ھېچ بولمىغاندا مانا مۇشۇ جۈملىدىندۇر.لېكىن مەن كۆرگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى تېخى بۇنچىلىك چوڭقۇر ئەجىردە ئەمەس. بىز نەچچە يۈز يىل ئۆرپ - ئادەت ، يوسۇن-قائىدە ۋە بۇنىڭ تېگىدىكى ئىدىيىۋى ئاساس ئارقىلىق مىللەت مىقىياسىدا مۇستەھكەم مۇقىملىق ، ئوخشاشلىق شەكىللەندۈگەن بولساقمۇ ، ئاخىرى بىلىملىرى بىلەن دۇنيالىقتىكى ئىشلارنى شەكىل جەھەتتىن ئاخىرەتلىككە ئۇيغۇن ئېلىپ بارالىغان بولساقمۇ ، لېكىن دۇنياۋى  بىلىملىرىمىزنىڭ بەكلا چەتتە قېلىشى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇد سەۋىيىسى ، تارىخىي دەرىجىسى بويىچە ئىش قىلالمىدۇق. چاما ئۆز ئېغىر ۋەيران بولۇپجەمئىيەت جۇشقۇنلۇقىنى يوقاتتى ۋە شۇ نىمجان ھالىتىمىز بىلەن بۈگۈنگە كەلدۇق. شۈكرى ، تېخى يېقىندىن بېرى بىر قىسىم ئىمانلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تارىخ بىلىملىرىگە بولغان تونۇش ھەر قانداق دەۋرنىڭكىدىن ئۈستۈن بولماقتا. لېكىن شۇنداقتىمۇ تۇپراق بېشىدا تارىخ سۆزلەش تېخى ئومۇملاشمىدى. خەقنىڭ ئۇقۇملىرى ئاساسىدا مەدداھلىق قىلىپ توم -توم كىتاب يازىدىغان تاج خۇمارلىقىمىز تېخى ئاخىرلاشمىدى. مۆتىۋەر تارىخ كىتابلىرىمىز ، مۇپەسسەل پەلسەپە ئەسەرلىرىمىز ، نىشانە فىقىي مەجمۇئەلىرىمىز تىزىلىدىغان كىتاب جازىسى ئۆيلىرىمىزدە دۇخاپكىچىلىك ئورۇن تۇتالمىدى. ئىشىنىمەنكى ، ئويغانغان خەلق بۇ ئادەتنى چوقۇم تېپىۋالىدۇ.
    1995 - يىلى قەشقەر ، يەكەنلەردىكى قول -ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنى ئارىلاپ كېتىپ بېرىپ ، 200 يىل بۇرۇن قەشقەر سانائەت جەھەتتە قانچىلىك ئورۇندا تۇرار بولغىيتتى دېگەندەك سوئاللار كۆڭلۈمدىن كەچتى. بۇ ھۈنەرلەرنىڭ ، ياغاچ ، سۆڭەك ، ئالتۇن ، تومۇر ، سىر دېگەنلەرنىڭ ئىپىغا كىرىپ كەتكەنلىكتىن ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىگەندىن كېيىن ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئورنىغا ئېلېكترۇن ، قارشىلىق ، ئېلېكتر مەيدانى ، ماگنېت مەيدانى ، ئورام ، سىغىم دېگەندەك نەرسىلەرنى قويۇپ باقتىم. نەپس ياسالغان غىجەكلەر ، نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئالەمگە مەشھۇر خوتەن قەغىزى ، سەمەرقەنت قەغىزى ، ماشىنىغا ئايلىنىپ «ّْلىنكىن »لەرگە ئانچىكىم نەزەر بىلەن قاراۋاتقاندەك ، ھەتتا بازانىڭ تۇمانلىرى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئاياغلىرى ئارىسىدىن ئاندا-مۇندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان بۆشۈكلەرمۇ  سونى ، پاناسونىك ، خىتاچى ماركىلىق ئۇن ئالغۇلارنى « ۋاي » دەپ كەتمەيۋاتقاندەك ، ئوتقاشتەك نۇر چىچىپ تۇرغان گىلەملەر ، نەپس ئۆي نەقىشلىرى ، پىچاق نۇسقىلىرى بىردەمدە زامانىۋى گۈزەل بىنالارغا ئايلانغاندەك تۇيۇلدى. قەلبىمدە ئاشۇ گۈزەل شەھەرلەرنى رەت- رەت ئايلىنىپ كەتتىم. قەشقەر ، يەكەن ، خوتەن ، كۇچا ، سەمەرقەنت ، مەرغىلان ، بۇلغار ، بۇخارا دېگەندەك قول - ھۈنەرۋەنچىلىك ئاستانىلىرىنى قايتا- قايتىلاپ سانىدىم ، 200 يىل بۇرۇنقى ياپونىيە ، ئامېرىكا ، گېرمانىيىگە مەنمۇ ماشىناْْ ، ئۇن ئالغۇْْ ، كىر ئالغۇْْ ساتقۇچى بولۇپ مەغرۇر دەسسىيەلەيدىغىنىمغا كۆزۈم يەتتى. 50-60 يىللاردا ئۈرۈمچىدىن ئوقۇتىمىز دەپ كەلگەنلەرگە بالىلىرىنى تونۇرلارغا ، سامانلىقلارغا يوشۇرۇپ قويۇپ يولاتمىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ قەلبىنى ئاز -تولا چۈشەنگەندەك بولدۇم.لېكىن 200 يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىچۇ؟خوتەنگە بېرىپ ئەسىرلەر مابەينىدە شاھ ئوردىلىرىدا ئەتىۋارلاپ كېلىنگەن ، ئەدىبلەر ، ئالىملار ئىشلىتىشكە سازاۋەر بولغان خوتەن قەغىزىنى كۆرەلمىگەنلىكىم ، كۇچارنىڭ توپا بېسىپ ياتقان نەپس ئات - ئىگەرلىرى كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلدى. غۇلجىنىڭ ئۆتۈكلىرى قېنى؟ خوتەننىڭ شايى ئەتلەسلىرى قېنى؟ قەشقەرنىڭ پىچاقلىرى قېنى؟ كۇچارنىڭ ئاياغلىرى قېنى؟ مۇشۇ،ھۈنەرلىرى بىلەن ئەزىز ۋە خاتىرىجەم بولۇۋاتقانلار قېنى؟ دەيدىغان نىدا يېراق -يىراقلاردىن ياڭراپ كەتتى. تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئۆزۈمگە مۇخالىپ ئىشلارنى قىلغىنىمنى ، ھىجايمايدىغانلارغا ھىجايغىنىمنى ، ئالدىغا بارمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئالدىغا بارغىنىمنى ئەسلەپ ، بۇنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. توغرا بۇنداق ئويلىمىغاندىمۇ ھۈنەر نەگە بارسا دەرھال پۇل بولىدىغان ، ئەمما ئوغۇرلىغىلى بولمايدىغان ئەنگۈشتەر ، مۇشۇنداق بىر ئەنگۈشتەرنى ئۆتمەيدىغان قىلىۋېتىش ئېغىر ئىش ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۇ ئەڭگۈشتەر بولمىسا ، ھەر قايسى دۆلەتلەر چېگرا بېجى ئېلىپ نېمە قىلىدۇ؟ زىيان تارتىش بەدىلىگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىپ نېمە قىلىدۇ؟ بەزى چاغدا تەھرىر ئاغىنىمىزنىڭ قولىدىكى دۆۋە - دۆۋە ئەسەرلەرگە قاراپ كۈلۈپ كېتىمەن ، بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئەسەر يېزىش قىزغىنلىقىنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغاندۇر. بىراق ، ئۇلار زېھنىنى تار ئۆيدە قىسىلىپ ئولتۇرغان ئادەملەرنىڭ مۈگىدىگەنلىكىنى ، ساپ ھاۋا يېيەلمەيۋاتقانلىقىنى ، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىشتىكى تۈرلۈك - تۈرلۈك قىلىقلىرىنى يېزىشقا سەرپ قىلىپلا كەتمەي ، ئىشىك - دىرىزىنى ئېچىشنىڭ ئامالىنى ئىزدىسە بولمامدىغاندۇ؟ بۇ دۇنيادا كىمنىڭ ھاياتىنى مەنىسىز ئۆتكۈزگۈسى بار؟ قەشقەر ، يەكەن ، كۇچا قول -ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ھالاكىتى نېمىشقا مۇشۇنچىۋالا تىلغا چىقمايدۇ؟ دۆڭ،كۆۋرۈكلەردە سېلىنغان قەدىمىي ئامبال مەھكىمىلىرىدەك بىنالار ، ئىزىتقۇ سارايلىرىدەك يېزىلىشلار ، دۆڭ كۆۋرۈك ، بۇلاقبېشى سودىسىنىڭ خارابلىشىشى ، كەلگۈسى نېمىشقا غۇلغۇلا بولمايدۇ؟ خەقلەر بىز ھارام دەپ بىلىدىغان ھاراقنى ئىچىدىغان ، ئاتا- ئانام كۆرمىگەن ۋاخاخانى بالىلىرىمىزدىن ، چاينۇر )پوپوتاڭ)نى قىزلىرىمىزدىن ئايرىلمايدىغان قىلىپ يانچۇقىمىزدىن پۇل ئېلىۋاتىدۇ. ئەجىبا ، بىزنىڭ مۇسەللەسلىرىمىز ، مەدەتۇل ھاياتلىرىمىز ، قايماقلىرىمىز ، ئايران ۋە قىمىزلىرىمىز بىزگە بايلىق ئەكەلمەيدىكىنا؟ خەقنىڭ نەرسىسىبىلەن يۇيىنىۋاتىمىز ، خەقنىڭ نەرسىسى بىلەن ياسىنىۋاتىمىز ، ئەجىبا بىز بۇرۇن يۇيۇنمىغان ، كىيىنمىگەن ياسانمىغان خەقمۇ؟ ئۇنىڭدىكى ھۈنەر - سەنئەت ۋە ھاياتى كۈچ شۇنچىۋالا يوقمۇ؟ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بىز شۇنچىۋىلا قابىلسىزمۇ؟ ئىقتىسادىي ئېڭىمىز ، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىمىز ۋە ئۇنىڭ دەردى نېمىشقا مۇزاكىرە بولمايدۇ؟ بۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ھېكايە ، شېئىرلاردەك تەسىر كۆرسىتەلمەمدۇ؟ئىقتىسادىي ئىلىمدىن مەلۇمكى ، پەن  تېخنىكا ، ئىقتىساس ئىگىلىرى ، مەبلەخ بايلىقى ، ماددىي بايلىق بىر جەمئىيەتنىڭ تۆت چاقى. بۇ تۆت چاق كاپىتال بازىرى ، ئەمگەك كۈچى بازىرى ، مەھسۇلات بازىرى ئارقىلىق ئۆز جايىنى تاپىدۇ. بارلىق ئاپپاراتلار مۇشۇئۈچ چوڭ بازىنىڭ ئادىللىقى ، ئوڭۇشلۇقلىقى ، ماسلىشىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغىنىدا ئىستىقبال ئىزگۈسىدە پەن -تېخنىكا بىلەن ، ھاياتى كۈچ ئىزگۈسىدە ئىقتىساسلىقلار بىلەن ، قۇۋۋەت ئىزگۈسىدە مەبلەغ بايلىقى بىلەن ، ۋاسىتە ئىزگۈسىدە ماددىي بايلىق بىلەن تۇتاشقان شەخس تاللاش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىي پائالىيىتىنى باشلايدۇ. تۇنجى بولۇپ نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش ، قانچىلىك ئىشلەپچىقىرىش )نېمىنى ئېلىش ، قانچىلىك ئېلىش)مەسىلىسىنى ئويلىشىدۇ. ئوبيېكىت توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىلەن ئۆزىنى قايىل قىلغاندىن كېيىن ئۇنى بېكىتىدۇ. ئەلۋەتتە دۇنيا،ئاجايىپ زور دەرىجىدە كىچىكلەپ كەتتى. ياخشى بولسۇن ، يامان بولسۇن ، ھۈنەر بولسىلا پۇل بولىدىغان دەۋر ۋاقىت بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈلدى. قايىل بولۇشمۇ ساپاغا ، ئىلىملىككە باقىدىغانلىقتىن شەخسنىڭ قايىل بولۇشى بىلەنلا ئىش تاڭاتمايدىغان بولۇپ قالدى. يەنى مەھسۇلاتلارنى باھالاشمۇ ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئارىسىدىكى رىقابەت كۈچى ، مەسىلەن: سۇ ، دوغاپ دېگەندەك ئۈنۈمداش مەھسۇلاتلار ئارىسىدىكى جۇلالىنىشكۈچى ، خىرىدارلارنى تارتىش كۈچى ، ئىستېمالچىلارنىڭ سىتىۋېلىش كۈچى ، ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئىھتىمالدىكى سانى دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئاللىقاچان ئېلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ بولدى. شۇڭا قەشقەردىكى قايسىدۇر سىرچى يىگىت ئۆز ھاياجىنىنى مۇشۇنداق ئەمەلىي ۋە ئىلمىي پوزىتسىيىگە ئالماشتۇرمىغانلىقتىن ، ژۇرناللاردا ھەر قانچە ماختالغان بولسىمۇ ، يەنىلا جىمجىملا يوقاپ كەتتى. كۇچارنىڭ ئىگەرچىلىكى گەرچە شۇنداق نەپس بولسىمۇ ، يېڭى قاتناش قوراللىرىنىڭ بۇ كەسىپكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ، ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپمۇ  قويمىغاچقا ، ھەيرانلىق ۋە بىچارىلىك ئىچىدە دۇكانلىرىدا ئولتۇرۇپ قالدى.ەسسەنە! ئۇلار ھېچ بولمىغاندا ئاشۇ ئىگەرلەرنىڭ سەنئەتلىك قىممىتىنى ، ئۇنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇشنى ھېس قىلالىغان بولسا - ھە!بىر كۈنى مېنىڭ قولۇمدا ئوقۇپ چىقىپ كەتكەن بىر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم. ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدا ئۇ خېلى تۈرگۈن ۋە قىزغىن قىز ئىدى. ئائىلە تەربىيىسىدىنمىكىن ئىلىمگە ، ياخشى ئادەملەرگە ئىخلاس قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك ، ئۇ بىر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئۈچ يىل كومپيۇتېر ئۆگىنىپتۇ. ئەمما پۈتتۈرۈپ چىقىپ بىكار يۈرگىلى ئىككى يىل بوپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن بىرەر ئىش قىلاي دېمىدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ خىجىلچان كۈلۈپ ، بۆلمىگەندىكىن يۈردۈم شۇ دەپلا جاۋاب بەردى. ئەسلىي بۇ يۇرتتا قىلايدېسە تىككۈچىلىك ، سەتىراچلىق بەك زۆرۈر ئىدى.،بىرەر سەتىراچخانا بولمىغاچقا كىشىلەر ئاتايتەن بازارغا بېرىپ چاچ ياسىتاتتى ياكى چاچلىرى ئۆسۈپ خېلى بىر يەرگە بارغۇچە شۇنداق يۈرۈۋېرەتتى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېھتىياجنى بايقاپ مۇشۇ كەسىپنى تۇتمىغىنىغا ئىچىم پۇشتى. دەرھاللا سورىدىم ، بىراق ، ئۇ ۋىيەي دەپ كۈلۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى مەن دېگەن كەسىپلەرنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرمىگىنىدىن ئىدى.ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ. بۇنىڭغا ئۇنداق يا مۇنداق دەيدىغان يېرىمىز يوق. نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىمۇ مۇشۇنداق بىر مەسىلە. بىز ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىق ئىكەنمىز ، ئۇنداقتا رېئاللىق قايسى تەقەززا ۋە ئىھتىياج بىلەن بىزنىڭ ھالال ئەمگىكىمىزنى ئىقتىسادقا ئايلاندۇرسا ، شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. مۇھىم مەسىلە ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى ئاشۇ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدا ياكى مەزكۇر كەسىپنىڭ ھەشەمەتلىك گەپلەر بىلەن تەرىپلەنگەنلىكىدە ئەمەس ، بەلكى بىزنىڭ ھالال تەر ئاققۇزىدىغان ياكى ئاققۇزمايدىغانلىقىمىزدا. ئاشۇ كەسىپنىڭ ئاقىدىغان ئاقمايدىغانلىقىدا. بىلىش كېرەككى ، بۇنداق پۈچەك ئاقسۆڭەكلىك بىزنى نادانلارچە روھىي  ھالەتلەردە قالدۇرماقتا.نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېمىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىق ئۇنىڭ دۇنيالىق ئىنتىزامدىكى ئورنىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى گاللاشتۇرماقتا ، ئۇنىڭغا مەزلۇم ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ   40يىللىق مۇقىم خىزمەت ھاياتى قوشۇلۇپ سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان قارا كۆلەڭگە شەكىللەندى. ئىشىنىمەنكى ، ئۇلار بۇنىڭ جاجىسىنى چوقۇم يېقىن كەلگۈسىدە يەيدۇ. راست ، شۇڭا ئۇلار ھازىرلا ئويلاپ باقسۇن. خىزمەت ئورنىْْ ، ئىدارەْْ بىزگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟ خىزمىتى ، ئىدارىسى بار ئاتا -ئانىلىرىمىز قانچىلىك ياشىدى؟ ئىدارىسىز بوۋىلىرىمىز قانچىلىك ياشىدى؟ دۇرۇس ، دۇرۇست ئىشى بولمىسىمۇ ، مائاشى ھەر ئايدا كېلىۋېرىدىغان ئىدارە ھەقىقەتەنمۇ قىزىق. ئۇنى ھۆكۈمەت قۇرسىلا بولىدۇ. نېمە ئىشلەپچىقىرىدۇ ، ئۇ كېرەكمۇ -كېرەك ئەمەس ، دەپ سوراشنىڭ ھاجىتى يوق. مەكتەپ بولسىلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆگەتكىنى كېرەككە كېلەمدۇ- كەلمەمدۇ دەپ سوراشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ نېمە دېگەن قالتىس لوگىكا - ھە؟! بىر چاغلاردا غۇلجا ، توقسۇ ئۆزىنىڭ خۇرۇم ئاياغلىرى بىلەن داڭ چىقاردى. لېكىن بۇ داۋاملىشالمىدى. بەلكىم بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. بىراق ، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، غۇلجا ۋە توقسۇدىكى ئاياغ سانائىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا باشقا نەرسىلەردىن كۆرە ، مەلۇم جەھەتتىن بىكىنمىچىلىك ، نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدىكى ئوي رېتىمىنىڭ ئاستىلىقى ، رېئاللىقنىڭ تەقەززاسىغا بولغان سەزگۈر سادىقلىقىنىڭ يوق بولۇشى سەۋەب بولدى.بىزگە مەلۇمكى ، بۈگۈنكى دۇنيا رىتىم جەھەتتىن ناھايىتى ئىتتىك دۇنيا. بۈگۈن مودا بولىدىغان نەرسە ئەتە مودا بولمايدىغان دۇنيا. شۇڭلاشقا ئەسلىي بىر كەسىپنىڭ ئۆزى ھازىر نەچچە ھالقا بويىچە كەسىپلىشىپ كەتتى. مەسىلەن ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان كەسىپلەرنى ئالساق ، تىككۈچىلىكتە ، لاھىلىگۈچى ، كەسكۈچى ، چاتقۇچى ، تىككۈچى ، دەزماللىغۇچى دەپ بىرمۇنچە ئۇستىلار بولىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە لايىھىلىگۈچى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ، ئۇ مەزكۇر كەسىپنى دەۋر قەدىمى بىلەن تەڭلەشتۈرگۈچىدۇر. ئېنىقكى ، بىزدە تا ھازىرغىچە ئاياغ ۋە كىيىم لايىھىلەشتە ئوقۇغانلار ، ئىقتىساسلىق دەپ ئاتالغانلار ئاز ، ھەتتا يوق. روشەنكى ، بۇ بىزنىڭ تىككۈچىلىك ، موزدۇزلۇق ، كەسىپلىرىمىزنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويغان.ئەلۋەتتە ، ئەينى دەۋردە ۋىنجۇ ، خاڭجۇ دېگەندەك ئاياغ تىكىش مەركەزلىرىدىمۇ لايىھىلىگۈچىلەر يوق ئىدى. ئەمما ئۇلار ئۇچۇرغا   بىزدىن كۆپ تىز ۋە سەزگۈر بولغاچقا ، چەت ئەللەرنىڭ ئاياغ نۇسقىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەپ ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەھكەملىدى.دۇرۇس ، مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالەت موزدۇزلۇق كەسپىنىڭ ھالاكىتى بىلەن يوقىغىنى يوق. بىز قىلغان ھەممە ئىش ھېلىھەم مۇشۇنداق قىسمەتتىن نېرى ئەمەس ، ئەنە بىز ياسىغان كەمپىتلەر تاشقى كۆرۈنۈشىتىنلا   چىقىپ تۇرمامدۇ؟ مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا سېتىلىۋاتقان كۇچا سوپۇنى تۇرقى بىلەن رەڭگىنى ئۆزگەرتمەي قوپال گىدىيىپ تۇرمامدۇ؟ شۇنچىلىك زور دەرىجىدە بازار قىممىتى بار دوپپىلىرىمىز باھاسى سەۋەبلىك بەش كويلۇق شەپكىچىلىك بولالمايۋاتىدۇ. رەخت - پۇچەك ئەرزانلاپ كەتكەن مۇشۇ كۈندىمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ ئەجەللىك تەرىپىنى خىيالىغا كەلتۈرگەنلەر بارمىدۇ؟ ئاقمايدىغان كەسىپلەر بىلەن توشقان ئالىي مەكتەپلىرىمىز ۋە ئۇلارنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئىقتىساسلىقلىرىمىزنىڭ ئاتا -بوۋىمىز تىكلەپ بەرگەن ئىسلام ئەقىدىسى سەۋەبىدىنلا بازا تېپىۋاتقان ئاشۇ سوپۇنلاردىن قانچىلىك ئۈستۈنلۈكى بار! نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېمىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇش دەيدىغان ماھىيەتلىك مەسىلىنى ئويلىشىشىنى ھۆكۈمەتكە ھاۋالە قىلىپ دەۋرنىڭ ئەلگەكلىرىدىن ئاللىقاچان شاللىنىپ ، ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتكەن مەكتەپلەردە بالىلىرىنى ئىستىقباللىقْْ قىلىش ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقان ئاتا - ئانىلارنىڭ مېھنەتلىرى قانچىلىك مەنىلىك بولىۋاتىدۇ؟ ھەتتا مۇشۇنداق ئادددى ۋە ئەقەللىي مەسىلىلەرنى ھېسسىيات  بىلەن ئۆڭدۈرۋەتمەي ئويلايدىغان سەمىمىيەتنىڭ نېمانداق تايىنى قالمايدۇ؟يىرىقى تۇرۇپ،تۇرسۇن ، ئاقىۋەت ھېسابىدا ئەتراپىمىزغا ، ئۈستى - بېشىمىزغا قاراپ باقايلى ، ئۈستىمىزدە مۇشۇ زېمىندىن ، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان نەرسە قانچىلىك؟ مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىشسىز ، ئىش تېپىشقا قادىر ئەمەسلىكىمىزنى ، نېمىنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىلىشتە قاششاڭلىقىمىزنى  كۆرسىتىپ تۇرمامدۇ؟ توغرا ، ھەر ھالدا دوقمۇش - دوقمۇشتىكى كاۋابدانلىرىمىز ئاشخانىلىرىمىز ، گىلەم ۋە دوپپىلىرىمىز ، پىچاق ۋە دۇتتار  ، تەمبۇرلىرىمىز ئىس - تۈتەك باسقان رەتسىز رەستىلەردە ھەممىدە يېڭىلىپ كەتمىدۇقْْ دېگەنچىلىك قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ئۇلار يۇرتىمىزدا مىڭ غادىيىپ تۇرغان بىلەن ئەمەت ، سەمەتلەرنىڭ يانچۇقىدىكى 20 سوم پۇلنى مەمەتنىڭ يانچۇقىغا جۇغلاپ سېلىپ قويىدىغان ، يۇرتىمىزنىڭ غايەت زور نىفىت بايلىقىنى ئېچىشقا كەلگەن باشقا ئۆلكىلىك مۇتەخەسىسلەر ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەمىنى بىلىپ بېقىشقا قىيىدىغان پۇلنى ئانچە  مۇنچە يىغىۋېلىشتىن باشقا ئىش قىلغىنى يوق. سەللا سودىسى بولۇش ئېھتىمالى بولسىلا باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكۈدەكلا ھۈنەر - سەنئەتتىن ھالقىپ كېتەلىگىنى يوق. ياپونىيىنىڭ تېلېۋىزور ، ماشىنىلىرىغا ئوخشاش چەتكە چىقىپ بىزگە بايلىق ئەكەلگىنى يوق. شۇڭا تاھازىرغىچە ئاشپەزنىڭ مۇئاشى ئۆسۈپ باقتىمۇ؟ چايچى، جارچىلارنىڭ مۇئاشى ئۆسۈپ باقتىمۇ؟ يەنىمۇ دېسەك ، ئۆزىمىزنى سودىغا ئۇنداق ماھىر ، مۇنداق ماھىر دەپ كۆككە كۆتۈرگەن بىلەن تىجارەت ھوقۇقى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىدىغان ، ئىقتىساد ئىگىسى تالىشىدىغان مۇشۇنچىلىك ئەقەللى تۇيغۇغا ئىگە سودىگەرلەر ئارىمىزدا قانچىلىك؟ ھئورنى ياخشى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئىككى چامدام يەرگە نەچچە مىڭلاپ ئايلىق ئىجارە تۆلەشنى بۇرۇنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرى ئۆگەتتى. بىراق ، ئورنىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭلاپ پۇلنى بىرەر كاللىسنىڭ ئىجارىسى ئۈچۈن تۆلەشنى ئۆگەنگەنلەر قانچىلىك؟ باھا پەرقىگە قاراپ سودا قىلىشتىن باھانى بەلگۈلىگۈچى ئامىللارغا قاراپ سودا قىلغۇدەكلەر قانچىلىك؟ بوپتۇ باشقىسى تۇرۇپ تۇرسۇن. دوپپا ، گىلەم ، پىچاق سېتىپ نۇرغۇن ئادەم جېنىنى بېقىۋاتقىنى بىلەن يۈز شائىردىن ئەلقەم ئەختەم كىمۇ؟ دېسە ، ئۇستاز شائىر دەپ بېرەلىگىنىدەك ئۆز ھۈنەرلىرى بىلەن ئۆزىگە نان بېرىۋاتقان ئاشۇنداق مالنى دۇنياغا مەۋجۇتلۇقىنى قوغداۋاتقان قەھرىمان پېشۋالارغا قەلبىدىن ئورۇن بېرىدىغان روھ قانچىلىك؟بىزنىڭ  نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش ، ئۇنىڭ دۇنيالىق ئىنتىزامدىكى ئورنى زادى قانچىلىك؟ دېگەندىن ئىبارەت مۇشۇنداق تۈپ مەسىلىدە نېمىشقا مۇشۇنداق قاشاڭ؟ نى نى خاقانلارغا جاھاننى پىرقىرتىۋاتقان سەن ئەمەس باشقا. دېگەن جۈملىدىن تازىم قىلماي ئەنئەنىسدىن دۇنيالىق ئىنتىزاملارنى ھېس قىلىپ تۇرغان خەلقنىڭ ئەۋلادلىرى ئەجەبا ئاشۇ ئىنتىزاملارنىڭ ئېپىغا كىرىشتە ، ئۇنىڭ بىر جەمئىيەتتىكى رولىنى تونۇپ يېتىشتە مۇشۇنداق سوك - سوك بولىدىكىنە؟