• ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟(6) - [ئىجتىمائى مەسىللەر]

    خەتكۈچ:
     
    مېنىڭ شۇ كۈنلەردە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەن بىر ئاغىنەم بار ئىدى. بۇ تازا ھاجىملار قايتىپ كېلىدىغان بىر مەزگىل بولۇپ، ئۆزىگە ئۇزۇن يىل دەرس بەرگەن يۇرتتا خېلى نامى بار موللىسى، ھاجىلارنىڭ ئالدىغا چىققان مەزگىلدە ئۇنى ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا ئېلىپ كەپتۇ. ئۇياز كۈنلىرى بولۇپ، پىشىنگە ئەمدىلا تەرەت ئېلىپ جاينىماز سېلىنىۋاتقان ۋاقىت ئىدى. شۇ ئەسنادا يوتىسىنى ئارانلا يېپىپ تۇرىدىغان كۆڭلەك كىيىۋالغان چىرايلىق بىر قىز ئۆيگە كىرىپ، بىر نەرسە دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى. بولغان ئىش مۇشۇنچىلىك ئىدى. داموللا قىزىرىپ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن، قوپۇپ چىقىپ كەتتى. بىلدۇقكى، ئۇ ئېھتىلام بولۇپ قالغانىدى .
     توۋا دېدىم، ۋىناسنىڭ ھەيكەللىرى رەت - رەت كۆز ئالدىمغا كەلدى. ساپا جەھەتتىكى ئاسمان -زېمىن پەرق  مېنى ھاڭ،-،تاڭ قالدۇردى. مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېسسىي مۇقامدا تۇرۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى  ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. دېمىسىمۇ ھەربىر يۇرتتا ئەزەلدىن5-10 يىل  ئوقۇغان ئادەملەر بار تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان، ھەجگە  بېرىش ئۈچۈنلا ھەجىگە بارىدىغان دىن نېمە ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ ئۇنىڭ تۈپى نېمە؟ بېتى نېمە؟ نېمىشقا ھېيىت قىلىمىز، ئىسىم قويۇش، سۈننەت توي بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟ نىكاھنىڭ خاسىيىتى نېمە؟ دەيدىغان مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان،  قىسقىسى مۇستەھكەم، مۇكەممەل پەلسەپىنى ئۇنۇتقان جەمئىيەت نېمىشقا ھېسسىي مۇقام بولمىسۇن؟ ئەلۋەتتە بۇ يۇرتتا يەنە «تارىم»ْْ، « تەڭرىتاغ» «ّْقەشقەرئەدەبىياتى» دېگەندەك ژۇرناللارغائۈزۈلمەي يېزىلىدىغانلار بار ئىدى.ەتتا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر داڭلىق شەخسلەرنىڭ قاچان توي قىلغىنىنى، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىنى، قانداق مەخپىيەتلىكلىرى بارلىقىنى، غەم  قايغۇلىرىنى بەش قولدەك بىلەتتى.ەممەيلەن بىكارچىلىقتا ژۇرنالنى ئوقۇيتتى. ئەمما يەنە بۈگۈن تۈنۈگۈندەك ئۆتۈپ كېتەتتى. تىلېۋىزوردىكى قىزىق تىياتىرلار ژۇرنالغا قارىغاندا تولاراق غۇلغۇلا قوزغايتتى. بەلكىم، بۇ ئۇلارنىڭ تىياتېرنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. بۇ غۇلغۇلا ھەپتىلەرگە سوزۇلاتتى. لېكىن يەنىلا كېيىنكى ھەپتىلەرمۇ ئالدىنقى ھەپتىلەردەك ئۆتۈپ كەتتى. بەزىدە بىر كىملەر مېنىڭدىن پالانىنى تونۇمسەن؟ دەپ سوراپ قوياتتى. مەن تونىمايمەن دەيتتىم. توغرا ئىچ -ئىچىدىن ياخشى ئىشلارنى قىلغۇسى بارلارمۇ چىقتى. لېكىن ئۇلار ئىشنى نەدىن باشلاشنى، قانداق قىلىشنى ئۇقمايتتى ژۇرناللارنى ھەرقانچە ئوقۇغان بىلەنمۇ تۈزۈك ياشا، روھلۇق بول! دېگەندەك مەزمۇنلارنىلا بېرەتتى. ئەمما كىمنىڭ تۈزۈك ياشىغۇسى يوق؟ كىمنىڭ روھلۇق بولغۇسى يوق؟ شۇنداق قىلىپ مەن گىتتارىمنى چالاتتىم-دە، يېرىم ساراڭلىق مۇقامىغا دەسسەيتتۇق. پەقەتقانداق قىلىپ ساراڭلارچە كۈلۈشنى بىلىدىغاندەك قىلغاچقىمىكى پات -پات سورۇنلار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېتەتتى. ئەسكىلەر بىلەن ئەسكى،  بۇزۇقلار بىلەن بۇزۇق بولاتتۇق. مانا بۇ15 يىل ئوقۇغان ئادەمنىڭ ھاياتى ئىدى. كېيىن بىر كۈنلەردە بۇلارنى ئەسلەپ قالدىم، ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرىدىن قانداقتۇر بىر نېمىلەر ئۆرلەپ سوئال تاشلاشقا باشلىدى. بۇ ھاياتىنىڭ «مۇقەددىمە» «تەزە» «نۇسقا» لىرىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ تەركىدۇنيا كەيپىدە ساراڭلارچە ئوينايدىغان سەنەم ساماسىغا كەلگىنىمىزمۇ؟ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇدىكى مەزلۇم چىرايلارنى، بىچارە بازارلارنى، مۇڭلۇق  كوچىلارنى، توپا باسقان كىتابخانىلارنى ۋەھىمىلىك جامائەتچىلىكنى ئايلىنىپ كېلىپ، ياڭراتقۇلىرىنى كوچىغا قارىتىپ بولۇشىغا قويۇۋەتكەن قاپلىق لىنتا دۇكانلىرى بىلەن توشقان ئىتتىپاققا، بۇلاق بېشىدىكى كونا ماللار بازىرىغا يېتىپ كەلگىنىمىزمۇ؟ ئۈرۈمچىنىڭ ئاتالمىش رېستۇران مەدەنىيىتى جەۋلان قىلىۋاتقان بەزمىخانىلىرىدىن ئورۇن ئالغىنىمىزمۇ؟ ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئىچكىرىنىڭ بازىرىدا خەمەك سودىسىنىڭ قىزىيدىغانلىقى مېنى خېلى بىر مەزگىلگىچە ھەيران قالدۇردى. بۇ يەردىكى خەققە «ئۇ قۇغۇننىڭ بىر سورتى، ئاشۇنداق تەمدە بولىدۇ» دېگەن بىر جۈملە گەپلا كۇپايە ئىدى. بىر كىملەرنىڭمۇ بىر چاغلاردا بۇ يەرلەردە كاۋىنى قۇغۇن دەپ ساتقىنىغا ئەمدى ئىشەندىم. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تەم ئالاھىدە ئۇقۇم ئىدىكى، ئۇ ئاجايىپ كەڭ ھەم مول غايە دۇنياسىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇ غايە ئەزىز يەردە تۇرغاچقا ئەمدىكى مەسىلە پەقەت ئىقتىدار مەسىلىسى ئىدى. شۇڭا بۇ زېمىندە رېستۇرانلار، قاۋاقخانىلار ھەممىدىن جىق، قورۇمىلار ۋە قورۇمىنىڭ باھاسى ھەممىدىن مول ئىدى. قانداقلا بولسۇن، بىر تەم چىقىدىغان بولغاچقا گۆش قانچىلىك بولسا پىيازنى شۇنچىلىك توغرايسەن، ئۇ گۆشتىكى غەلىزلىكنى پارچىلايدۇ، دەپ ئاخىرقى ھېسابتا مۆتىدىللىكنى، سىڭىشچانلىقنى، ساغلاملىقنى قوغلىشىدىغان بىزنىڭ قورۇمىلىرىمىزدىن كۆپ جىق بولاتتى. تەپەككۈرلىرىم قاناتلىنىشقا باشلىدى. دېمەك، بىز قۇغۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ھەرگىز كارۋىنى قۇغۇن دەپ يەپ سالمايدىكەنمىز-دە، ئۈرۈكنىڭ ئاخىرقى غايىسى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنى توڭ ئۈزۈشنى ئەخلاقسىزلىق دەيدىكەنمىز-دە؟
    خوش ئالەم تەسەۋۋۇفنى چۈشىنىپ مۇشۇنداق ئىش قىلغان ياخشىمۇ ياكى چەكسىز ئىستەكلەردە يول ئېچىپ كاۋىنىڭ تەمىنىمۇ تېتىپ باقىنىمىز ياخشىمۇ؟
     بۇ يىل خاربىندا ئاشخانا ئاچقان بىر ئاغىنىمىزنىڭ ئاشخانىسىدا بولغان بىر ئىش  يادىمغا كەلدى. ئۇ چاغدا ھەممىمىز بىر ئېلان لوزۇنكىسىغا خەت يازدۇرۇۋاتاتتۇق،  ئارىلىقتا رۇسچە ياسانغان بىر توپ سېرىق چاچلىق قىزلار كىردى. ئۇلار خېلىدىن بىرى خاربىن بەزمىخانىلىرىدا  جان بىقىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پاھىشىلەر بولۇپ، ئاندا -مۇندا بۇ ئاشخانىغا كېلىپ قالاتتى. ئادەتتە بىز ئۇلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تونۇماسلىققا سالاتتۇق، لېكىن بۈگۈن بۇ ئاغىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن قېيىن سىڭلىسى باربولۇپ، ئۇ ناھايىتى تەبىئىيلا بۇ قىزلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئالدىدىكى مەخلۇقلارنىڭ قانداق ئادەملىكى بەش قولدەك ئايان ئىدى. شۇ چاغدا كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولدى. ئۇ نېمىشقا ئۇلاردىن ئازراق بولسىمۇ يىرگىنمەيدىغاندۇ؟ بىز ئۇلارنى باشقىلار بىز بىلەن ئوخشاش خەقكەن دەپ قالمىسۇن دەپ، گەپ قىلسىمۇ گەپ قىلماي ئۆتىمىز، بۇ قىزدا مۇشۇنداق ھېس نېمىشقا يوق؟ كېيىن مۇشۇنداق بىر سوئال قەلبىمنى ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئىزتىراپقا سالدى. مەن دائىم ئىتتىپاقنىڭ ئالدىدا دىۋانىچىلىق قىلىدىغان بىر چولاق پىسىنى ئۇچرىتاتتىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قەلەندەر دۆڭ كۆۋرۈك بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كىراكەش، تاكسى شوپۇرلىرى، باققاللار بىلەن بىر پەس ئوينىشىپ تاماكا چېكىشتى. مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە بۇ مەنزىرىنى نەچچە رەت كۆزەتتىم. پۇزۇر كىيىنىۋالغان تاكسى شوپۇرلىرى، دېھقان سۈپەت باققاللار بۇ قەلەندەر بىلەن تەبىئىي چاقچاقلىشاتتى. تاماكىسىنى سورايتتى. ئاياللارغا ئىما قىلىشاتتى. ھېچقايسىسىدا ئۇنىڭدىن يىرگىنىشتەك بىر نېمە يوق ئىدى. ئۇلار تېخى بۇ پىسى دىۋانە كەتكەندىن كېيىن:
     -ّْيامان گۇي جۇمۇ، دەپ مەسلىكى كەلگەندەك گەپ قىلىپ باشلىرىنى گىلدىڭشىتىپ كېتەتتى...ئەپسۇس، رېئال دۇنيا جايى -جايىدا سەرەمجانلاشقان روھ مۇنداق بولمايتتى. بىر ئۆينى يارىشىملىق سەرەمجانلاشتۇرۇۋالغان ئادەم نېمىنىڭ كىتاب ئىشكاپىغا تىزىلىشى كېرەكلىكىنى، نېمىنىڭ لوڭقىغا سېلىنىشى لازىملىقىنى، نېمىنىڭ سۈپۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. نېمىنىڭ بەد بۇي، نېمىنىڭ چاڭ- توزاڭ ئىكەنلىكىنى تەبىئىي ئايرىيتتى. لېكىن، مەن كۆرگەن  بۇ تۇرمۇش كارتىنىلىرى قانداق ئەھۋال؟ رېئاللىقنى جايى - جايىدا سەرەمجانلاشتۇرغان  روھ پەلسەپە بولىدىغان بولسا ھاياتى كۈچكە ئىگە پەلسەپە دېگەن بۇ نەرسىنىڭ نېمىشقا بىزگە قوينى تار؟ بىز ئۇنى خالىمىدۇقمۇ ياكى ئۇنى خالىماسلىق كېرەكمۇ؟ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا ئۆز يۇرتىدا تولىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر، سالاپەتلىكئاتا يوللۇق بىر ئادەم بىلەن تونۇشاتتىم.ئۇ مۇساپىرچىلىق ھاياتىمىزدا بىزگە ئەمەلىي ياردەم قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئىلھامبەخش سۆزلىرى ۋە ئوچۇق - يورۇقلۇقى بىلەن مەيلىمىزنى تارتىپ تۇراتتى. بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازنىڭ ھاكىملارنىڭ سورۇنىغا يۇرتلىقلىرىنى باشلاپ بېرىپ، لىفىتتىن چۈشۈۋاتقاندا قىزلارغا پۇخۇرلۇق قىلىمەن، دەپ خاتا ھالدا بىر ئوغۇل دوستۇمنىڭ قوللىرىنى ئىشقىۋازلىق بىلەن موجۇقلاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانىدىم، توۋا دېدىم، ناۋادا بۇ كىشى مېنىڭمۇ قىزلىرىم بار، باشقىلار مېنىڭ قىزلىرىمغا مۇشۇنداق نىيەتتە بولسا مەن قانداق بولۇپ كېتىمەن؟ دېگەننى ئويلىغانلا بولسا پەلسەپىنىڭ يولىغا ماڭاتتىغۇ، دەيدىغانلا سوئال قالدى.راست، پەلسەپىگە قاراپ مېڭىش -،ماڭماسلىق ئاشۇنداق ئانچىكىمدەك كۆرۈنىدىغان ئىشلارنىڭ قوينىدا قارار تاپىدۇ، ھەممە نېمىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ بېقىپ بىلىدىغان بوۋاق ئۇنى  ئالاھىدە ئورۇندا كۆرمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان، ئائىلىسىدىكى نامەرت، سەمىمىيەتسىز كەيپىيات ۋە مۇئامىلىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپلا قالمىغان بولسا، ئانام يېنىمدا بولسا قورسىقىم بىئارام بولمايدۇ، ئەمما تۈرلۈك-تۈرلۈك خەقلەر ئانامدەك ماڭا ئىللىق قارايدىكەن،  بىئاراملىقىمنى يوقىتىدىكەن، ئانامنىڭ يېنىغا ئاپىرىدىكەن،  ئاجايىپ يەرلەرگە ئاپىرىدىكەن، دېگەندەك تۇيغۇلار بىلەن ئۆز پەلسەپىسىنى باشلايدۇ ۋە بۇ ئىنساننىڭ ئالەمنى ئەينەن تەجەللى قىلالىغىنىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. بۇنداق تەجەللى قىلىش مەيلى ئىنسانى جاسارەت ۋە تۇيغۇنلۇق تەپتىدىن ئاڭلىق پائالىيەت بولالىسۇن-بولالمىسۇن، ھامىنى خۇددى ئادلىر ئېيتقاندەك: ئادەمنىڭ تۇرقى، ھەرىكىتى، ئىپادىسى، ئادىتى، يوسۇنى، نىيىتى، خاراكتېرىدە («ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ»، ئادلىر، 2-بەت، خەلق نەشرىياتى نەشرى)تەجەللى بولىدۇ. مەيلى ئۇ ئۆز پەلسەپىسى ھەققىدە سورىغانلارغا بىر نېمە دەپ بېرەلىگەن ياكى بېرەلمىگەن بولسۇن، ھامىنى ئۇنىڭ قىلىقلىرى، ئۇششاق ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ مۇشۇ دۇنياغا ۋە ئۆزىگە بولغان قاراشلىرىدىن بېشارەت بېرىدۇ. خۇددى دۇنيا دېگەن شۇنداق، مەن دېگەن مۇنداق دەۋاتقاندەك بولىدۇ («ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ»، ئادلىر، 2-بەت، خەلق نەشرىياتى نەشرى)ھھشۇنداق قىلىپ ھەر بىر ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن ئۆز پەلسەپىسىنى ئىپادە قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا قىلىق، تۇرۇق، ئىپادە ۋە ئۆتمۈش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى تەرجىمانىدۇر. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ئۆزى دەپ بېرەلمىسىمۇ، باشقىلار ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەلەيدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى ھېس قىلالايدۇ. بىلىم ئوبيېكىت بىلەن سۇبيېكتنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تەسىر سۇبيېكىت بىلەن ئوبيېكىت ئارىسىدىكى ئۆتۈشۈشتۇر. شۇڭا ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئوبيېكتنىمۇ، سۇبيېكتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(« تېگىدىن بىلىش نەزىرىيىسى» جىيان پىئاگېت، سودا نەشرىياتى، 4-بەت)بىزگە مەلۇمكى، ئىنسان دۇنياغا كەلگەنىكەن ئۇنىڭدا شۇ چاغدىن باشلاپ ھېسسىيات بولىدۇ. شۇڭا بالىلىق سېزىم تۇغلۇق سېزىم تۇغلۇق دەۋرى بىلىنىش نەزەرىيىسىدىكى بىر ئاتالغۇ.  بالىلىق دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. سېزىم تۇغلۇق توغرىسىدا بالدۋىن خېلى بۇرۇنلا دەلىللىگەنكى:، بوۋاقتا ئۆزلۈك ئېڭىدىن ئەسەر بولمايدۇ، ئىچكى دۇنيا بىلەن تاشقى دۇنيا ئارىسىدا مۇقىم چەك- چېگرامۇ بولمايدۇ («تېگىدىن بىلىش نەزەرىيىسى» پىئاگېت، سودا نەشرىياتى 4-بەت) شۇڭا ئۇ موزىكىلىق ئالاقە دەۋرى بولغان ئاشۇ دەۋردە ھەممىنى ئۆزىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشتىياق باغلايدۇ، تەقلىد قىلىدۇ. ئىشتىياق ئۇنىڭ تەقلىد ئوبيېكتىنى كۆزىتىش كۈچىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە بارا -بارا سېلىشتۇرۇش ھەۋىسىنى قوزغاپ سوئالغا ھازىرلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۆكنى باشقا كىيىمىز، بازاردىن ئالما ئېلىش ئۈچۈن رەسىملىك بىر قەغەز بولمىسا بولمايدۇ، دېگەندەك دۇنيالىق ئىنتىزام بالىلىق روھتا ئوسقان ياساپ ئەقىل پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىنتىزام ئۈلگىلىرى ۋە  خۇسۇسىيەتلەردىن  پايدىلىنىش سەنئىتىنى ئىگىلەش بىلەن بېيىپ بارىدۇ. شۇڭا ھېسسىياتلىق بالا پرىنسىپ جەھەتتىن شۇنچە چىچەن چىقىدۇ ۋە بۇ بالىنىڭ ئىنكاسى سەزگۈر ئانا بىلەن قانچە تېپىشالىسا شۇنچە رېئال ئۇتۇق بېرىدۇ. ئىنسان تائىپىنىڭ ھەرقاندىغىدا ئەقىل بولىدۇ. ئەمما ئۇ ناھايىتى قىسقا مەزگىل بالىلار ئۈچۈن پەلسەپە ھېسابلانسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەڭگۈ ئىنتىزاملارنىڭ روھتىكى ئىنكاسى،  خۇسۇسىيەتلىرى ئامبىرىدىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئىزدەش سەنئىتى بولۇشتەك ماھىيىتىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت يالغۇز بىرلا ئادەمنى ئويلاشقاندىلا ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يۈكسەك دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. شۇڭا، نوقۇل ئەقىل مۇستەبىت جەمئىيەت، كارخانا، ئورۇش ۋە شەخسىيەتچىلەرنىڭ ئەڭگۈشتىرى خالاس. گېپىمىزگە كەلسەك،  سېلىشتۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئادەم روھىدا پەلسەپە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇ مۇقەررەرلىك، بۇنىڭدىكى ھالقىلىق ئامىل ئۆلچەم، يەنى بالا دەسلەپ ئانىنى ئۆلچەم قىلىپ ئەتراپىدىكى باشقا ئادەملەرنى دەڭسەيدۇ ۋە ئاشۇ ئۆلچەمگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنى ئۆزىگە، ئۆز ھۆكۈملىرىگە بولغان ئىشەنچەسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئادلىر ئوچۇق قىلىپ: ناۋادا ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانىلىق تەقدىرگە رازىلىقى بولمىسا، بالىلارغا قىزىقمىسا، ئۇلارغا قىزغىنلىقى بولمىسا، ئۇنداقتا ئىنسانلار چوقۇم ھالەتكە قاراپ ماڭىدۇ («ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ»، ئادلىر، خەلق نەشرىياتى نەشرى)دەيدۇ. ئاندىن كېيىن ئۆلچەم ئاتا نەسھىتى ۋە ئەمەلىيىتى، جەمئىيەت، ئۆرۈپ -ئادەت، ھايات ئۆرنەكلىرى، ھەقىقەت ۋەھاكازا بولۇپ، ئىلگىرى -كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەمما زەنجىرسىمان كېلىدىغان بۇ ھايات جەريانلىرىنىڭ داۋاملىشىپ كېلىش-كەلمەسلىكى يەنە شارائىتقا باقماي قالمايدۇ. يەنى بالىنىڭ نەزىرى ئانىدىن ئاتىغا ئۆرۈلۈشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا ئۆزىگە چۇشلۇق مۇھەببەتتە بولمىسا بولمايدۇ. بالىنىڭ نەزىرى جەمئىيەتكە چۈشىشى ئۈچۈن ئاتا ئادىل، دوستانە، مەرت بولمىسا بولمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇنداق يوسۇندا بولمىسا بولمايدۇ. لېكىن بىز ئائىلىمىزگە كىرىپ باقايلى، ئانىلىرىمىزنى ئۆز پەزىلىتى بىلەن كۆيدۈرگەن ئاتىلىرىمىز قانچىلىك؟ ئۇلارنى مالايدەك كۆرمەيۋاتقان، قاتلاڭ -قاتلاڭ خوتۇن ئېلىپ ئاياللارنى ماھىيىتىدە كۆڭۈل خوشى دېمىگەن ئاتىلىرىمىز قانچىلىك؟ ئاتىلىرىمىزغا قورقۇش بىلەن، ئەنسىزچىلىك بىلەن ئەمەس،  مۇھەببەت بىلەن بېقىۋاتقان ئانىلىرىمىز قانچىلىك؟ موللا بۇرادەرلەر بىلەن بىر بولۇپ قالغان چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا قىلىۋاتقان قوپال مۇئامىلىلىرى، چاكارلاردەك سۈپەتتە تۇرغان بۇ مەزلۇملارنىڭ بىچارە ھالەتلىرى يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىنى ئىچىشتۇرماي قالمايدۇ. ئەجىبا ئۆز ئانىلىرىغا بولۇۋاتقان ئاشۇنداق تەڭسىز مۇئامىلىنى ئۆز ئاتىلىرىدىن كۆرۈۋاتقان بالىلار ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە نەزىرى ئاغدى دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى جايى- جايىدا سەرەمجانلاشتۇرالارمۇ؟ ئۇنىڭدا بىرەر تەڭسىزلىك كۆرۈلسە نېمىشقا تەڭسىزلىك بولىدىكەن دەپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقالارمۇ؟ تەڭسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالارمۇ؟ ناتايىن. قەلبىمدە قايىل بولمىغان مۇھىتقا ئائىلىدە كۆنۈككەن بالا جەمئىيەتتىمۇ كۆنىدۇ. ئۇنىڭدىن پەلسەپىنى يارىتىدىغان پەزىلەت يوقايدۇ. شۇڭا بىزدە ئىچى شىر )ئۇيۇل)ئادەملەر ناھايىتى ئاز، ئائىلە ئەزالىرى، قوشنا -قۇلۇملىرى ئارىسىدا تەڭسىزلىك، سۈركىلىش ناھايىتى جىق بولسىمۇ، سىرتقا بۇس چىقىرىۋەتمەيدىغان، شەرىئەت بويىچە ياشاشنى غايە قىلغان قەشقەر شەھەر ئاھالىسى مەدەنىيىتى بۇنىڭ رېئال مىسالىدۇر. مۇشۇنداق تۇرسا پەلسەپىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا باسقۇچتا توختىمىقىنى نېمىشقا پېشانىمىزگە پۈتۈلمىسۇن؟ ئەڭ چىن تۇيۇلىدىغىنى، تەڭگە بولغاندىكىن كىيگەندە باشقا يوغان كەلسە، يۇيۇلسا قىسقىرايدۇ. كىچىك كەلسە يۇيۇلسا قويۇۋېتىدۇ، دەپ شەپكە ساتىدىغان قەشقەر شەپكە بازىرىدىكى شەپكىچىلەردەك ئادەملەر نېمىشقا ئاۋۇپ كەتمىسۇن؟! مىسالەن ئەلمىساقتىن خەقلەر ئۆتۈپ -كېچىپ يۈرگەن يولدىن ھەق ئېلىشنى ناھەق ھالدا بەلگىلىمە قىلىۋېلىپ ئادەملەرنىڭ بۇ ناھەقچىلىككە ئاچچىقلىنىشىغا ھەسسىلەپ جەرىمانە، مەمۇرى جازا بېرىپ قارشى تۇرىدىغان، بۇ ئىشنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئويلىماي پەقەت جازا يېگەنلەرگە ھەممە ئادەم مۇشۇنداق قىلسا مەن قانداق قىلىمەن؟ سەن ئاچچىقلىمىساڭ مەن جەرىمانە قوياتتىممۇ، جازا بېرەتتىممۇ؟ سەن نېمانداق ئاڭسىز، بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر، دەپ تىپىك يازملىق قۇل مۇقامىدا سەپسەتە سېتىشقا ھېيىقمايدىغان پەسكەش ماھىيەتتىكى مەنتىقىدىن ئالچۇق سىلىۋالغان بىر ئۇچۇم ئەقىللىق ئەبلەخلەر نېمىشقا تۈركۈم -تۈركۈملەپ پەيدا بولمىسۇن!؟
    كۆز ئالدىمدىن ئاتاغلىق شائىر تىيىپچان ئلىيوفنىڭ تەمكىنلىك ۋە ئاجايىپ يىقىملىق سۈپەتتە «تىۋىلغاْْ» دېگەن شېئىرىنى ئوقۇغىنى يادىمدا تۇرۇپتۇ. بەلكىم« ھەقىقەت ئىگىلىدۇ، سۇنمايدۇ» دېگەن بۇ مىسرا 60-يىللاردىكى تەسلىمچىل ئەدەبىياتنىڭ تەگ مەناسىدۇر. ئەمما مەن ھازىرغىچە ھەيران. ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ گېپىدىن دېسەك، ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىدە پىرسۇناژ يارىتىلىپ بولغانىكەن ئۇنىڭ مەلۇم تارىخىي شارائىتتا قانداق قىلىدىغانلىقى يازغۇچىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولمايدۇ، دېيىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئەمەس، تىرىك ئاتا، تىرىك ئانىنىڭ تېنىدە ئاپىرىدە بولۇپ دۇنياغا كەلگەن پۈتۈن تىرىك ئادەم ئۇستىخان  ئۇستىخانلىرىنى يوقىتىپ ھۆكۈمرانلار قەلىمىنىڭ سىياسىيىسى بولۇپ تەشۋىقات قەلەملىرىگە ئۈچۈرۈلۈپ كېتىدىكىنا!؟ مەن مەيلى ئىشەنمەيمەن، مەيلى تىيىپچان ئېلىيوف بىز ئۈچۈن قانچىلىك ئۇلۇغ شائىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ 60- يىللارنى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈشىگە ھەرگىز قايىل بولمايمەن. بەلكى ئۇ پسىخولوگىيىدە دائىم تۇغ سىزىم نامىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بىر خىل مۇزىكىۋى كەيىپنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا بۇ ئەدىب ھەقىقەتەن شۇنداق نەرسىنى كۆزدە تۇتقان بولسا، ئۇنداقتا تىۋىلغا دېگەن بۇ شېئىرنىڭ مەنىسى مەندە تېگى -تېگىمدىن ھەقىقەت بار، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنى بەزىدە تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. خاپا بولمىساڭلار، دېگەندەكلا بىر گەپ.توۋا دەيمەن، بىر ئادەمنى بۈيۈك شائىر دەپ ئېتىراپ قىلىمىزكەنۇ ئۇنىڭ مەندە ھەقىقەت تۇيغۇسى ئەسلىدىن بارئىدى دېگەندەك ئەسلەتمىسىگە گۈلدۇراس ئالقىش ياڭرىتىمىزكەن.  ئەمەلىيەتتە ئالقىشنىڭ شۇنداق چىقىشىدىكى تۈپكى سەۋەب مۇنداق: ئەسلىي شۇ سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپرەكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر بولۇپ، ئاشۇ ئۇستىخانسىز ھايات تارىخىغا بىر نېمە دېيەلمەي تۇرغان چاغ ئىدى. شۇنداقتا بۇ خىرىدارغا مىلىنى قانداق داڭلاشنى بىلمەي تۇرغان ئادەملەر ئارىسىغا كېلىپ بىر نەچچە ئېغىز گەپ بىلەن مال ماختىغاندا، شۇ مەيداندا كۆرۈلىدىغان بىر قايناق مەنزىرىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. شائىرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاڭسىز بولغان ئىجادىيەت پسخىكىسىنى تەۋەلەشتۈرۈپ ئوخشاتساق جاھالەت دەۋرىدىكى مەككە مۇكەررەمنىڭ قايناق بازارلىرىدا يېنىغا تاساددىپىي كېلىپ قالغان زەردارنى ماختاش بىلەن ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى تىللاغا ئېرىشىدىغان سورۇننىڭ دەل ئۆزى ئىدى.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ھەم ئەينى مەزگىللەردە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سەرخىللىرى ھېسابلىنىدىغان بىر مۆھتىرەم ئۇستاز بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىپ قالدىم،  ئۇ مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىن چىقىپ پۇل تىپىۋاتقىنىمغا مەسلىكى كەلگەندەك ئىدى. ھېچنېمىنى ئويلىماي، ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي پۇل تېپىش ھەققىدە بىر تالاي گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن، مەن بىلىدىغان قىمارۋاز، يانچۇقچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ھېچنېمە بىلمەيدىغان بالا بولسىمۇ، ھازىر چوڭ زەردار ئاتىلىپ ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچقانلىقىنى، ئۆزىنى بىرنەچچە قېتىملاپ تەكلىپ قىلغانلىقىنى، بىر قىسىملارنىڭ بىرەر قېتىم بولمىغۇر سودىلارنى ھەتتا خېروئىن سودىسىنى قېلىپلا بېيىۋېلىپ، كېيىن قانۇنلۇق ئىشلارنى قىلىپ زەردار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى، قىلىقلىرىدا ئېغىزدىن چىقىۋاتقان رەزىل قىلىقلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق يىرگىنىش ئالامىتى كۆرۈلمەيتتى. خۇددى نەچچە يىل بۇرۇن دەرس سۆزلەۋاتقاندەكلا سۆزلەيتتى. مەن ئۆز -ئۆزۈمگە توۋا دېدىم، دېمىسىمۇ توۋا دېمەي نېمە دەيمەن؟ بىز مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدىن چىققان ئەمەسمۇ؟شۇ چاغدا پۇل بىلەن چۆگىلەۋاتقان ئۈرۈمچى يادىمغا يەتتى. ئۆزۈمچە بۇ ئوقۇتقۇچۇممۇ كەلگۈسىدە «تىۋىلغا» ئوقۇپ بېرەمدۇ نېمە؟ دەپ قالدىم. راست، ئۆي ئېلىش يۈكى، بالىلارنى ئوقۇتۇش مەجبۇرىيىتى، كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى، تۈگىمەس ئادەمگەرچىلىك چىقىمى، يە قوشۇمچە تەمىناتى، يە باشقىلارنىڭ خۇشامىتىنى تارتقۇدەك جۇلاسى بولمىغان ئوقۇتقۇچۇلۇق تۇرمۇشى «تىۋىلغا»نىڭ بۆشۈكى بولماي نېمە؟ «پەلسەپە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاللاغا تەقلىد قىلىپ نەپسى خاھىشنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە تورمۇزلاپ، ئىلىم ۋە ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ئىزدەش يولى بىلەن تاكامۇللۇق تاپىدىغان ئىنسان پەزىلىتى» («ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» مۇسا مۇساۋى، 94 -بەت، شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى نەشرى) مانا بۇ بۈيۈك پەيلاسوپ كىندىينىڭ پەلسەپىگە بەرگەن تەرىپى. شۇنداق پەلسەپە ئاخىرقى ئۈنۈمدىن قارىغاندا ئىنسانى پەزىلەت. قانداقتۇر بىر نېمىنى ئىگىلەش ياكى قانداقتۇر بىر نېمىگە ئېرىشىش جەريانىدا ئادەم ئۆزىنى دەپسەندە قىلمىغان، ئۆز ھاياتىنى قورالغا ئايلاندۇرۇۋەتمىگەنلا بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەلسەپە پەيدا قىلىش بىلەن پەزىلەت شەكىللەندۈرمەي قالمايدۇ، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، پەلسەپە دۇنيانى جايىدا سەرەمجانلاشتۇرۇش رولى تۈپەيلى ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋەتىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا تەسلىمچىلىك بار يەردە پەلسەپە بولمايدۇ ، ئەل -ۋەتەن بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ۋە مۇكەممەل تىنىقلىرى بىلەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋەتىنىنى ۋەزىنگە ئىگە قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ سەمىمىي، ئادىل، مەردۇ مەردانە، چىندىل ئىھاتچىسى ۋە پەرۋىشچىگە بولغان ئىزچىل تەقەززالىقى بىلەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋەتىنىگە سۈزۈكلۈك ئاتا قىلىدۇ. ھەر قانداق ئۆگىنىش،مۇكەممەل پەلسەپە ۋە كىشىلىك پەزىلەت بولغان ئارىلىقتا يېرىم -ياتا ئۆگىنىش ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپە، رېئاللىقتا ئۆگىنىش تۈپەيلىلا پەيدا بولۇشى ناتايىن. چوقۇمكى، بارلىق تەنبىئىي كەچۈرمىش ھامىنى «پەلسەپە» شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەتتە ئۇ تومتاقلا دۇنيا قاراش دەيدىغانمۇش سۆز بىلەن كۆرسىتىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پەزىلەت پەيدا قىلىشقا، گۈزەل ۋەتەن پەيدە قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ جەريانى زادى قانداق بولىدۇ؟
    قۇمۇلدا ý**ýý تۇر دەپ بىر يېزا بار. بىز ئاشۇ يېزىلىق بىر قىز بىلەن بىللە ئوقۇدۇق. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇ ئىدىكى،  ئۇ ئۆزىنى باشقىلار  تۇرلۇق دېگەن گەپنى ئاڭلىغىنىدا ئۇستىخان  ئۇستىخانلىرىدىن شۈركۈنۈپ كېتەتتى. ئۆزىنىڭ يېزىلىق بولۇپ قالغانلىقىدىن نۇمۇس قىلاتتى. تەقدىرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بازاردىن ئورۇن بەرمىگەنلىكى ئەڭ ئۆچەكەشلىك قىسمەت ئىدى. ئوقۇۋاتقىنىمدا بازاردا بىر نەچچە رەت ئۇچراپ:
    -ئۆينى دىۋىگە (مەمۇرىي مەھكىمە)گە كۆچۈرۈۋالدۇق، بارسىلا، دېگىنى ناھايىتى ئېسىمدىيۇ، ئەمما بۇنىڭ تېگىگە شۇ چاغدا يەتمەپتىكەنمەن. كېيىنچە بىز بىرلىكتە ئالىي مەكتەپكە چىقتۇق، ئۇ ئەمدى ئۆزىنىڭ قۇمۇللۇقلىقىدىنمۇ چېنىپ ئۆزىنى« ئۈرۈمچىلىك» دەپ تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ كەتتى ۋە ئۆزىنى ئاخىر جەمئىيەتنىڭ مول مەئىشەتلىك بەزمىلىرىگە ئاتىۋەتتى.كېيىن تاغچى بىر قىز بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 18گە كىرگەنىدى. تېگىدىن ساددا ۋە قىزغىنلىقى چىقىپ تۇراتتى، لېكىن ئاللىقاچان يامان يولغا مېڭىپ بولغانىدى. بىر كۈنى مەن ئۇنى پاراڭغا سالدىم، ئۇنىڭغا بۇ يۇرتنىڭ ماڭا ئاجايىپ يىقىملىق تۇيۇلىدىغان سۈزۈك سۇلۇق غوللىرى، تەبىئي  مۇھىتى، جەلىپكار چوققىلىرى، قانداقلا يەردە ياتساڭ سەن بىلەنلا پىچىرلىشىدىغان چەكسىز جىملىقتىكى قوينى يارىمىغانىدى. گەپ جەريانىدا ئايان بولدىكى، سەھرالىق قىسمىتىدىن ئۆكىنىش ئۇنىڭمۇ ماھىيىتى بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يېشىنىڭ  كىچىكلىكىگە باقماي شەھەردىن چىققان بىر يىگىت بىلەن يۈرگەن، بۇ ئۇنىڭغا ئىپتىخار تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي بۇ يىگىت شەھەردىن چىققان يەنە بىر قىز بىلەن تېپىشىۋالغان. ئېنىقكى، بۇ ئىش ئۇنىڭ يىغىرىغا تازا تەگكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ياسىنىشقا، شەھەرلىكلەردەك يۈرۈشكە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بەرگەن. ئوغۇللارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىش ئالىي نىشانى بولغان. ئوغۇللارنىڭ شەھۋەتلىك كۆزلىرى ئىچىدە ئۆزىنى مەنىلىك ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلغان. گۇيا بۇ  دۇنيادا مۇشۇنىڭدىن باشقا ئىش يوقتەك  ئۇ مۇشۇنداقلا ياشىغان، مەنىۋىي يىتىمغا ئايلانغان.ھەسسەنە، ئۇ نېمىشقا بۇرچىدىن ئايرىلغان روھ بولۇپ قالىدۇ؟ بىزنىڭ مەھەللىدە قاغىم ئېرىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئېرىق بار ئىدى. كىچىكىمىزدە بۇ ئېرىقنىڭ سۈيى ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ، يازلىرى مەھەللىنىڭ بالىلىرى سۇغا چۈمۈلۈپ ئوينايتتۇق، قاچانلاردىكىن ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ سېسىق سۈيى قۇيۇلىدىكەن، قازانغا ئېلىپ سالمايلى دېگەن گەپ چىققاننىڭزى ئۇ سۇدا چوڭلار كىر يۇمايدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ، بىز كىچىك بولغاچقىمىكىن سۇغا چۈمىلىۋەردۇق. بۇ ئېرىق قەدىمىي ئېرىق بولغاچ مەھەللىلەر ئېرىق بويلاپ كېڭىيىپ ماڭاتتى. كېيىنچە بۇ ئېرىق پۈتۈنلەي سېسىق سۇ ئېرىقى بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ يېنىغىمۇ بارالماس بولدۇق. بىر كۈنى غۇبارسىز چاغلاردىكى شوخلۇقىمىزنى، ئېرىق بويىدا سەگىدەپ ئولتۇرۇشلىرىمىزنى ئەسلەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. تاسادىپ، مۇشۇنچىۋىلا ئائىلىگە ماۋۇ سېسىق سۇ پۇرىمىغاندىمۇ؟ گۈزەل ئېرىقىمىز قېنى دەپ ھېچكىمنىڭ زەردىسى قاينىمىغاندىمۇ؟ دەيدىغان سوئاللارغا قالدىم. كۆزۈمگە گويا قولنىڭ ياكى پۇتنىڭ سېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەيدىغان بىر لەقۋا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يېتىملىك، غېرىبلىق  قەلبىمنى چۇلغىۋالدى. بۇرچىدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئومۇملىشىپ، ئىجتىمائىي سولاشلىق پەيدا قىلىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. پىكىرلىرىم بۇ ھەقتە دولقۇنلاشقا باشلىدى. شۇ چاغدا نېمىشقىكىن كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ تەكەللۇپ بىلەن تولغان چىرايلىرى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلەرنىڭ تەستىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان گۈزەللىكى ئوخشاشلا بىر نەرسىنى ھېلىقى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ قارشى ئېلىش بىلەن ياقتۇرماسلىق ئارىلىقىدىكى پەرقنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى  قىسقىلىقى بىر نەرسىنى تەستىقلىشى ۋە ئىنكار قىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنى قايىل قىلىشنىڭ كەتمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ھېسسىيات بولسىلا بولىدىغانلىقى يادىمغا يەتتى. كۆڭلۈمدە بۇنىڭ ئۇلارنىڭ زاتىدا ئۆزىدىن قايناپ چىققان بىر تارازىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكى بىلىندى. گويا جاھاننىڭ ئوقىغا توغرىلانغان بىر نەرسە ئۇلاردا يوقتەك شۇڭا مەڭگۈ پەلەك بىلەن تەڭ پىرقىرىماي ئايرىم بىر قاينام بولۇپ قالىدىغاندەك ھېچقاچان مەلۇم بىر بۇرۇچنى ئۈستىگە ئالالمايدىغاندەك تۇيۇلدى. مال سېتىش ئۈچۈن خېرىدارغا نازلىنىپ كېتىۋاتقان سودىگەر ئايال، بالام، ئاتام، ئاكام دەپ مېھرىبانلىقنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرۇۋاتقان بىلەن ھەل قىلغۇچ يەرگە ياكى جانغا ئەسقاتىدىغان يەرگە كەلگەندە شۇ ئادەتلەنگەن  ئەۋرىشمىلىكى بىلەنلا بولىدىغانلىقى كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كۈلۈپ كەتتىم. ئايال خەق بىلەن تىجارەت قىلغىلى بولمايدۇ، ئاياللار يۈزسىز كېلىدۇ، دېگەندەك ئاياللاردىن يامانلايدىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقەتتە پەلسەپە بولمايدىغانلىقتىن يامانلاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئوخشاش مۇھىت ۋە نەرسىگە بولغان ھېسسىيات پەرقىنىڭ پەلسەپىگە يۆنەلدۈرىدىغان سوئاللىرىغا بولغان پەرۋاسىزلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى مانا مەن دەپلا چىقتى. تەسەۋۇرۇمغا ئۆز ھاياتىمدىكى سوئاللارغا ئەستائىدىل مۇئاملە قىلالمىغان بىر، ھايات جەريانى كەلدى. دۇرۇس ياكى بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن ئادەمگە نىسبەتەن مۇشۇنداق بىر تەلەپنى قويغىلى بولارمۇ دەپ سورايمۇ؟!خاربىندا تۇرغان چاغلىرىمدا ئارىمىزغا شۇ شەھەردە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان بىر ئادەم قوشۇلدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى مىزانسىز بىر تۇرمۇش بولۇپ، خاھىشى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىۋىرەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ يەردىكىلەرگە ھەممە ئىشتا بار، لېكىن، ھەممىگىلا چىن دىلىدىن بېرىلمەيدىغان، ئېغىزىدا گېپى بار ئىنسانلار سانىلاتتى. يە بۇ شەھەرنىڭ قىمارۋازلىرى بىلەن بىر سورۇندا چەپراس ئولتۇرۇپ مەيدىسىگە گۈم قىلىپ مۇشلىيالمايتتى؛ يە ئىككى ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ئوغۇرلۇققا ماڭالىغۇدەك سۆلىتى يوق ئىدى،  پەقەت ھەممىسىگە خۇشخۇي، مەيدانسىز ھىجىيىپ ئوغرىنىڭ ھارىقىغا، قىمارۋازنىڭ ئىشىغا داخىل بولىۋىرەتتى. ئىككى ئۈچ ئايەتنى يادقا بىلىپ بىرەر ۋاق نامازنىڭ قىرائىتىنى ئوبدان قىلالايدىغان قارىمچىلىك  ئىززەتكە ئەسلا ئىگە ئەمەس ئىدى.ەتتا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىدىن بالقىغان بىرەر ئېغىز گەپمۇ تاسادىپىي چىقىپ قالمايتتى. بىر كۈنى ئوغرى، قىمارۋاز، سودىگەرلەر يىغىلغان بىر سورۇندا ھەممە پۈتۈن ھېسىياتلىرى بىلەن ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىنى قىلىشتى، بىر ياقتا ئولتۇرغان ھېلىقى كاندىدات دوكتور تولىمۇ پەسەندىلىك بىلەن سورۇننىڭ كەيپىگە سوغۇق سۇ سېپىدىغان گەپنى قىلدى. مەن چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ كەتتىم، شۇ ئەسنادا مۇشۇ يەرلىك،بىر خەنزۇ بىلەن توي قىلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇچىغا چىققان بىر قىمارۋاز ئۆزىنى باسالماي تۇرۇپ كەتتى- دە، شۇنداق دېدى:
    -ئاداش سەن 20 يىل ئوقۇپسەن، يەنە تۆت يىل ئوقىساڭ ئېشەك بولىدىكەنسەن، ھېلىقى دوكتور :
    -ّْنېمە دەيدۇ، ماۋۇ، دېدىيۇ ھېچقانداق ئىنكاستا بولمىدى.ھەممە بۇ گەپنىڭ تولىمۇ جايىدا ئېيتىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولۇپ كېتىشتى، ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ تا ھازىرغىچە بۇ خۇرسەنلىك شۇ سورۇن ئەھلىنىڭ ئېسىدىن چىقماي كەلدى. ئۆزۈمنىمۇ جىق ئوقىغانلاردىن سانىغاچقىمىكىن ھېلىقى دوكتورنىڭ ئىنكاسسىز چىرايى ماڭا تېخىمۇ بەك ۋەزىنلىك ئىدى. ئىنسان خاھىش  جەھەتتە ئۆزىنى  جاھاننىڭ بىر تەركىپى  دەپ ھېس قىلمىسا، ئۇ ھېچنېمىنى ئۆزى بىلەن تەڭ ۋەزىن ۋە ئېتىباردا ئويلىمايدۇ. بارلىق نەرسىنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بىلىدۇ، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ. ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ئىنتىزامى ھەققىدە باش قاتۇرمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانچە ئۆگىنىش ۋە بىلىمدارلىقمۇ ئۇنىڭدا مەڭگۈ پەلسەپە پەيدا قىلمايدۇ. ئۇلار بىر بولسا جاھاننى يا نوچىلىق بىلەن ۋە ياكى شەرمەندىچىلىك بىلەن ئۆز ئەتراپىدا پىقىرىتىش بىلەن ئاۋارە، بىر بولسا جاھاننىڭ ئۆز ئەتراپىدا پىرقىراپ تۇرمىغىنىغا ئاچچىقلاش، قېيداش، دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئاۋارە. قەدىمكىلار ئېھتىمال بۇنى ئىمانغا كېلىش ۋە كۇفۇرلۇق بىلەن سۈرەتلەپ كەلدى. جەمئىيەت تارىخى ئۈچۈن ئۇ شۇنچىلىك  قاتتىق ئىش بولۇپ كەلدىكى، تارىخ جاھالىيەت ۋە نۇرانىيە بولۇپ ئايرىلدى. شۇڭا تەرەققىيات نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۆتمۈشنىڭ دولىسىدا بىر پۈتۈن ئالەم گەۋدىسىدە تۇرغان بۈگۈنكى ھەربىر روھقا ئاشۇ كۈننى، ئاشۇ كۈننىڭ ئۆتمۈشنىڭ دولىسىدا ماكانىنىڭ قايسى نۇقتىسىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئاچچىق -تاتلىقىنى بىلدۈرۈش  ھەربىر ئىنساننىڭ تەربىيىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئۆتكەل بولدى. لېكىن، خۇددى «شىر پادىشاھ» تا تەسۋىرلەنگىنىدەك دۇنيانىڭ ئۆز ئەتراپىدا پىقىرىمايۋاتقانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ياكى ئالىراق بولغاندا جاھاننىڭ تەڭسىزچىلىكلىرىدىن يۈرىكىدىكى ئوتنى يوقىتىپ  بولۇشىچە بولمامسەن دېگەنچىلىك قىلىپ «ھاككۇنا ماتاتا» دەپ ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى، بۇنىڭ ئىستىخىيىسىز داۋاملىشىپ، چاما ئۆزىنىڭ يوقىلىپ باغقا چۈشكەن كۈز يوپۇرماقلىرىدەك ھايات ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈز ئىچىشى بىلەن روھقا ئۆز بۇرۇچىنى تونۇتۇش تەربىيىسى شۇنچىلىك دەرىجىدە شالاقشىپ كەتتى. «گەرچە ئۆلىمالىرىمىز پاساھەتلىك تىللىرى بىلەن ئىنسان ئىمانى بىلەن، ئىنساندا كۆرۈلگەن ئىلاھىي سەنئەت ۋە راببانى ھېكمەتلەر ئېتىبارىدا قىممەتكە ئېرىشىدۇ. كۇفۇرلۇق قىممەتكە ئۇلاشتۇرغۇچى نىسبەتنى ئۈزىدۇ. بۇ ئۈزۈلۈشتىن ئىلاھىي سەنئەت يوشۇرۇنۇپ قالىدۇ. قىممەت  ھەم يالغۇز ماددا ئېتىبارى بىلەنلا بولىدۇ. ماددا ھەم پانىي، ھەم مۇۋەققەت بولغىنى ئۈچۈن قىممىتى يوقنىڭ ھۆكىمىدىدۇر» (بەدىيئۇز زاماننىڭ ‹رىسالىيەنۇر كولياتىن›دىن ئېلىندى،    نۇر نەشرىياتى)دەپ روھىي پەزىلەتنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھنى تەربىيىلەش جەھەتتە ئەسقاتقۇدەك كونكرىت تەربىيىلەش تەدبىرلىرىدىن كۆپرەك، قىرائەت ئۆگىتىش بىلەن يانداشقان مۆجىزىۋىي ئېرىشىش پسخىكىسىغا ئىلتىجا قىلىپ كەلگەچكە ۋەتەن ۋۇجۇدى توزان قاپلاپ كەتكەن ھاۋاغا ئوخشاپ قالدى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكتە بىچارە سەمىيمىلەردىن بولۇپ كېلىۋەردى.ئىچكىرىدە سودا بىلەن بولۇۋاتقان كۈنلەردە شۇ جايدىكى سودىگەرلەرگە نىسىي مال بېرىش ھەققىدە گەپ بولۇپ، ئۆزۈم خېلى ھۆرمەتلەيدىغان ئۇقۇمۇشلۇق بىر قارىم،ّْناۋادا مەن خۇدانى تۇنۇمايدىغان، دوزاخ ئازابىدىن قورقمايدىغان بولسام مالنى ئېلىۋېرىپ كېيىن ئالغانلىقىمدىن تېنىۋېلىپ ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرەتتىمْْ دېدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى خېلى مەزگىللەرگىچە مېنى ھەيرانلىقتا قالدۇردى. ئۇ گويا ئەسلىي پەس ئادەمدەك، پەقەتلا ئاشۇ ئەقىدە سەۋەبلىكلا ياخشى ئادەم بولۇپ كۆرۈنۈۋاتقاندەك بىلىندى. ئىچىمدە: ۋاي لاتا، ھەممىنى بىلىدىغان ئاشۇ ئاللا سېنىڭ ماھىيىتىڭگە بېقىپ ھۆكۈم كەسمەي بەش ۋاخ نامازدىن ئىبارەت ئاشۇ چۈمپەردەڭ تۈپەيلى قايمۇقۇپ قالاتتىمۇ دەپ ئويلىدىميۇ بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئارىمىزدا بەك تولىلىقىغا كۆزۈم يېتىم پەسكويغا چۈشتۈم. نېمىشقىدۇر بۇ قارىمنىڭ كۆڭلىدىمۇ بىزنىڭ مەھەللىدىكى قاغىم ئېرىقتىن بىرسى باردەك، ئۇنىڭدىمۇ ھازىر بۇلغانغان نەرسە ئېقىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك، رەزىللىك، پاسكىنچىلىقتىن ئەمەس، بەلكى نامازخانلارنىڭ ئازلىقىدىن، خىلاپلىقلارنىڭ جىقلىقىدىن تولاراق گەپ قىلىدىغىنىنى، خۇدانىڭ زۇلۇمى ۋە ئازابلىرى پۇراپ تۇرىدىغان چۈشەنچە ۋە شەرىھلىرىنى، ھېچ يېرى ھېچنېمە بولماي ئاڭلايدىغان ۋە سۆزلەيدىغانلىقىنى نازۇك رەۋىشتە چۈشەندىم. شۇئان كۆز ئالدىمدا قاغىم ئېرىق پەيدا قىلغان سوئال بۇ قارىمنىڭ بۇرنىغا پۇرىمىغان سېسىقچىلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئادەملەرگە ئوخشاش مەنمۇ بوكسىيۇر پادىشاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ بوكسىيۇر مۇسابىقىسنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ، مەردۇ- مەردانىلىق تېمىپ تۇرغان ھەرىكەتلىرى، ئەركەك ۋۇجۇدى ئادەمنى ھېلىدىن -ھېلى ھاياجانغا سالىدۇ.ەممىمىزگە مەلۇمكى، بوكسىيۇر مۇسابىقىسدە ئىككى نەرسە بار. بىرى مۇسابىقە ئىنتىزامى، يەنە بىرسى مۇسابىقلىشۋاتقانلارنىڭ ھېسسىيات ۋە خاھىشلىرى. مۇھەممەد ئەلىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە بۇلار شۇنداق جۇلالىنىپ تۇرىدۇكى، ئۇلارنىڭ قايسىسنىڭ مۇسابىقە ئىنتىزامى، قايسىسنىڭ مۇھەممەد ئەلىنىڭ ھېسسيات ۋە خاھىشلىرى ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىش تەس. مۇھەممەد ئەلىنىڭ مەردۇ -مەردانىلق سەزگۈسى شۇنچىلىك ئۆتكۈركى، ئۇ مۇسابىقە ئىنتىزامىنى سۇبيېكتىپ ئايرىم بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى شۇ سۇبيېكتىپنىڭ ئىچىدىكى بىر پەزىلەتكە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. ئۇلا ئەمەس تەنتەربىيە ساھەسىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەردە بۇ خىل پەزىلەت ئومۇميۈزلۈك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتىمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. بىز ئۇنىڭدىكى ئادەملەردىن جەننەتنىڭ تەمەسىدە ياشايدۇ، نام چىقىرىشنىلا ئويلايدۇ دەپ ئاغرىنمىغاندەك بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا جاكا بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىدىن خەۋىرى يوق شىراق ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولالىغان، ئاتالمىش «ئىمانسىز» تۇنيۇقۇق ئەلنىڭ غېمىنى يەلىگەن،  ئالتە مىڭدەك مەدەنىيەتلىك قەشقەرلىك چولاق زىخۇينىڭ300 يۈزدەك ئەسكىرىنىڭ قولىدا دەپسەندە بولۇپ ئۆلگەن بىلەن، ئاندا -ساندا ھاراق ئىچىپ قويىدىغان يۈز ياكى ئىككى يۈز ئاتلىق قىرغىز ياكى قازاق خېلى چوڭ دائىرىگە تەھلىكە سېلىپ ئۆتكەن. دۇرۇست. بۇ دەل قائىدىنى شارىلداپ يادلاپ بېرەلىگىنى بىلەن دوسكىغا چىقىرىپ قويسا ئوڭشاپ بىرەر مەسىلىنى يېشەلمەيدىغان جىمغۇر، قائىدىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتمۈشىدىن باشقا نەرسىمۇ؟