ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئوسمان قاۋۇل ئەدەبىي ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى قارامايدا ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 05 - ئاينىڭ 29- كۈنى 08:51

    

    

    

ئوسمان قاۋۇل سۆز قىلماقتا

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئابدۇل خەۋىرى ، فوتوسى : 26-ماي ، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەربىرلەشمىسى ، ‹‹قاراماي گېزىتى ›› تەھرىر بۆلۈمى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان ‹‹ دىيارىمىز سەرخىللىرى ›› قاراماي ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر ئەسەرلىرى مۇھاكىمە پائالىيىتى — ئوسمان قاۋۇل ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ‹‹قاراماي گېزىتى›› ئىدارىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلدى . يىغىنغا قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن تۇرغۇن ، ‹‹قاراماي گېزىتى ›› نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇختار مۇھەممەد ، پېنسىيەگە ۋە دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم رەھبەرلەر ، ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە نېفىتلىكتىكى ئەدىبلەردىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى .

    يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

    

   ئوسمان قاۋۇل 1984-يىل 9-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى (ھازىرقى «قاراماي گېزىتى»)»دە مۇخبىر، ئەدەبىي بەت مۇھەررىرى ، تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 2001-يىل ئاپرېلدىن ھازىرغىچە ، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «مايبۇلاق»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ . كاندىدات ئالىي مۇھەررىر.

    ئوسمان قاۋۇلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1982-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا باشلانغان بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 1000 پارچىگە يېقىن شېئىرى ، « قىزىلگۈلنىڭ چۈشى »، « يۈرەك »، « كېچە خامىنى » قاتارلىق يەتتە باللادا ، «بادام قاپاق»، «كۈۋەجەش»، «بىرى كەم قىرىق»، ‹‹تەكلىماكان ــ بىر ئادەمبېلىق »، «يىلان، مەن ۋە كەتىرەنگۈل » قاتارلىق بەش داستانى ، 800 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرى ، « باش كۈز »، «يانجىلىش»، «كۈمۈش چوققىلار» قاتارلىق 32 پارچە ھېكايىسى ، «ئىسسىق تۇپراق»، «پارچىلىنىش»، «مۇنداق ئىشلارمۇ بولغان » قاتارلىق توققۇز پارچە پوۋېستى، 100 پارچىگە يېقىن ئوبزور، ئىلمىي، پوبلېستىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى . 19 پارچە ئەسىرى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىندى . ئىككى پارچە ئەسىرى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى . «كاككۇك ھەققىدە رىۋايەت»( شېئىرلار توپلىمى 1996-يىل 9-ئاي)،«ئەپيۈنگۈل» (نەسرلەر توپلىمى 1999-يىل 2-ئاي)، «جېففىرسون» (بىرلەشمە تەرجىمە 2000-يىل 2-ئاي)، «ئۇ مېنى قۇياشىم ، دېدى » (پوۋېستلار توپلىمى 2006-يىل 1-ئاي) ، «گۈلتاشتىكى مەخپىيەت»(نەسىرلەر توپلىمى، 2012-يىل 11-ئاي شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، «ئايسىمەنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى»(ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى ، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2013-يىل 3-ئاي نەشرى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا «نېفىتلىك ئوغلى»، «شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ 50يىلى» ، « مايبۇلاق ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما»قاتارلىق كىتابلارنى مۇستەقىل نەشىرگە تەييارلىدى ۋە «قاراماي ئەسەرلىرى» (4 توم)نى نەشىرگە تەييارلاشقا قاتناشتى . ئۇنىڭ «پەزىلەت ناخشىسى»،«پەرۋازنامە»، «ئۇ مېنى قۇياشىم ، دېدى»قاتارلىق 15 پارچە ئەسىرى شىجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەسىس قىلغان «قارا ياقۇت مۇكاپاتى »قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ھەم جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز باش شىركىتى (مىنىستىرلىق)دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى . ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئۈچ قېتىم ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى ۋە شەھەر ئەدەبىياتىغا دائىر ئىلمىي ماقالە ئوقۇدى . «ئاسماننىڭ ئاخىرى»، «ئۆتكۈر ئەپەندى ئابىدىسى»، «ئۇيغۇر نەسرلىرىدىن تاللانما»، «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن تاللانما-نەسىر قىسمى» (جۇڭگو يازغۇچىلار نەشرىياتى، خەنزۇچە)، «قۇياش نۇرى ئاستىدا»، «بۇمۇ مۇھەببەت»، «گۈلۈم ئۈچۈن ياشايمەن»، «سۆيگۈ نىدالىرى»قاتارلىق توققۇز كىتابقا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى. ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ 500 پارچىدىن كۆپرەك ئاخبارات ئەسىرى ، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئاخباراتچىلىق كەسپىي ژۇرناللىرىدا ئاخباراتچىلىق نەزەرىيەسىگە دائىر 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ ، بەش پارچە ئاخبارات ئەسىرى ئاپتونوم رايون ۋە جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز باش شىركىتى تەرىپىدىن 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى .

    ئوسمان قاۋۇل ھازىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو نېفىت يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ۋە قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ھەم قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى.

 

    قارامايدىكى داڭلىق خەتتات شۆھرەت پازىل ئوسمان قاۋۇلغا سوۋغا تەقدىم قىلماقتا

 

    ئوسمان قاۋۇل پېشقەدەملەر بىلەن خاتىرە سۈرەت چۈشمەكتە

  

  ئوسمان قاۋۇل ‹‹مايبۇلاق›› ژۇرنىلىدىكىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە

    يىغىن قاتناشقۇچىلىرى

    ئوسمان قاۋۇل كەسپداشلار بىلەن خاتىرە سۈرەت چۈشمەكتە

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە