نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > قوللىنىشچان بىر قىسىم قوراللار

قوللىنىشچان بىر قىسىم قوراللار

چۈشۈرۈش ئادرېسىنى شىفىرلاش قورالى

迅雷 ، 快车(FlashGet) ، RayFile ، QQ旋风 قاتارلىق قوراللاردا مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يېشىش ياكى مەخپىيلەشتۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، كۆپ خىل مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئادرېسلارنى ئايلاندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ، مەشغۇلاتمۇ ئىنتايىن قولايلىق

قاتتىق دېسكىنى رايونغا بۆلۈش قورالى

قاتتىق دېسكىنى رايونغا بۆلگەن چېغىمىزدا دائىم 49.99G ياكى 50.01GB دېگەندەك پارچە بۆلۈنۈپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، مەزكۇر قورال سىزگە ئەڭ توغرا بولغان قىممەتنى ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرەلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق قاتتىق دېسكىنى پۈتۈن سانلىق قىممەتتە مۇكەممەل رايونغا ئايرىيالايسىز

بۇلۇت كىنوخانىسى

پەقەت كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ چاپلاپ، قويۇش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا كىنو شۇ ھامان قويۇلىدۇ، كىنونى چۈشۈرۈشكە كەتكەن ۋاقىتنى زور دەرىجىدە تېجىيەلەيسىز، مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ پەۋقۇلادە ئاددى ۋە قولايلىق. توردا كىنو كۆرۈشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ.

CSS كودىنى پرىسلاش ۋە يېشىش قورالى

تور بېكەت، بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى تەڭشەش جەريانىدا بەزىدە CSS كودلىرىنى ئاچقىنىمىزدا كودلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ قالغانلىقىنى، كۆرۈپ چۈشىنىش ياكى تەھرىرلەشكە ناھايىتى قولايسىزلىقىنى ھېس قىلىمىز. مەزكۇر قورالدا شۇ خىلدىكىدەك CSS كودىنى ئۆلچەملىك ھالەتتە ئۆزگەرتىش ياكى پرېسلاش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن.