كۆرۈنمە يۈزىلا كىشىنى ئۆزىگە ئاجايىپ جەلپ قىلىدىغان ھەرىكەتلىك يەنە بىر ئويۇن: DeathSpank: The Baconing
تور ئارىلاۋېتىپ بۇ ئويۇننى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئەڭ ئاۋال مېنى قىززىقتۇرغىنى ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزى بولدى، كېيىن قىزىقىش ئىلكىدە چۈشۈرۈپ ئويناپ باقتىم، ئويلىمىغان يەردىن ئويۇن تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن سەل ياخشى چىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تورخۇمارلار بىلەن بىرگە ئوينايلى دەپ بۇ يەرگىمۇ سۆرەپ كىردىم. ئويۇننىڭ ئىسمىغا كەلسەك، مەن نېمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى راستلا بىلمىدىم، كۆپچىلىك نېمە دەپ ئاتىغۇڭلار بولسا ئاتاۋېرىڭلار، بىراق ئويۇن يامان ئەمەسكەن…
ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى 3D دەپ كەتكىلى بولماس، بىراق 2D دىن قەتئىيلا يۇقىرى تۇرىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. ئۇنىڭدىن سىرت ۋەقەلىكتىن تارتىپ قوراللارغىچە ئويۇننى تۈزگۈچىنىڭ كىچىگىدە قانچىلىك دەرىجىدە كەپسىزلىگىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. ئويۇن ئويناپ كېتىۋېتىپ يەنە ئەسلى ئويۇنغا قەتئىيلا ئوخشىمايدىغان تېپىشماق-سىرلارنى تېپىش خاراكتېرىدىكى كىچىك ئۆتكەللەرگە دۇچ كېلىدىكەنسىز، بۇ خىلدىكى ئويۇن مودېلى مېنىڭ ئىشتىھايىمغا قەۋەتلا باپ كېلىدىكەن دەپ ئويلىدىم.
ئويۇن ھەققىدە
مەزكۇر ئويۇن DeathSpank ناملىق ئويۇننىڭ داۋامى بولۇپ، يېڭى نەشىرىدە ئويۇندىكى باش پېرسوناژ DeathSpank ئۆزىنىڭ سەپىرىنى داۋام قىلىدۇ ۋە ئالدىنقى بۆلۈمىدە ئوتتۇرىغا چىققان خېلى كۆپ كونا بۇرادەرلەر بۇ بۆلۈمدىمۇ داۋاملىق ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدۇ. يېڭىدىن جەمئىي تۆت نەپەر BOSS قوشۇلغان بولۇپ، ئويۇننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرىلىغان.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. پرېستىن يېشىمىز
2. setup.bat ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز
3. خەنچىلەشتۈرۈش يامىقىنى ئۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئېكران يۈزىدىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى.
PS: بۇ مېنىڭ تورخۇمارغا تۇنجى يازما يوللىشىم بولغاچ نۇرغۇن نۇقسانلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر ئويۇننى ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ ئويۇنغا بەرگەن شەخسى باھايىم: ★★★★★
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
DeathSpank: The Baconing نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | خەنچىلەشتۈرۈش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇن، قالتىس، قىزىقارلىق، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,941 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: deathspank-the-baconing.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8» كە يوشۇرۇنغان مەخپىي ۋەقەلىك! ئەسلىدە Ghost ھەقىقى باش پېرسوناژكەن ئەمەسمۇ؟!!
- كېيىنكى يازما > خېلى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان يەنە بىر ئويۇن – شەپەرەڭ پالۋان: ئاركھىم شەھىرى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
ئەمما ما ئاكاڭزا ئۈزىنىڭ تەخەللۇسىنى ۋەھشەت يىزىپتا
مەن چۇشۇرۋاتىمەن
دىۋان يوق.
بەكلا ئاستا چۇشىۋاتىدىغۇ.
يېڭى كەلدى ئاپتورنىڭ يازمىسىكەندە…
بىر ئويناپ باقاي، ماۋۇ يېڭى ئاپتورلارنىڭ يازمىلىرىمۇ قالتىسكەن! تور خۇمار ئەمدىلەتىن ھەقىقىي تورخۇمارغا ئوخشىغىلى تۇرۇپتۇ…
كەپسىزجان، يېڭى يازمىلارنى توختاتماي يېزىپ تۇرۇڭ!
ئەمەلىي گەپ قىلىپتۇ جۇمۇ،مەن بولسام مۇشۇ مۇنبەردە باش سۈرەت چىقىرالماي ئاۋارە..
تور خۇمار خۇسۇسىي بىلوگتىن بارغانسىرى ھەقىقىي تورخۇمارلار جەمگاھىغا ئايلىنىپتۇ ! ئىسلاھات چوڭ جۇمۇ !
مەنمۇ چۇشۇرۇشنى باشلىۋەتتىم …
مەنمۇ چۇشۇرۋاتىمەن.
بۇ ئويۇننى نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا چۈشۈرگەن ئىدىم ، چۈشۈرۈپ قويۇپ قاچىلاش يادىمدىن كۆتۈرلۈپ قاپتىكەن ،بۇ يازمىنى كۆرۈپ ئىسىمغا بۇ ئويۇن دەرھال يەتتىدە قاچىلاش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتىم…
بولسا مۇشۇنداق ئىشتىن سىرىتقى ئاپتورلار تىخىمۇ كۆپەيسە، كۇندە يىڭى مەزمۇنلار توختىماي ئىلان قىلىنسا تولىمۇ ياخشى بولاتتى،
بىر چاغلاردا ھەپتىلەپ يىڭى مەزمۇن ئىلان قىلىنماس بوپ كەتكەنتى، ئادەمنى ئىچىنى پۇشۇرۇپ…
مىنڭمۇ مۇشۇنداق ئۇيۇنغا قىزىقىشىم زور ، شۇڭا چۈشۈرۈشنى باشلىۋاتتىم…
ئاشۇ بىر نىمە ياماقلىرىنى قانداق يامايدۇ؟ زادى بىر پىرىستىن يىشىپلا ئوينايدىغان تۆشۇكى يوق ئويۇنلار يوقمۇ؟
ئويۇن ئويناپ ئۆتكەن شۇ ۋاقىتلارنى سېغىنىپ قالىمەن بەزىدە …
بۇ ئۇيۇننىڭ باشقانەشىرنى ئوينىغانمۇ