مۈڭگۈزنىڭ كۈچى تۇياقتىن كېلىدۇ(6)

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ئاۋۋال تەكلىپنامىڭىزنى ئەۋەتىڭ، قىزغىنلىق بىلەن سۆزگە ئارىلاشتى ئۈرۈمچىلىك كىشى، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ئەلئارا ت

−− ئاۋۋال تەكلىپنامىڭىزنى ئەۋەتىڭ، −− قىزغىنلىق بىلەن سۆزگە ئارىلاشتى ئۈرۈمچىلىك كىشى، −− ئېلىمىز ھۆكۈمىتى ئەلئارا تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تولۇق ئۆتەپ...
−− چوقۇم ئەۋەتىمەن. مۇشۇ تاز قوچقارنىڭ ئويۇنىنى خەلقىمگە كۆرسىتىش مېنىڭ ئارزۇيۇم. نۇراخۇن قېرىندىشىممۇ چىقسۇن، بىز تەرەپنى كۆرۈپ كەلسۇن.
نۇراخۇن بوۋاي ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندە، نەۋرىسى بوينىدىن مەھكەم قۇچاقلاپ، ساقىلىغا ئېسىلىپ ئەركىلىدى. ئوغۇلمۇ بارچە ھىممىتىنى كۆرسەتتى. لېكىن بوۋاي ھېچقانچە ئېچىلالمىدى. ئۇ مېڭىش ئالدىدا قوينىدىن سۇنۇق مۈڭگۈزنى چىقاردى - دە، ئۇنى نەۋرىسىگە تەڭلەپ تۇرۇپ ئىپادىسىز بىر ئۈندە شىۋىرلىدى:
−− مەندىن تەۋەررۈك، ئوبدان ساقلا. يۇرتقا بېرىپ تۇر، ئەسلىڭنى ئۇنتۇما!
خوتەن ئايرودۇرۇمى گۈل - چېچەككە پۈركەنگەنىدى. نۇراخۇن بوۋاينىڭ كۆكسى گۈلزارلىققا ئايلاندى. ئۇنىڭغا ئۈمرىدە كۆرۈپ باقمىغان قىزغىنلىق ۋە تەنتەنە نېسىپ بولدى. بۇ خىل ھاياجانلىق دەملەر يېزىدىمۇ خېلى كۈنگىچە داۋاملاشتى.
كەچتە ئاق ياللىق، يۆگىمە مۈڭگۈزلۈك قوچقارنىڭ ئىگىسى بىر لېگەن ناۋات كۆتۈرۈپ نۇراخۇن بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۈگۈن ئۇنىڭ كۆزىدىكى سوغۇق نۇر نەلەرگىدۇر يوقالغانىدى.
−− مەملىكەتنىڭ چېمپىيونىمۇ بولۇپ بولدىلا نۇراخۇن ئاكا، قوچقارلىرىنىڭ مۈڭگۈزىمۇ سۇنۇپتۇ، ئەمدى... ئەمدى بىرەر سوقۇشتۇرۇشقىمۇ سالالمايدىلا، ئۇ سىلىگە يېڭى شەرەپمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. شۇڭا قارا بويۇننى ماڭا سېتىپ بەرسىلە، قانچە پۇل دېسىلە مەيلى.
−− قوچقار دېگەن مۈڭگۈزى بىلەن قوچقار، مۈڭگۈزى يوق قارا بويۇن سىلىگە نېمىگە كېرەك بولۇپ قالدىكىن؟ يەنە پىچاق بىلەپ كەلدىلىما؟
−− يوقسۇ، ئۇ قېتىمقىسى ئاچچىقتا ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتكەن گېپىم ئىدى. مەن ئاتا - بوۋامدىن تارتىپ قوچقار سوقۇشتۇرغۇچى. مەن قارا بويۇندا ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان جاسارەتنى، ھېچبىر قوچقاردا بايقىمىغان يوشۇرۇن قۇۋۋەتنى نورۇز كۈنىلا كۆرۈپ قايىل بولغان ئىدىم. ئۇنى سېتىۋالالمىسام كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.
−− ئۇنداقتا بۇ دۇنيادىن كۆزلىرى ئوچۇق كەتكۈدەكلا!
ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسى كەتتى، كېتىش ئالدىدا كۆزىدىن يەنە سوغۇق نۇر چاقنىدى.
قارا بويۇن پاتلا ئەسلىگە كېلىۋالدى. ئۇ گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئۆزى ئۈچۈن مۈڭگۈزنىڭ ئەسلا كېرىكى يوقتەك بەخىرامان ئوت - چۆپكە كىرىشىپ كەتكەنىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ئوزۇق تەييارلايدىغان، يۇيۇپ تارايدىغان، ئېمىزگۈ ئېمىتىدىغان سايىۋەن شەپكىلىك يىگىتمۇ ئىشىغا كەتكەنىدى. نۇراخۇن بوۋاينىڭ نەلەرگىدۇر ئېلىپ كېتىلگەن چارۋىلىرىمۇ قايتىپ كەلدى. بوۋاينىڭ كۆزىگە قارا بويۇننىڭ بوي - بەستى ئېگىزلەپ، تەخەي بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندەك كۆرۈندى، يېزا باشلىقىمۇ لەۋزىدە تۇرۇپ بوۋاينىڭ ھاشار ئەمگەكلىرىنى يوق قىلدى.
ئىشلار رىتىغا چۈشۈپ، بوۋاينىڭ ئۆيى خاتىرجەملىكىگە قايتىپ كەلدى. ئەمما بۇ خاتىرجەملىكمۇ بەك ئۇزاق داۋام قىلمىدى. ئۈرۈمچىلىك ھېلىقى كىشىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشى نۇراخۇن بوۋاينىڭ ئارامىنى يەنە بۇزدى.
−− ئۆتكەنكى ساقال - بۇرۇتلۇق كىشى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەنتەربىيە مىنىستىرى ئىكەن، −− دېدى ئۇ، −− سىزگە تەكلىپ ۋىزىسى ئەۋەتىپتۇ، تاز قوچقىرىڭىزغىمۇ ئەۋەتىپتۇ. ئېلىمىز مەخسۇس بىر ئۆمەك تەشكىللەيدىغان بولدى. نورۇز بايرىمىغا ئۈلگۈرۈپ قوچقىرىڭىزنى ئېلىپ...
ۋىلايەت لەرزىگە كەلدى، يېزىمۇ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، نۇراخۇن بوۋاينىڭ ئۆيى يەنە ئاۋاتلاشتى. ئېغىلدىكى مال - چارۋىلار يەنە يۆتكەپ كېتىلىپ، سايىۋەن شەپكىلىك يىگىت يەنە قايتىپ كەلدى. قارا بويۇن قوچ−قار يەنە ئەزىزلەپ كۈتۈلۈشكە باشلىدى. گەرچە نۇراخۇن بوۋايلارنىڭ بۇ قېتىم بارىدىغىنى رەسمىي يوسۇندىكى مۇسابىقە بولماي، ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئۆمەك باشلاپ، چېگرا ئاتلاپ چىققان ئىكەن، پۇختا تەييارلىق كۆرمەي بولمايتتى.
پونكىت باشلىقى نۇراخۇن بوۋاينى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا يۇتۇۋالغان مۇكاپاتلارنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن كەچۈرۈم سوراپ، تەشكىللىنىدىغان ئۆمەك تەركىبىگە ئۆزىنىمۇ قوشۇۋېلىشنى ئۆتۈندى.
ھەممە ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىلىك كىشى قايتىپ كەتتى. ھەممە ئالدىراشچىلىق سايىۋەن شەپكىلىك يىگىتكە قالدى. قارا بويۇن قوچقار باشقىدىن ئەت ئېلىپ، پۇت - تۇياقلىرى بۆلەكچە تومشىپ قالدى.
جۇدۇنلۇق قىش ئۆتۈپ كەتتى. پار بېكىتىلگەن ئېغىلدا بىر قىش شاھانە كۈتۈلگەن قارا بويۇنغا بۆلەكچىلا سۈلكەت كىردى. ئۈرۈمچىدە نۇراخۇن بوۋايمۇ، قارا بويۇنمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈلدى. نەۋرىسىگە قىيالماي ياش تۆككىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا نۇراخۇن بوۋاينىڭ روھى ناھايىتى تېتىك ئىدى. بىراق بۇ تېتىكلىككە نەچچە سائەت ئۆتمەيلا كۈيە چۈشتى. چۈنكى قارا بويۇن قوچقار ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا شۈكلىۋالدى. ئۇنىڭ پۇتلىرى دىرىلدەپ، كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، قۇيرۇقى تۈگۈلۈپلا قالدى. نۇراخۇن بوۋايلارنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ساقاللىق مىنىستىر شۇ زامانلا قارا بويۇننى ئەڭ كاتتا مال دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇۋېدى، جىمى تەكشۈرۈشلەردە ساق چىقتى. ئەمما پۇتى تىكلەنمىدى. ھەر قەدەمدە تۇياقلىرى رىتىمسىزلىنىپ باردى. بۇ ھال شۇ ھامان نۇراخۇن بوۋايغا كۆچتى. بوۋاينىڭ ھالى قارا بويۇننىڭكىدىنمۇ بەتتەر ئىدى!
−− ھاۋاسىغا ماسلىشالمايۋاتىدۇ، −− دېدى، ئۈرۈمچىلىك كىشى مىنىستىرغا جاۋابەن، −− بىر كېچە ئۆتسىلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
−− ئاللا شۇنىڭغا نېسىپ قىلغاي! −− دېدى مىنىستىرمۇ، −− نورۇز خۇمار خەلقىم بۇ قوچقارنىڭ كاتتا ماھارىتىدىن نېسى قالمىغاي!
نۇراخۇن بوۋاي ئۈچۈن كىرپىك يۇمۇلمىغان تاڭ ئاخىر سۈزۈلدى. راست دېگەندەك، قارا بويۇن يېڭى تاڭغا ئەسلىي قىياپەت بىلەن ئۇلاشتى.
نەچچە ئايدىن بېرى داۋرىڭى كۆپ بولغان قارا بويۇننىڭ ئاخىر ئۆز يېرىگە يېتىپ كەلگىنىنى ئاڭلىغان خەلق نە - نەلەردىن يىغىلىشقان ئىدى. كەڭ مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان، ھەر ئېغىزدىن »مەرھابا، نۇر بوۋاي ! مەرھابا تاز قوچقار!« دېگەن سادالار تۆكۈلدى. بۇ سادالار نۇراخۇن بوۋايغىمۇ، قارا بويۇنغىمۇ قۇۋۋەت بولدى. ھەر ئىككىلىسى مەغرۇر قەدەملەر بىلەن مەيدانغا كىرىپ كەلدى. »مەرھابا...«لار تېخىمۇ ئەۋجىدى.
ئويۇن كۆرسىتىشكە كەلتۈرۈلگەن قوچقارلارنى كۆرۈپ نۇراخۇن بوۋاي دىمىقىدا كۈلدى. سايىۋەن شەپكىلىك يىگىتمۇ قىمىرلاپلا كەتتى. چۈنكى بۇ سورۇنغا جەم بولغان قوچقارلار قارا بويۇن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سوقۇشتۇرۇلغان قوچقارلارنىڭ ئۇكىسىدەك، نەۋرە ئىنىسىدەك كۆرۈنەتتى، بۇ ھالدىن قارا بويۇنمۇ نېمىشقىدۇ ئېغىناقلاپ قالدى.
ئويۇن كۆرسىتىش باشلاندى. مىنىستىر سەيناغا ئۆزى چۈشۈپ نۇراخۇن بوۋاينى، ئاندىن باشقا ئۆمەك ئەزالىرىنى تونۇشتۇردى. ئاندىن بوۋايغا تون كىيگۈزۈپ پوتا باغلىدى. ئۇ مۇنبەرگە قايتىش ئالدىدا بوۋاينىڭ ئالىقىنىنى سىقىپ تۇرۇپ دېدى:
−− تارتىنىپ قالماڭ، بۇ يەرنى ئۆز تۇپرىقىڭىزدەك بىلىپ، خالسىڭىز ئۆتكەن قېتىمقىغا ئوخشاشلا يانپاشلاپ يېتىۋېرىڭ.
نۇراخۇن بوۋاي يېڭى كەمزۇلىنىڭ پېشىنى قايرىشلاپ كۆتۈرۈپ، بايىلا چىگىلگەن پوتىسىنى سەلگىنە بوشىتىپ، مەيدە تۈكلىرىنى تاتىلاپ قويدى. ئارقىدىن ئۆز ئۆيىدە، ئۆز مەھەللىسىدە ياتقاندەك ساقىلىنى تۇتاملىغان پېتى جەينەك تىرەپ يانپاشلىدى. باشبېغى قويۇۋېتىلگەن قارا بويۇن كېرىچتىن ئايرىلغان ئوقتەك رەقىبىگە قاراپ تاشلاندى.
مەيداندا ئالقىش ياڭرىدى. قارشى ئەل قوچقىرى ئۆزى تامان باستۇرۇپ كەلگەن قارا بويۇننىڭ سۈرى ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەندەك ھاڭقىيىپلا قالدى. ئەپسۇس... شۇ چاغدا قارا بويۇن شىددەت بىلەن رەقىبىگە تاشلانغان شۇ چاغدا ئاجايىپ بىر ھال يۈز بەردى: قارا بويۇننىڭ ئاۋۋال تىزى ئېگىلىپ، كەينىدىنلا بوينى ساڭگىلىدى. ئاخىرىدا پۇتلىرى لاكاسلاپ، ئوق تەگكەن ئاھۇدەك دىرىڭڭىدە يىقىلدى!
يېرىم سائەتلەردىن كېيىن مىنىستىر مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ دېدى:
−− ئۆزرە سورىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسىلەر جامائەت! نېمە بولغىنىنى ھېچقايسىمىز ئۇقالمىدۇق. قارا بويۇن قوچقار سەۋەبسىزلا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئەستىلىك بولغۇدەك ماھارىتى بىزلەرگە نېسىپ بولمىدى!
ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆمەك ۋەتەنگە قايتتى. ئۇلار يولغا چىقىش ئالدىدا مىنىستىر نۇراخۇن بوۋاينىڭ قولىنى يەنە مېھىرلىك سىقىپ تۇرۇپ.
−− تاز قوچقىرىڭىز بىزدە قالسۇن. يالداما ئورنىدا...
−− ياق! ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ئۆزۈم يالداما قىلىمەن.
زادىلا ئۆرە بولالمىغان قارا بويۇن قۇمىغا سېلىندى. سايىۋەن شەپكىلىك يىگىتنىڭ كۆزىدىن ئۈنچە يامرىدى. ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا نەۋرىسىنى باغرىغا باسقان نۇراخۇن بوۋاينىڭ كۆز جىيىكىمۇ نەمدەلدى.



ھالقىلىق سۆزلەر : power,كۈچ


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار