مۈڭگۈزنىڭ كۈچى تۇياقتىن كېلىدۇ(2)

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
بوۋاي يولبويى قارا بويۇننىڭ ئارغامچىسىنى تەكرار سىلكىشلەپ ئالدىراتتى. گەرچە ئۇ بۈگۈن ئۆزىنى كۆرەلمىگەن بولسى

بوۋاي يولبويى قارا بويۇننىڭ ئارغامچىسىنى تەكرار سىلكىشلەپ ئالدىراتتى. گەرچە ئۇ بۈگۈن ئۆزىنى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يېزا باشلىقىنىڭ سالىمىنى، ئۇنىڭ »يېزىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلسا بىر يىللىق ھاشاردىن ئازاد!« دېگەن پەرمانىنىمۇ ئاڭلىدى. شۇنداق ئىكەن ئارغامچىنى سىلكىشلىمىسە، قوچقىرىنى ئالدىراتمىسا بولامدۇ؟
بوۋاي ئالدىرىدى، لېكىن قارا بويۇن قوچقارنىڭ قەدىمى نېمىشقىدۇر ئاستىلاپ قالدى. قوچقىرىنىڭ بۇ ئىشىدىن سەلگىنە ناخۇشلۇقى تۇتقان نۇراخۇن بوۋاينىڭ كۆڭلىگە تۇرۇپلا ئۇنىڭغا بۈگۈن ئەتىگەن يەم بەرمىگەنلىكى يەتتى. بوغۇز يېمىگەن قوچقارنى سوقۇشتۇرۇشقا سالغىلى بولامدۇ؟ شۇ ھالدا يېزىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغىلى بولاتتىمۇ؟ بوۋاينىڭمۇ قەدىمى ئاستىلىدى، ئۇ كەينىگە −− ئۆيى تەرەپكە قاراپ قويدى. مەھەللە خېلىلا يىراقتا قالغانىدى. قوچقارنى يولبويى ئوتلىتىپ مېڭىشقا ۋاقىت يار بەرمەيتتى. بوۋاي پوتىسىنى يېشىپ، مومىيى ئەتىگەن زورلاپ تۈگۈپ قويغان ئىككى زاغرىنى چىقىرىپ، كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمايلا ئوشتۇدى - دە، ئۇنى بىر بۇردا، بىر بۇردىدىن تەڭلەپ قارا بويۇنغا يېگۈزۈپ ماڭدى. ئەمدى ئارغامچىنى سىلكىشلەشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغان بولۇپ، قوچقارنىڭ قەدىمى بۆلەكچىلا ئىلداملىشىپ، ساڭگىلىغان بېشىمۇ تىكلىنىپ قالغانىدى.
بوۋاي ناھىيەدىكى مال بازىرىغا ئىلگىرى خېلى جىق كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن تونۇيالمىدى. ئۇ مىغ - مىغ ئادەملەر توپىنىڭ بىر تامانغا سەلدەك ئېقىۋاتقىنىنى، بەزىسىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش قوچقار يېتىلىۋېلىشقانلىقىنى كۆرۈپ، پونكىت باشلىقى ئېيتقان تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ شۇ تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلدى.
تۇرۇپلا بوۋاينى ۋەھىمە باستى. چۈنكى باشقىلارنىڭ يېتىلىۋالغىنى ئىگىلىرىگە ئوخشاشلا كۆزلىرىدىن سۈر يېغىپ تۇرىدىغان، تەتۈرىسىگە ئۆرۈلگەن مۈڭگۈزلىرى قۇلاقلىرىنى يۆگىۋالغان بەستلىك قوچقارلار ئىدى. لېگەندەك، گەزنىدەك قۇيرۇقلىرى ھەر قەدىمىگە تەڭكەش بولۇپ لەپپەڭشىپ باراتتى. ئۆز قوچقىرىغا قايتىدىن زەن قويغان بوۋاي قارا بويۇننىڭ ئۇنچىۋالا بەستلىك ئەمەسلىكىنى، مۈڭگۈزىنىڭمۇ بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدىراق مۇتەك ئىكەنلىكىنى، قۇيرۇقىنىڭمۇ ھېچقانچە سىلكىنمەيدىغىنىنى بايقىدى. ئۆزى ۋە قوچقىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇشقان باشقا قوچقار يېتىلىۋالغۇچىلارنىڭ بۇرۇن پۈرۈشىدىن بايامقى ۋەھىمىسى بۆلەكچىلا ئۇلغىيىپ قەدەملىرى ئاستىلاپ قالدى.
ئەمدى قارا بويۇن قوچقار نۇراخۇن بوۋاينى سۆرەشتۈردى. ئۇ شۇندىلا قوچقىرىغا قايتىدىن زەن ق−ويدى. ئ−ۆزىنىڭ ئەك−سىچە قوچ−قىرى بۆلەكچىلا روھلۇق، تېتىك كۆرۈنەتتى، بۇ ھالدىن ئۇنىڭ كۆڭلى بىرئاز ئارامىغا چۈشتى.
−− ۋاي نۇراخۇن، ۋاي نۇراخۇن! سىلە قوچقارنى ئەمەس، قوچقار سىلىنى يېتىلەپ كەپتۇ ھە؟ −− پونكىت باشلىقىنىڭ تۇيۇقسىز كايىپ كېتىشى بوۋاينى يەنە تەمتىرەتتى، −− قوچقارلارنى چەك تاشلاپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ بولدى. نۆۋىتىمىز كەپ قالاي دەۋاتىدۇ، تېزرەك بولسىلا دەيمەن.
پونكىت باشلىقى قوچقارنىڭ باشبېغىنى قولىغا ئالدى. قارا بويۇن قايسى كۈندىكىگە ئوخشاشلا يېنىككىنە پۇشقۇرۇپ قويدى. بوۋاي گەز باغلىغان لەۋلىرىنى يالىۋېلىپ پونكىت باشلىقىنىڭ كەينىدىن ئالدىراپ ئەگەشتى.
بۇ يەردىكى مەيدان يېزىدىكىدىن چوڭ ئىدى. يىغىلغان ئادەملەرمۇ، توپلاشقان قوچقارلارمۇ كۆپتەك قىلاتتى، ئادەملەرنىڭ تولىسى ناتونۇش، قوچقارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋەھىمىلىك بىلىنەتتى. شۇنداقتىمۇ بوۋاي ئۈچۈن ئەمدى پونكىت باشلىقىنىڭ كەينىدىن ئىز باسماقتىن ئۆزگە چارە قالمىغانىدى.
مۇسابىقىگە ئائىت ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پونكىت باشلىقى بىلىدىكەن. ئۇ يېزا - يېزىلاردىن تاللاپ كېلىنگەن قوچقارلارنىڭ قانداق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگىنىنى، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئايلانما شەكىلدە قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغىنىنى، ھەر بىر گۇرۇپپىدىن ئۇتۇپ چىققان ئىككىدىن قوچقارنىڭ قايسى شەكىلدە ئۇچراشتۇرۇلۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغىنىنى توختىماي سۆزلىدى. بوۋاي ئۇنىڭغا ئىز بېسىپ دېگۈدەك كېلىۋېتىپ ھەدەپ بېشىنى گىلدىڭلاتقىنى بىلەن ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىدى، ئۇ شۇ گاراڭلىقتا مەيداننىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كېلىپ قالدى.
پونكىت باشلىقى توغرا دەپتۇ، قارا بويۇننىڭ نۆۋىتى كېلىپ قاپتۇ. سايىۋەنلىك شەپكە كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر يىگىت ئالدىدىكى ئۈستەلگە مۇشتلىغىنىچە: »قارا بويۇن قوچقار مەيدانغا چۈشسۇن؟!« دەپ ۋارقىراۋېتىپتۇ. پونكىت باشلىقى نۇراخۇن بوۋاينىمۇ ئۇنتۇپ، قوچقارنى سۈرەشتۈرگىنىچە سەيناغا كىرىپ، قارا بويۇننىڭ ئارغامچىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىپ دېدى:
−− كەلدى! قارا بويۇن قوچقار دەپ تىزىملاتقان!
−− قوچقارنىڭ ئىگىسى؟!
−− نۇراخۇن!
−− ئىگىسى مەيدانغا كىرسۇن!
بوۋاي سەيناغا كىردى. مىغىلداپ تۇرغان ئادەملەر توپىنىڭ ئۆزىگە كۆز تىكىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزاردى. مەيدە - تۆشلىرىدىن تەر تەپچىرىدى. شۇندىمۇ رىياسەتچىنىڭ تەلىپى بويىچە پونكىت باشلىقىنىڭ قولىدىن ئارغامچىنى ئالدى. سەيناغا يەنە ئىككى يىگىت كىرىپ كەلدى. ئۇلار قوچقارنىڭ بوينىغا كۆك رەڭلىك لېنتا چىگىۋېتىپ بوۋايدىن سورىدى.
−− قوچقارنى سۇغۇرتىلاتقانمۇ؟
−− ھەئە، −− دەرھال جاۋاب بەردى بوۋاي، −− قايسى كۈنى مال دوختۇرخانىدىكىلەر كەپتىكەن. شۇلار بىلەن بىرگە چىقىپ، دورا چىلانغان كاتەككە چىلاپ ... بىز ئۇ ئىشنى ھەر يىلى قىلىپ كېلىۋاتىمىز.
−− ئۇ دېگەن ۋاننىلاش، −− كۈلۈپ كەتتى يىگىتلەر، −− بىزنىڭ سوراۋاتقىنىمىز سۇغۇرتا. مەسىلەن: سوقۇشتۇرۇش جەريانىدا قوچقارلىرى ئالىمادىس ئۆلۈپ قالسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىدىغان ئىش. بىز پونكىت باشلىقلىرىغا ئېنىق ئۇقتۇرغان، سىلىگە دېمىگەن بولسا...
نۇراخۇن بوۋاينىڭ قۇلىقى پاڭ بولدى. »ئۆلۈپ قالسا...« دېگەننىڭ داۋامى ئاڭلانمىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىردىنلا ئۈچ كۈن ئاۋۋالقى يۈگىمە مۈڭگۈزلۈك، ئاق ياللىق قوچقار ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مۇدھىش ياغىدىغان ئىگىسى كەلدى - دە، لەۋلىرى تېخىمۇ قۇرۇپ، ئاپتاپ دەستىدىن قارايدىغان چىرايى تاتاردى. يۈز - كۆزلىرىدىن تامچىلىغان بايامقى تەر ھەسسىلىنىپ، ئىزتىراپىمۇ بىراقلا ئۇلغايدى.
−− ئە... ئەمىسە مەن قوچقىرىمنى ئېلىپ كېتەي.
−− نەگە ئېلىپ كېتىلا؟ −− گۆلەيدى پونكىت باشلىقى پوقىقىنى ئېسىپ تۇرۇپ، −− بىزنىڭ قوچقار ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، قارا بويۇن ئۆلمەيدۇ، بۈگۈن چېمپىيون بولىدۇ!
پونكىت باشلىقىنىڭ كۆزىدە پاختا ئېچىلدى. ئېچىلغان پاختىلار ئارىسىدىن سوغۇق بىر نۇر كۆرۈندى. نۇراخۇن بوۋايغا بۇ نۇر قايسى كۈندىكى ئاق ياللىق قوچقارنىڭ ئىگىسىنىڭ كۆزىدىن چىققان نۇردەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.
بوۋاي تەمتىرەپ نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقىنىنىمۇ تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمىدى. ئىككى يىگىت بوۋاينى سايىۋەنلىك شەپكە كىيىۋالغان يىگىتنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ بىر نېمىلەرنى دېدى، پونكىت باشلىقىمۇ ئېغىزىنى ماكىلداتتى، ۋارقىرىغاندەك قول شىلتىدى. مەيدىسىگە مۇشتلاپ »مەن ئىگە!« دېگەندەكمۇ قىلدى. قانداقتۇر بىر جەدۋەلگە قول قويدى، نۇراخۇن بوۋاينىمۇ بارماق باستۇردى. ئۇنىڭغىچە بوينىغا يېشىل لېنتا چىگىلگەن رەقىب قوچقار سەينادا پىرقىراشقا باشلىدى. ئېگىز كۆرپە تەلپەك كىيىۋالغان ئىگىسىمۇ قوچقىرى بىلەن تەڭ ئايلىنىپ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا نۇراخۇن بوۋايغا قاراپ قويدى. بوۋاينىڭ بىردىنلا بېشى قېيىپ كۆڭلى ئاينىغاندەك بولدى. ئۇنىڭ ئاچ قورسىقىدىن يانغان ئاچچىق بىر سۇيۇقلۇق كېكىردىكىدىن يېنىپ ئاغزىغا كەپلەشتى - دە قەي تۇتتى.
قارا بويۇننى سەيناغا پونكىت باشلىقى ئېلىپ كىردى. باشقىلار نۇراخۇن بوۋاينىڭ قولىغا بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ تۇتقۇزۇپ، سايىۋەن ئاستىغا ئەكېلىپ ياتقۇزۇپ قويۇشتى. بوۋاينىڭ خىرەلەشكەن كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمىدى. ئەمما قۇلىقى زىل بولۇپ، قىيقاس - سۈرەنلەر، بارىكاللا - ئالقىشلار ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قەيمۇ قايتقان، تۇيغۇسىمۇ سۈزۈلۈپ قالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قارا بويۇن قوچقىرىنىڭ بوينىغا يېشىل لېنتا چىگىلگەن رەقىبىنى تۇنجى ئۈسۈشتىلا يەر چىشلەتكەنلىكىنى بىلدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا رىياسەتچى بالىنىڭ:
−− كۆك لېنتا چىگىلگەن قارا بويۇن قوچقار يەڭدى! −− دېگەن ياڭراق ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئۇزاق ئۆتمەي پونكىت باشلىقىمۇ ھاسىرىغىنىچە بوۋاينىڭ قېشىغا كېلىپ:
−− بىز يەڭدۇق، نۇراخۇن ئاكا! بىزنىڭ قارا بويۇن ئۇ قوچقارنى كۆردۈم دەپمۇ قويمىدى! −− دېدى.
−− ئەمدى كېتەمدۇق؟ −− شىۋىرلىدى بوۋاي، −− قوچقارنى ئېلىپ ...



ھالقىلىق سۆزلەر : power,كۈچ


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار