ۋاقىتلىق باشلىق(ھىكايە)

يوللانغان ۋاقتى:07-03-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت ۋاقىتلىق باشلىق (ھىكايە) باشلىقىمىز ئىككى ئايلىق ئۆگىنىشكە كەتتى،ئۇنىڭ ئورنىغا خىزمەتدىشىمىز ئابباس ۋاقىتل

ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت

ۋاقىتلىق باشلىق
(ھىكايە)
باشلىقىمىز ئىككى ئايلىق ئۆگىنىشكە كەتتى،ئۇنىڭ ئورنىغا خىزمەتدىشىمىز ئابباس ۋاقىتلىق مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەندى.ئابباس ئورنىمىزدا يېشى خېلى چوڭراق ئادەم بولغاچقا،ئۇنى ھەممىمىز ھۆرمەتلەيتتۇق.
ئابباس ۋاقىتلىق باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىپ خىزمەتكە چۈشكەن تۇنجى كۈنى كۈل رەڭ سارجىدىن تىكىلگەن يىپيېڭى شىم-كاستىيۇم كىيىپ،چاچلىرىنى مايلاپ،رەتلىك تارىۋاپتۇ.كۆزىمىزگە ئۇ خۇددى بەش-ئالتە ياش ياشىرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى.
-ۋاھ،ئابباسكا،بۈگۈن قالتىس سالاپەتلىك بولۇپ كېتىپسىزغۇ؟ھاكىم كەلگەن چېغى دەپتىمىز،-دەپ چاقچاق قىلىشتى خىزمەتداشلار.
ئابباس قولىنى كەينىگە تۇتۇۋالغان بولۇپ،بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەسلا ماسلاشمىغان تەرزدە ھەر بىرىمىزگە ناھايىتى سوغۇق قارىدى-دە،گېپىمىزگە جاۋابمۇ بەرمەستىن:
-نۇردۇن،قۇرۇق گەپ قىلىپ ھارمىدىڭما؟كاسىلداپ ئولتۇرغىچە ئىشخاناڭغا چىقىپ ئىشىڭنى قىلمامسەن؟-دىدى ئىشىك تۈۋىدە بەخىرامان تاماكا چېكىپ ئولتۇرغان نۇردۇنغا.
تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ گەپتىن مەڭدەپ قالغان نۇردۇن ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك بىر بىزگە،بىر ئابباسقا ھەيرانلىقتا چەكچەيگىنىچە تۇرۇپلا قالدى.تاماكا تۇتقان قولى تىترەپ كەتتى.
-چىقە!مەن ساڭا گەپ قىلغاندىن كېيىن،ئىشخانا بازار بولمىغاندىن كېيىن،ھەر قايسىڭلارمۇ ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىڭلار،-ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرگەنچە قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق چىقىپ كەتتى.ئىشخانا ئىچىنى سۈكۈت قاپلاپ،ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراشتۇق.
-بۇ نىمەگەپ بولۇپ كەتتى؟كۈن بويى مۆرىمەي يۈرەتتى.ئەمدى بىزنى دۈشكەلەۋاتىدا؟!-نۇردۇن قولىدىكى تاماكىنى زەرب بىلەن ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىغاچ سۆزلەپلا كەتتى.
-ئاغىنىلەر،بۇ دىگەن ئىشنىڭ باشلىنىشى،ئويۇننىڭ قىزىقىنى ئەمدى كۆرىدىغان ئوخشايمىز،-يەنە بىر خىزمەتدىشىم سۆز قوشتى،-تۇمۇرۇمنى تۇتقۇزۇپ قويماي دىگىنى ئوخشايدۇ ئۇنىڭ.
ئابباس ۋاقىتلىق ئىشقا قويۇلغان بۇ كۈنلەردە،كۈندەيىغىن ئاچىمەن دەپ بىزنى ئىشخانىسىغا يىغىۋالىدىغان بولدى.ھەممىمىز سائەتلەپ ئېچىلىدىغان يىغىندىن زېرىكىپ كەتتۇق.ئۇنىڭ قوپال مۇئامىلىسىدىن بۇرۇنقى ئابباسىنىڭ ئىزناسىنىمۇ تاپقىلى بولمايتتى.خىزمەتداشلار ئارىسىدا"باشلىقىمىز يۆتكىلىپ كېتىدىكەن،ئابباس رەسمى باشلىق قىلىپ ئۆستۈرۈلىدىكەن"دىگەن گەپ تارقالدى.
بىر كۈنى ئىشخانىدا ئايلىق ھىساۋاتنى بوغۇۋاتاتتىم،ياندىكى ئىشخانىدىن ئۇنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم-دە،تالونلارنى يىغىشتۇرىۋېتىپ ئىشخانىسىغا چىقتىم.
-ئابباسكا،بىرەر ئىش بارمىدى؟
-ئىش بولمىساچاقىراتتىممۇ؟قاراڭ،تېلىۋېزىيە ئىستانسىغا بېرىدىغان جىددىي ئۇقتۇرۇش بار.مەن ئوقۇيمەن،سىز يازىسىز،قېنى،قولىڭىزغا قەلەم ئېلىڭ،-ئۇ ئورگىنالنى ئۆزى يېزىپ پۈتتۈرۈپ قويغان بولۇپ،گەپنى باشلىدى:
-قەغەزنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا"ئۇقتۇرۇش"دەپ يېزىڭ.ھە،يازدىڭىزما؟ئەمدى،يېزىشنى باشلاڭ،...دەپ يېزىپ قوش چېكىت قويۇڭ،ھە،دەپ بەرگەنلىرىمنى قانداق يازدىڭىز؟ئوقۇڭە،ئاڭلاپ باقاي،-دىدى چىرايىغا سۈرلۈك تۈس بېرىپ.
مەن يازغانلىرىمنى ئوقۇپ چىقتىم.
-مەن سىزگە ئاخىرقى سۆزنى"كېرەك"دەپ بەرسەم،سىز"لازىم"دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپ يېزىپسىزا!؟ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىپ يېزىڭ!-دىدى ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
مەن ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالمىغان ھالدا:
ئابباسكا،بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى ئۆز-ئارا يېقىنغۇ،جۈملىنىڭ مەزمۇنىغا ئانچە تەسىرى بولمىغاندىن كېيىن ئۆزگەرتمىسەممۇ بولار،-دىدىم سىيلىق قىلىپ.
ئابباس ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
-نىمە؟بۇ ئاتىكارچىلىقنى سىزگە كىم قويدى؟بۇ جايدا ھازىرچە مېنىڭ دىگىنىم ھىساب،سىزگە قايسى ئىشنى قىلىڭ دىسەم شۇنى قىلىسىز،ئۇقتىڭىزما؟
-بۇ...بۇ نىمە دىگەنلىرى؟سىلى ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئىشلىمىگەن جايلىرىم يوققۇ.مەن پەقەت مەسلىھەت تەرىقىسىدە گەپ قىلدىم شۇ.كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن بۇنچە چېچىلسىلا ئابرويلىرى ئۆسۈپ قالارمۇ؟
-ئەكىلىڭە!-ئۇ قولۇمدىكى قەغەزنى زەردە بىلەن تارتىۋالدى ۋە توڭلۇق بىلەن،-يازغۇڭىز بولمىسا ۋاقىتىمنى ئالماي،ئىشخانىڭىزغا چىقىپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ،ئۆزۈم يېزىۋېرىمەن.خوتۇن خەق دىگەن كىيىم كىيىپ،ئۆزىنى پەرداشلاشتىن باشقا نىمىنى بىلەتتى؟!چىقىڭ،چىقىڭ!!!-دەپ دىمىقىنى قاققىنىچەقوللىرىنى شىلتىپ مېنى ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىشكە ئىشارە قىلدى.
غورۇرۇم دەپسەندە قىلىنغاندەك،ئۇنىڭ قىلىقلىرى ماڭا قاتتىق ھار كەلدى.غەزەبتىن چەكچەيگەن بىچارە كۆزلىرىمدىن ئىككى تامچە ياشنىڭ قانداقلارچە سىرغىپ چۈشكىنىنىمۇ سەزمەي قالدىم ۋە يېشىمنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ئىشخانامغا چىقىم-دە،بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.يىغامنى تەسلىكتە توختىتىپ بېشىمنى كۆتىرىپ قارىسام،خىزمەتداشلار ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.
-بايا بولغان گەپ- سۆزلەرنى ھەممىمىز ئاڭلاپ تۇردۇق.ھەي،سىزمۇ-زە،بەك يۇۋاش جۇمۇ.ئاشۇنداق ھاقارەتلىسە بىر ئېغىزگەپ-سۆز قىلماي،قورسىقىڭىزنى كۆپۈۈپ چىقىۋاتىسىز.مەن بولسامچۇ،ياقىسىدىن ئالاتتىم ئۇنىڭ.
-خۇدايىم ئېشەككىمۇ بىلىپ مۈڭگۈز بەرمەپتىكەن.ئابباس ئەگەر رەسمىي قىلىپ ئۆستۈرۈلسە قانداق بولۇپ كېتەر؟
-سىلەر "ئەمەل بەرسە توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ" دىگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭلار؟ئۇ ئۆزىنى باشلىق دەپ كۆرەڭلەپ كەتتى.باشلىق قايتىپ كەلسە ئۇنىڭ بارىدىغان يېرى سامانلىق.
ئابباس ئەتىسى مېنى ئىشخانىسىغا يەنە چاقىرىتتى.ئىشخانىنىڭ ئىشىكىگە يېقىن بىر ئورۇندۇقتا ئۇنىڭ ماڭا سۆز قىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىم.يەنە بىر خىزمەتدىشىم سالماق قەدەم بىلەن كىرىپ كەلدى ۋە ئىدارە كاسسىرىغا تېلىفۇن قىلىمەن"دەپلا،تېلىفۇننىڭ تۇرۇپكىسنى قولىغائالماستىن،ئاۋازلىق كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تېلىفۇن ئۇرۇشقا باشلىدى.
-ھوئۇكاموي،تېلىفۇن ئۇرۇشنى ئۇقامسەن؟سېنىڭ پەلىپەتىش قىلىقلىرىڭ ئاينىپ قالدىغۇ مۇشۇ كۈنلەردە؟تېلىفۇن دىگەننىچۇ قارا،قولغا ئېلىپ ئۇرىمىز،-ئابباس سۆزلەپلا كەتتى. بۇ يولسىزلىقتىن خىزمەتدىشىمنىڭ قېنى قىزىشتى بولغاي:
-ھەي لامزەللە!سەن دىگەن بىزگە ئاران ئىككى ئايلىق باشلىق ئۇقتۇڭمۇ؟نىمەڭگە كۆرەڭلەيسەن؟چوڭ بىلمەيمىز بۇنداق ئەمەلنى!-دىدى ئاچچىق بىلەن قوللىرىنى شىلتىپ.
-نمە دىدىڭ؟يەنە بىر دەپ باقە... يەنە بىر دەپ باقە...،-ئابباسنىڭ غەزەبتىن بۇرۇن تۆشۈكلىرى كېڭىيىپ،كۆزلىرى پولتىيىپ چىقتى.گۆشلۈك ئېڭەكلىرى لىپىلداپ،قېلىن كالپۇكلىرى تىترەپ كەتتى.خىرقىرىغان ھالدا خىزمەتدىشىمنىڭ ياقىسىدىن ئالدى.ئۇ كۈچتۈڭگۈرقوللىرى بىلەن ئابباسنىڭ مەيدىسىدن كۈچەپ بىرنى ئىتتىرىپ،ياقىسىنى ئاجرىتىۋالدى.ئۇلار ئاغزىنى بۇزۇپ ۋارقىرىشىپ تىللىشىپلا كەتتى.شۇ ئەسنادا باشقىلار كىرىپ ئاجرىتىۋېلىشتى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي باشلىقىمىز قايتىپ كەلدى.بىزخۇددى يېقىن تۇغقىنىمىزنى كۆرگەندەك شادلىققا چۆمدۇق.چۈنكى،بىزئۇنىڭ يولىغا شۇنچىلىك ئىنتىزار بولغانىدۇق.ئۇ ئابباسنىڭ تامامەن ئەكسى بولۇپ،بىز ئۇنى قەۋەتلا ھۆرمەتلەيتتۇق.
باشلىقىمىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئابباس سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈكلەپ كەتتى،"ئابباس ئۆستۈرۈلىدىكەن"دىگەندەك ئۆسەك سۆزلەرخەقنىڭ ئاغزىدىلا قالدى.ئۇنىڭ ۋاقىتىلىق ئەمەلنىڭ كۈچىدىن مەست بولۇپ،ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ،ھېچكىمنى پىسەنتىگە ئالماي،ھەممەيلەننى رەنجىتىپ غادىيىپ يۈرگەن ئىككى ئايلىق"ئەمەلدارلىق كىبىرى"بىراقلا يوقاپ،ئەسلىدىكى يۇۋاش ھالىتىگە قايتقاندى،ئىدارىمىزدە ئابباس توغرىسىدا بىر مەزگىل سۆز-چۆچەك يامراپ يۈردى.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،بۇ ئىشلارنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كېتىشتۇق...
مەنبە:"شىنجاڭ ياشلىرى"ژۇرنىلى 2002-يىللىق5-سان
(<<تارىم ساداسى>>ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەر)

                                         ( شايار ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن)




ھالقىلىق سۆزلەر : ۋاقىتلىق باشلىق(ھ


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار