ئاپتورى:زۆھرەگۈل ھامۇت قانۇن ئالدىدا
(ھىكايە)
ئۈزۈلمۈس يىپتەك قارىيىپ كۆرۈنگەن تاشيولدا پىرىتسىپنىڭ كوزۇپىدىن كۆرۈنەرلىك كەڭلىكتە تۆت دانە بادرىنى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدە مۇنتىزىم مىخلاپ چازا قىلىپ،لىق پاختا قاچىلانغان باداڭلارنى ئۈستى-ئۈستىلەپ باسقان قىزىل رەڭلىك تىراكتۇر يەر ھەيدەپ ھارغان ئۇيىدەك ئاستا سۈرئەت بىلەن «پاق...پاق...پاق...»ئاۋاز چىقىرىپ كېلەڭسىز ھالەتتە كەلمەكتە ئىدى.كاۋا چېچىكى رەڭگىدىكى يىپ ياغلىقنى بېشىغا ئارتقان،سۆسۈن رەڭلىك ئۆڭۈپ كەتكەن چاپان كىيگەن،چىرايى ئاپتاپتا كۈيۈپ قارايغان بىر ئايال راسا چىڭداپ پاختا تىقىلغان باداڭنىڭ ئۈستىدە چاڭگىدىكى قۇشتەك ئولتۇراتتى.ئايالنىڭ ئېرى ئەخەت كەيپى كۆتىرەڭگۈ ھالدا تىراكتۇر ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى.ئۇ كىشىلەردىن«پالانى جايدا تىراكتۇر شوپۇرى ئۇنداق ۋەقەگە ئۇچراپتۇ،پۇكۇنى جايدا تىراكتۇر بىرسىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ دىگەندەك ۋەھىمىلىك پاراڭلارنى پات-پات ئاڭلاپ قالاتتى ۋە ئىختىيارسىز قورققىنىدىن تېنى شۈركىنىپ كېتەتتى.تىراكتۇر رولى قولىغا چىققاندا ۋەھىمىلىك خىياللار قانات ياساپ قەيەرلەرگىدۇر ئۇچۇپ كېتەتتى.
ئەخەت رولنى باشقۇرغاچ،كاللىسىدا پاختىنى ساتقاندىن كېيىنكى كىرىم ئۈستىدە چوت سوقماقتا ئىدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئىختىيارسىز باغلام-باغلام يۈز يۈەنلىك پۇللارنى شىرىقلىتىپ ساناۋاتقان خۇشال ھالىتى نامايەن بولۇپ،خىيالى لەززەتتىن كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ،شادلىقتىن ئورنىدا ئولتۇرالماي قالدى.ئۇ ئۆتكەن يىل پاختا سېتىپ ئالغان پايدىغا مۇشۇ تىراكتۇرنى سېتىۋالدى.تىراكتۇرنى ئالغاندىن بۇيان دېھقانچىلىقتا ئىلگىرىكىدەك كۈچ سەرپ قىلمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ يۈكى يېنىكلىدى ھەم ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولدى.ئۇ ئەمدى ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرمەيدۇ.مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا كۆكرىكىنى كېرىپ يۈرەلەيدۇ.
ئەخەتنىڭ توپا قونغان شالاڭ كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى قوڭۇر كۆزلىرى ھاياجان ئىلكىدە چاقناپ كەتتى.
تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە،ئۈستىگە سېرىق رەڭلىك فورما ،بېشىغا دۆلەت گىربى چۈشۈرۈلگەن قاسقان شەپكە كىيگەن ئىككى نازارەتچى خادىم ئەخەتنى توختاشقا بۇيرۇق قىلدى.شۇندىلا ئەخەت شېرىن خىياللار قاينىمىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ،ئۆزىگە قاراپ تۇرغان نازارەتچى خادىملارنى كۆردى ۋە ئۇلارغا تەشۋىشلىك تىكىلدى.ئۇلاردىن بىرى بۇغدىيۆڭ،قوشۇما قاش،كۆزلىرى چوڭ كەلگەن ئادەم بولۇپ،ئەخەت ئۇنى ئىلگىرى كۆرۈپمۇ باقمىغاندى.سېرىقراق كەلگەن ئىگىز بويلۇق يەنە بىرى ئەخەتنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغان ئالتە يىللىق ساۋاقدىشى ھىمىت ئىدى.ئەخەت ھىمىتنى كۆرۈپ تەشۋىشلىك خىيال قاپلىغان كۆڭلى بۇلۇتتىن كېيىن پارلىغان قۇياشتەك يورۇپ كەتتى.ئۇ تىراكتۇرنى سېتىۋالغاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ياكى نۇمۇر تاختىغا قارىتا تىزىمغا چۈشمىگەندى.شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئۆيدىن قوزغىلىشتىن بۇرۇن نەۋرە ئىنىسىنىڭ شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئارىيەت ئېلىپ،نازارەتچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن پەم بىلەن ئۆتۈۋېلىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،خاتىرجەم ھالدا پاختا شىركىتىگە يول ئالغاندى.ھېلىمۇ ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭ ئىكەن،نازارەتچى خادىملارنىڭ بىرى ئۇنىڭ كونا ساۋاقدىشى بولۇپ چىقتى،ئۇ ئەمدى ھىچقانداق توسالغۇسىز ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان بولدى،ئامەت دىگەن شۇ-دە!
ئەخەت ئەنە شۇنداق خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە تىراكتۇرنى يولنىڭ چېتىگە تارتىپ،چەبدەسلىك بىلەن تىراكتۇردىن سەكرەپ چۈشتى ۋە كۈلگىنىچە ھىمىتنىڭ ئالدىغا قوللىرىنى ئۇزىتىپ كەلدى.
-كونا ساۋاقداشلار ئۇچرىشىپ قالدۇق،ئۆزۈڭ ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟-دەپ سورىدى خوشلۇقتىن ھىمىتنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ.
-قەدىر ئەھۋال،ئۆزۈڭچۇ؟-ھىمىتمۇ بۇ كونا ساۋاقدىشىدىن قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋال سورىدى.
-ھە،خۇدايىمنىڭ بەرگەن كۈنىگە شۈكرى،يامان ئەمەس كېتىۋاتىمىز،ئۆز ۋاقتىدا مەكتەپتىن قېچىپ ياخشى ئوقۇمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن،مانا ئەمدى دېھقان بولۇپ ئېتىزغا بەند بولۇپ يۈرىمەن شۇ.
ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ھىمىت نەزەرىنى تىراكتۇرغا ئاغدۇردى.
-تىراكتۇرغا پاختىنى نىمانچە كۆپ بېسىۋەتتىڭ؟ئۈستىگە ئادەم ئولتۇرغۇزۇپسەن تېخى،يەنە كېلىپ تىراكتۇرنىڭ نۇمۇر تاختىسىمۇ يوق ئىكەن ئەمەسمۇ،شوپۇرلۇق كېنىشكىسىگە قارىتا تىزىمغا ئالدۇرغانمىدىڭ؟-ئەخەت ئاسماقچىلاپ سوراشقا باشلىدى.
-ھە...ھە...تىزىمغا...ئالدۇر...غان...-ئەخەت دۇدۇقلاپ قالدى.
-ئەكەلگىنە،كېنىشكەڭنى كۆرۈپ باقاي-دىدى ھىمىت ئەخەتكە قولىنى سۇنۇپ.
ھىمىت ئەخەتكە نەۋرە ئىنىسىدىن ئارىيەت ئالغان شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى بېرىۋېتىپ ئىىتىيارسىز قوشۇمىسى تۈرۈلدى ۋە ئەخەتكە سۇئال نەزەرىدە تىكىلدى.
-ئەخەت،بۇ كېنىشكە سېنىڭ ئەمەسقۇ؟
-ۋاي-ۋۇي،بىز كونا ساۋاقداش بولغاندىن كېيىن زىغىرلاپ يۈرمەي مېنى ئۆتكۈزىۋەتسەڭلا ئىش پۈتمىدىمۇ؟-دىدى ئەخەت ھىمىتكە ئىشەنچ بىلەن تىكىلىپ.
ھىمىت ئەخەتكە ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى.
-ئەخەت،مەن بىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى،بىرىنى ساۋاقدىشىم،بىرىنى تونۇشۇم دەپ رەسمىيەتسىز تىراكتۇرلارنى ئۆتكۈزىۋەتسەم،ئالىمادىس بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە بۇ مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي مەندە بولغان بولىدۇ.تونۇشلۇقنىڭ،تۇغقانچىلىقنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلساق،مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئىش بېجىرسەك بىز نازارەتچى خادىملار قانۇن ئالدىدا قانداق جاۋاب بېرەلەيمىز؟تاشيول باشقۇرۇش نىزامىدا:«بارلىق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى كېنىشكىسىز ھەيدەشكە،باشقىلارنىڭ شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئارىيەت ئېلىشقا بولمايدۇ،شوپۇرلار يول ماڭغاندا،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا نۇمۇر تاختىسى ئېسىش كېرەك»دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن-ھىمىت سومكىسىدىن بىر دانە كىتابنى ئېلىپ مەلۇم بىر بەتكە كەلگەندە ،ئەخەتكە ئۇبەتلەردە يېزىلغان خەتلەرنى كۆرسەتتى-تىراكتۇرلارغا پىرىتسىپ چاتقاندا ۋە ئۇنىڭغا يۈك قاچىلىغاندا قايسى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكى بۇ كىتابتا ئىنتايىن ئېنىق يېزىلغان،ساڭا ئوقۇپ بېرەي،زەن قويۇپ ئاڭلىغىن-ھىمىت جاراڭلىق ئاۋازدا كىتابتىكى بەلگىلىملەر يېزىلغان قۇرلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتىرىپ ئەخەتكە مۇلايىملىق بىلەن تىكىلدى-قارىغىنا،يۇقارقى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھىچقايسىسىغا رىئايە قىلماپسەن،رەسمىيەتلەرنى ئادا قىلىپ كۇرستا تەربىيلەنسەڭ بولغىدەك.
ھىمىتنىڭ ئەخەتكە قىلغان سەمىمى تەربىيە-نەسىھىتى گويا ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئەخەتكە قىلچە تەسىر قىلمىدى.ئۇ پەقەت مۇشۇ توساقتىن ئۆتۈۋېلىشنىلا ئويلايتتى.ئۇ:«ھىمىت ساۋاقدىشىم بولغاندىن كېيىن ئۇنى قايىل قىلالايمەنغۇ»دىگەنلەرنى خىيال قىلدى-دە،ھىمىتكە:
-بىز نىمىلا دىگەن بىلەن ساۋاقداشقۇ،رەسمىيەتنى ئالدىرىماي تۇلۇقلىۋالسام،بۇ نۆۋەت مېنى ماڭدۇرىۋەتكىنە-دىدى يېلىنىپ.
-نۇمۇر تاختا ۋە شوپۇرلۇق كېنىشكىسىگە رەسمىيەت بېجىرگىن-ھىمىت ئەخەتكە كەسكىنلىك بىلەن خىتاب قىلدى-ھارۋا تېپىپ كەلسەڭمۇ مەيلى،تىراكتۇردىكى يۈكنى باشقا قاتناش قورالىغا بۆلۈپ ئازايتىۋەت،ئايالىڭ ئىگىز قاچىلانغان يۈك ئۈستىدە ئولتۇرسا بولمايدۇ،پىرىتسىپقا مىخلانغان چازىنىڭ كەڭلىكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن،سېنى قۇيۇۋەتسەم خەتەرگە يول ئاچقىنىم،قاتناش قائىدىسىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىپ بەرگىنىمگە باراۋەر،ناۋادا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بويۇنتاۋلىق قىلساڭ تىراكتۇر تۇتۇپ قېلىنىدۇ!
ئەخەتنىڭ كاللىسىغا بىر چارە كەلدى.ئۇ ھىمىتنىڭ قەتئىيلىك نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە كۈلۈمسىرەپ تىكىلدى ۋە يانچۇقىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى «شارتتىدە»سۇغۇرىۋالدى ۋە ھىمىتكە تەڭلىدى.
-بۇ سېنى مېھمان قىلغىنىم بولۇپ قالسۇن،يانچۇقۇڭغا سېلىپ قويغىن.
شۇئان ھىمىتنىڭ چىرايى قارىداپ،غەزەبلىك كۆزلىرى ئەخەتكە نەشتەردەك تىكىلدى.
-سەن مېنى نىمە كۆرۈۋاتىسەن؟ئاپار ئۇ پۇلۇڭنى!دىدى ھىمىت ئەخەتنىڭ قوللىرىنى ئىتتىرىپ.
ئەخەت ھەرقانچە قىلىپمۇ ھىمىتكە گەپ يىگۈزەلمىدى.ئۇ ھىمىتنىڭ قەتئى پوزىتسىيىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇيۇۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەندى ۋە قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ئىچىدە ھىمىتنى تىللاشقا باشلىدى:«خەير،ساۋاقداشلىقنىڭ يۈزىنىمۇ قىلمىدىڭ،كادىر بۇلۇۋېلىپلا دېھقان ساۋاقدىشىڭنى كۆزگە ئىلماس بۇلۇپسەن،پوچىلىق قىلغىدەك سەن قانچىلىك ئادەم ئىدىڭ؟گېزى كەلسە يول-يوللاردا قوتۇر تىراكتۇر توسىدىغان يول مۇئەككىلىغۇ سەن،ھىم!...»
ئەخەت مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا نۇمۇر تاختا ۋە شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئۈچۈن رەسمىيەت ھەققى تۆلىگەندە،يۈرىكىنى كۈچلۈك بىر قول«شارت»سۇغۇرىۋالغاندەك بىئارام بولۇپ،چېكىسىگە پىچاق تىقىلغاندەك ئازابلاندى.ئۇ شۇ ئىشتىن كېيىن نەچچە يىللىق ساۋاقدىشى ھىمىتتىن خېلى ئۇزۇنغىچە قاتتىق رەنجىپ يۈردى.ئۇنىڭ قارىشىچە ،قان-تەر بەدىلىگە تاپقان پۇلغا ئاران سېتىۋالغان تىراكتۇرغا ھۆكۈمەت نۇمۇر تاختا،شوپۇرلۇق كېنىشكىسى دىگەندەك قۇرۇق نەرسىلەرنى تاڭماسلىقى كېرەك ئىدى.«ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان سېلىقىمىز ئازمىدى؟»-دەپ ئويلايتتى ئۇ-«ھېلى سۇ پۇلى دىسە،ھېلى ئۇغۇت پۇلى دەۋاتقان،ھېلى ئۇرۇق پۇلى دىسە،ھېلى باج دەۋاتقان،قايسىىسىنى تۆلەپ قايسىسىنى قويۇشنى بىلمىگەن ئادەم.ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك بۇ جانىۋارغىمۇ‹ئۇ تىراكتۇرنى شۇنداق ئاتايتتى›رەسمىيەت ھەققى ئېلىۋاتسا...»
ئەخەتنىڭ ئويلىغانچە زەردىسى قاينايتتى.
شوپۇر تەربىيلەش مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىغاندا ئەخەت گويا بىرسى ئۇنىڭ بوينىنى باغلىغاندەك مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلدى.ئوقۇتقۇچىلار تىراكتۇرلارنىڭ تۈزۈلىشىدىن تارتىپ،تىراكتۇرنى تېىنىكىلىق ئاسراشقىچە،ھەتتا قاتناش قائىدىسىگىچە سېستىمىلىق،ئەتراپلىق قىلىپ شوپۇرلارغا جانلىق ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىۋىدى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل يېتەكلىشى ۋە كۈيۈنۈپ تەربىيلىشى ئاستىدا ئەخەتنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالغان قاتماللىقلار شامالدا ئۇچقان توزغاقتەك قاياقلارغىدۇر غايب بولۇپ،كۆڭۈل دۇنياسى يورۇقلۇققا چىققاندەك بولدى ۋە ئۆزىنىڭ بالدۇرراق كېلىپ تەربىيلەنمىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىپ قالدى،چۈنكى ئۇ ئىلگىرى نە قاتناش قائىدىسى،نە تىراكتۇرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ياكى تىراكتۇرنى تېخنىكىلىق ئاسراشقىچە ھىچقانداق ئۇقۇمغا ئىگە ئەمەس بولۇپ،باشقىلاردىن ئۆگىنىۋالغان ئۇسۇلى بويىچە قارغۇلارچە تىراكتۇر ھەيدەپ كېلىۋاتقان ئىدى.ئۇ ئىلگىرىكى ئاڭسىزلارچە قىلغان خىياللىرىدىن ئۆزىچە نۇمۇس قىلىپ، ھىمىتتىن بىھۇدە ئاغرىنىپ يۈرگىنىگە ئۆكۈندى.
مەنبە:«شىنجاڭ يېزىلىرىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ژورنىلى»2002-يىللىق 6-سان
|