![]() ئاپتورى:ئەركىنجان ئەمەت
(ھېكايە)
كۈن چىققىلى خېلى بولغان ۋاقىت. ھاۋا ئەتىگەندىلا ئىسسىشقا باشلىغان ئىدى. زەپەر ئۇيقۇغا قانمىغان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ، دەلدەڭشىگەن پېتى كوچىغا چىقتى. ئارام ئېلىش كۈنى بولغاچ كوچىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. قولىدىكى ۋېلسىپىتنىڭ رولى ئېغىرلىشىپ بىردەم ئۇيانغا، بىردەم بۇيانغا تارتىپ كېتىۋاتاتتى. ۋېلسىپىتنىڭ رولىدا كونىچە خۇرۇم سومكا ئېسىقلىق ئىدى. سومكىنىڭ بىر تەرىپىگە قىزىل سىر بىلەن يېزىلغان »ئەڭ ئالىي يوليورۇق...« دېگەن خەتنىڭ تۇتۇق ئىزىنى كۆرگىلى بولاتتى.
زەپەر ئانچە ئۇزۇن ماڭماي يول بويىدىلا ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدى. بۇ تۇرقىدا ۋېلسىپىتنى ھەيدەپ بۇ يەردىن ساق ئون ئىككى كىلومېتىر يىراق بولغان چوڭ ئۆيىگە بارالىشى تەس ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا دوختۇرخانىدىكى ئايالىنىڭ تاتىراڭغۇ چىرايى، قېتىپ قالغان كۆز قارىچۇقى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىغا يەنە بىرنەچچە قەدەم ماڭدى. رولى ئوڭ تەرەپكە قايرىلىپ كېتىپ ۋېلسىپىت تۆپىسىگە يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. يۈرەكلىرى قورقۇنچتىن ئېغىپ كەتتى. جايىدا توختاپ ئۆز-ئۆزىگە: »زەپەر، بۇ تۇرقۇڭدا ماڭالمايسەن، يەنە جىق ئەمەس، ئەللىكنى، ياق يۈزنى ئىچسەڭ شەمەردەك يۈرۈپ كېتەلەيسەن« دەپ سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن جان كىرىپ تام ياقىلاپ، ئىچىدە ئادەم يوق بوتكا ئىزلەپ ماڭدى. سەھەردىلا بوتكىلار ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى. قايسىسىغا كىرىشىنى بىلمەي كېتىپ بارسا، بىرى ۋېلسىپىتنىڭ ئارقىسىدىن تارتتى. قارىسا، ئاخشام بىرگە ھاراق ئىچكەن دوستى.
— كەل دوست، كەل، ئاخشام مېنى سەن ئاپىرىپ قويدۇڭمۇ، سېنى مەن ئاپىرىپ قويدۇممۇ؟ نېمە، سەنمۇ ئۆز پېتىڭ قوپۇپسەندە! ياشا، ئۆلمە!
ۋېلسىپىتنى تامغا يۆلىدى. خۇرۇم سومكىنى قوپاللىق بىلەن رولدىن سۇغۇرۇپ ئالدى.
— ئاستا، ھەي، ئاۋۇنىڭ ئىچىدىكى »چاپايوپ«① )① سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن شۇ ناملىق فىلىمنىڭ باش پېرسۇناژى فىلىمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن. بۇ فىلىم 07-يىللاردا جۇڭگودا كۆپ قويۇلغان.( دىققەت قىل، ھېلى مەست كاللاڭنى ئېلىۋەتمىسۇن!
بوتكا ئىچىدىن قىقاس-سۈرەن ئاۋاز كۆتۈرۈلدى. بەزىلەر قاقاقلاپ كۈلدى. ئىچەرمەن دوستلىرىنىڭ تولىسى بار ئىكەن. »ئاپلا، چاتاق چىقتى دېگەن شۇدە!« دەپ پېشانىسىگە بىرنى سالدى. ئەمدى كېتىشكە ئامال يوق ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىردى.
— كېلە، كېلە، خۇدايىم بەرگەن ئوغۇل بالىدە، ئەتىگەندە جۆيلۈپ مېڭىۋاتىسىناۋا... ھا... ھا...
غېجەك لەقىمى بار كامىل ھەممىدىن بەك خۇشامەت قىلىپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدى. ھەممىسى ۋارقىرايتتى:
— يەنە غېجەك، ھە بولە.
— تومۇرنىڭ ئوچۇقىدا يۈزنى قۇيە!
— ئاھا، ئوغۇل بالىدە، ئەركەك، كۆرمىگەن يېرى يوق، شەھەر كۆرگەن ئەركەك...
ماختاش سادالىرى ئىچىدە يۈزنى »ئاتتى«. بىردەمدە يەرلىك كۈچلۈك ھاراق ئۈچەيلىرىنى قىزىتتى، كاللىسى ئېچىلىپ روھى كۆتۈرۈلدى. كاللىسىدىن ھەممە نەرسە ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەندەك سورۇن بىلەن بولدى. ئايالىمۇ ئۇنتۇلدى.
— ئاخشام ئالدىدا قايسىڭ قاچقان بولساڭ بۈگۈن مېھمان قىلىشنى شۇ كۆتۈرە ئالىدۇ.
— يەنە غېجەك قاچتى.
— ياق، مامۇت توڭگۇز قاچتى.
— ھەي مەن ئەمەس، ئويلاپ بېقىڭلار، ئاخشام ھېكايە ئېيتىشقان، راست ئالىدا يۇمۇر ئېيتىشتۇق.
— راست. يۇمۇر، ئاجايىپ قىزىق يۇمۇردىن بىرنى ئاڭلىغان. تولا كۈلۈپ مەستلىكتىن يېشىلىپ كەتكىلى تاسلا قالغان.
— نېمە يۇمۇر ئىدى. كىم ئېيتقان، دەپ باقامسىلەر؟
ھەممىسى بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى.
— بولدى، گېپىمنى بۆلمە، ھېكايە ئېيتىشقان. ئاندىن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى قىزىق ئىشلارنى سۆزلىدۇق. ھە، راست ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. بىزنىڭ ئارىمىزدا كىم »بو خاڭپەي«① ئىدى؟ )①② مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئىككى گۇرۇھنىڭ نامى.( قاچقىنى شۇ! قالغانلىرىمىز »پوخاڭپەي«② چىقىپ قالغان!
ھەممەيلەن بارىكاللا ئېيتىشىپ چاۋاك چېلىشتى.
— ياق، خاتالاشتىڭلار، مەنغۇ شۇ »بو خاڭپەي«، يەنە ئىنقىلاب بولسا يەنە شۇنداق بولىمەن. ئەمما بىراق، ئەقىللىق يولداشلار، خەلقنىڭ ھاراق بوتكىلىرى بولمىسا خەلقنىڭ ھېچنەرسىسى بولمايدۇ.
— نۆل، نۆل يەتتە، مەن رامبو ئاڭلىدىڭمۇ، بۇ يەردە يالغان گەپ بەك ئاۋۇپ كەتتى. سارايىۋوغا دۈشمەن تانكىلىرى كىردى. كۆۋرۈكنىڭ ئەگمىسى نېمىگە ئوخشايدۇ؟
— قوڭغا، مانىڭغا، ئانىڭغا...
— ھە، دەل توغرا، خۇلاسە كالام، ئاخشام كىم »خوتۇنۇم دوختۇرخانىدا تۇغۇتلۇق ئىدى« دېدى، دەل شۇ!
— ياق، ياق! ئاخشام پۇلنى كىم تۆلىدى؟ مانا مەن شۇ ئاكاڭ قارىغاي، ھە، قايسىڭ تۆلىدىڭ؟!
— شۇنداقمۇ دەيلى، ئەمىسە خوتۇنىدىن قورققانلار مېھمان قىلسۇن، قانداق؟
— توغرا، توغرا دەيدۇ. سەن مېھمان قىلىسەن. خوتۇنۇڭ نېمىشقا تۇغۇتلۇق بولىدىكەن. بۇ سورۇننىمۇ دەل ئۆزۈڭ داۋاملاشتۇر، كىم سېنى خوتۇنىنى دوختۇرغا كۆرسەتسۇن دەپتۇ.
يەنە ئالقىش ياڭرىدى. تىزلىرىغا ئۇرۇپ، يەرنى تەكشى ئاۋازدا تەپتى.
— ھېساب، ئوغۇل بالىچىلىق، جىڭ گەپنى قىلسام مېنىڭ جىددىي ئىشىم بار. ھەر قايسىڭ قانچىلىك ئىچىشسەڭ ماڭا ھېساب! مەن كەتمىسەم بولمايدۇ.
— ئەمىسە يەنە يۈزنى ئىچىپ نەگە بارساڭ بار. قانداق دېدىم؟
— راست دەيدۇ. ياق ئىككى يۈزنى ئىچسۇن، بولمىسا كەتمەي ئولتۇرسۇن.
نېسى گېپىنى ئاڭلاپ، قېرى دۇكاندارنىڭ قاپاقلىرى چۈشۈپ كەتتى. ئەسلىدىكى قورۇقلىرى ھەسسىلەپ ئاشتى. كۈپتىن يۈز گراملىق كۇرۇشكىدا تىترەپ تۇرۇپ نۆۋەت بىلەن قۇيۇشقا باشلىدى.
— خوشە، چاپايوپ، ھۇررا!
— ھۇررا چاپايوپ، ھۇرررا!
بوتكا ئىچى لەرزىگە كەلدى. زەپەر يەنە ئىككى يۈزنى ئىچتى.
— ھايات گىتلېر، مەن ئىشىمنى تۈگىتىپ كەلگۈچە خەير-خوش دوستلار.
ئۇ بىر چاس بېرىۋېتىپ تالاغا چىقتى. خېلى دەرمانغا كېلىۋالغان ئىدى. ۋېلسىپىتنىڭ دىيىگىنى تاققىدە تەپتى ھەم پۇتىنىمۇ چەبدەسلىك بىلەن ئارتىلدۇردى. كىچىك بىر ئېرىقتىن سەكرىتىپ ئۆتتى. ئۇتتۇر تاغ تەرەپتىكى يولغا قايرىلغاندا يەنە بىر يېقىن دوستى ئۇچرىدى. ئۇ تام ياقىلاپ بېشى ساڭگىلىغان ھالدا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. »ئاپلا« دەپ توختىدى. كۆرۈشكەندىن كېيىن دوستى قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئەپ قاچتى.
— ھەي تورۇزا، نېمە بولدۇڭ؟ خوتۇنۇڭ يەنە خاپا قىلدىما، قىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قويۇۋەتسەڭلا بولمىدىمۇ؟
— نېمە جاھان بۇ ھەي! قۇرۇپ كەتسۇن!
— ھەي چاپايوپ! ئاپلا، بىزنىڭ چاپايوپ، مېنىڭ چاپايوپۇم.
ئۇ ۋېلسىپىتنى دەرھال كەينىگە بۇرىدى.
— زەپەر نېمە بولدۇڭ، بىردىن ئۆڭ-سۈلۈڭ يوق بولۇپ كەتتىغۇ؟
— مۇشۇ يەردە بىردەم ساقلا، ئاندىن دەپ بېرىمەن.
ئايروپىلاندا باردىمۇ ياكى ۋېلسىپىتتىمۇ بىردەمدە باردى. كىرىشىگىلا ئۈلپەتلىرى قايتىدىن تۇرۇپ كۆرۈشتى. قارىسا سومكا جايىدا، قولىغا ئېلىپلا يۈرىكى سەل ئورنىغا چۈشتى. لېكىن باشقىلار سومكىغا ئېسىلدى.
— سەن كەتكىلى بىر كۈن بولدى. نەگە بارىسەن؟
— ياق يېرىم كۈن بولدى. خۇدالىق ئالەم، يالغان سۆزلىمەيلى، رىزقىمىز كەم بولىدۇ.
— ھەي، قانجۇق خۇمسىلار، مەن ماڭغىلى بىر سائەت بولدى. ياق، بولمىدى.
— رۇخسەت يوق. ئۆرۈۋەتكەن تامنى تۆلەڭ، چىچىۋەتكەن پوقنى تۆلەڭ...① )① 07-يىللاردا جۇڭگودا كۆپ قويۇلغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش تېمىسىدىكى بىر ئالبانىيە فىلىمنىڭ مۇزىكىسىغا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئوقۇۋالغان قوشاق.(
— ھەي، ئىتنىڭ بالىلىرى! ياق، نېمە دېسەم بولار. بۇ سومكىدىكى كىم، بىلەمسىلەر؟ بۇ دېگەن چاپايوپ!
— نېمە، ھا، ھا، يەنە جۆيلۈشكە باشلىدى. قۇيە يۈزنى!
سورۇن يەنە قىزغىنلىشىپ كەيپىيات ئۆرلىدى. زەپەر ئورۇندۇقتىن بىرنى تارتىپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇردى. سومكىنى تىزىغا قويۇپ چىشى چۈشۈپ كەتكەن سىيرىتمىنى تەستە ئاچتى.
— قاتار بولۇش، بىردىن، بىردىن كۆرۈشىسىلەر.
ئۇلار بىر-بىرىدىن كېلىپ ئاق يۆگەك ئىچىدىكى بالىنى كۆردى. بالىنىڭ رەڭگى ئاپتاپتەك نۇر چېچىپ تۇراتتى. ھەممىسى شۈكلەپ جايىدا ئولتۇردى. زەپەر سومكىسىنىڭ ئاغزىنى ئەتتى. »ئامىن« يەنە غېجەك ئاۋازىنى تىترىتىپ توۋلىدى. ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈردى.
زەپەر سومكىنى كۆتۈرۈپ تالاغا ماڭدى. دۇكان ئىچىدە بىرى گۈلدۈرمامىدەك بوڭ ئاۋازدا قىرائەتنى باشلىۋەتتى. سومكىنى ۋېلسىپىت ئالدىغا ئاستى-دە، بىر ئىرغىپ مىنىپ يۈرۈپ كەتتى.
دوقمۇشتىن قايرىلىپ خېلى ئۇزۇن ماڭغاندا دوستى ئۇچرىدى. بۇ كۈن خېلى قىزىغان ۋاقىت ئىدى. ئۇ يول بويىدىكى پاكار سېدىنىڭ تېگىدە چاتىرىقىغا بېشىنى تىقىپ ئولتۇراتتى.
— قوپە ئاداش، يۈزنى ئىچىلى.
يېقىنلا يەردە بىر قاۋاق بار ئىدى. ئۇتتۇر شۇ يەرگە كىردى. قاۋاق ئىچى ئازادە ئىكەن.
— مەن ئەتىگەندىن بېرى جىق ئىچىۋەتتىم. سەن نېمە ئىچىسەن؟ ئاق ئىچەمسەن، پىۋىمۇ؟
— بولدىلا، زەھەرنى زەھەر ئالىدۇ، ئاقلا ئىچەي.
— ھە، ئەمدى دېگىنە، نېمە بولدۇڭ؟
— نېمە بولاي، شۇ خوتۇن خەق دېگەننى، خەپ! بۇرۇنقى پەيلىم بولسا تېرىسىنى تەتۈر سويغان بولاتتىم! شۇ بالىنىڭ يۈزى. ئەي خۇدا، كۆزۈڭ كۆرمەمدىغاندۇ! خەپ، خەپ!
— سەن يەنە بىرنى كۆتۈرۈۋېتە، مەن بىلەن تەڭلىشىشكە خېلى بار. خوشە چاپايوپ!
— خوش، خوشە چاپايوپ!
— ئاجايىپ چاغلار ئىكەن، كۇلىغا چۇەنليەنگە① )① قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ئالاقە باغلاش پائالىيىتى.( كىرگەندە ئاي ھاي، قالتىس چاغلار ئىكەن. سەن تەمبۇر چالساڭ كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ تۆپىدە ئولتۇرۇۋېلىپ ئاڭلىغان، ئېسىڭدىمۇ، خەققە پۇت تىققۇدەك ئورۇن يوق. بىر ئېسىل ياتاق، ئاھا، نوچى ھاراق.
— ئۇ گەپنى دېسەڭ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يىغلايمەن. كەينىمىزگە كىرىۋالغان ھەر مىللەتتىن نى-نى قىز بالىلار... ھەي مانا بۈگۈنگە كەلگەندە بىر تېجىمەل قانجۇقنىڭ قولىدا خارلىنىۋاتىمەن.
— ئۇغۇ شۇ، نى ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدىكەن. تيەنئەنمېن مەيدانىدا ماۋجۇشىنى كۆرىمىز دەپ ئادەم قاينىمى ئىچىدە چۈشۈرۈپ قويغان كەشىمىزنى ئىزلىگىنىمىز يادىڭدىمۇ؟ دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئاياغ بىر كامىنانىڭ خامىنىدەك كېلەتتى.
زەپەر دوستى بىلەن تاغدىن-باغدىن پاراڭ قىلىپ بىر چاغدا سائىتىگە قاراپ چۈش بولغانلىقىنى بىلدى. »ئاپلا، پۇراپ قالمىغىدى« دېگەن خىيال كاللىسىغا كېلىپ رەڭگى يەنە ئۆڭدى. ئورنىدىن دەس تۇرۇپ تالاغا ماڭدى.
— قارا، مەن چاپايوپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ھازىر قېرىۋاينىڭ② ② دادىسىنى دېمەكچى.( قېشىغا ئېلىپ چىقمىسام بولمايدۇ. سەن چاپايوپ، بىردەم ئىچكەچ ئولتۇر، مەن چاپايوپنى يەرلىككە قويۇۋېتىپ يېنىپ كېلىمەن. ھايت گىتلېر!
چاس بەردى. سومكىنى ئېلىپ ۋېلسىپىتكە ئاستى، تاغ باغرى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. دوستى ئۆزى بىلەن ئۆزى »خەپ، بىر كۈن كېلەر خەپ« دەپ غۇدۇراپ قالدى.
تاغ باغرىغا يېقىنلاشقانسېرى يول تىكلىشەتتى. تومۇزنىڭ تازا كۈچەيگەن پەيتىدە شۇ يېشىدا بۇ سەپەرنى داۋام قىلىش ئۇنىڭغا خېلى ئېغىر كەلدى. چىپىلداپ تەرلىدى. ئىچىدە »چىپىلداپ تەرلەپ تاپقاندىن كېيىن چىپىلداپ تەرلەپ قويسام نېمە بوپتۇ. ھېچ بولمىغاندا ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن تەر چىقىپ كېتىدۇ« دەپ خىيال بىلەن ماڭدى.
تاغنىڭ بىر تەرىپى دەريا بولۇپ، دەريا بويىدىكى يول تاغنى كېسىپ ئۆتەتتى. دەريادا ھازىر سۇ يوق )تاشقىن مەزگىلدىلا سۇ بولاتتى( تاغنىڭ ئارقىسىلا ئۇلارنىڭ يۇرتى. ئۇ يەر تاغنىڭ بۇ تەرىپىدەك ئىسسىق ئەمەس ئىدى. ئۇنى ئويلاپ بالدۇرراق سۆگەت سايىسى، مۇزدەك بۇلاق سۈيىگە ئۇلىشىشقا ئالدىرىدى. ئالدىدا يەنە بىر داۋان بار ئىدى. مېڭىپ چىقتى. دۆڭگە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى پەسكە قويۇۋەتتى. تازا چۈش ۋاقتى بولغاچقا بۇ يوللاردا ئادەممۇ يوق دېيەرلىك ئىدى.
ئاخىرى مىڭ تەستە سايىغىمۇ ئۇلاشتى. پەستە بىر كۆز بۇلاق بار ئىدى. يۇقىرىدىن كەلگەن سۇ بۇلاق سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ شەھەر تەرەپكە دەريانىڭ قېشىدىكى ئېرىق بىلەن ئاقاتتى. سومكىنى سۆگەتنىڭ پۇتىقىغا ئىلىپ قويدى. ئاندىن سىيرتمىسىنى ئېچىپ پۇراپ باقتى. بۇرنىغا بىرنەرسە پۇرىغاندەك قىلدى. يەنە ئىشىنەلمىدى. يەنە پۇرىدى. يۈرىكى يەنە قالايمىقان سېلىپ رەڭگى تاتاردى. يېنىدىن پىچىقىنى ئېلىپ بىر تۇتام پىچان ئورۇپ سومكا ئىچىگە سالدى. بوۋاقنىڭ يۈزىنى نېپىز ياپتى. بالىنىڭ يۈزىگە تۇيۇقسىز سۆيگۈسى كېلىپ كەتتى. »بىر يۇيۇنۇپ چىقىپ ئاندىن سۆيەي« دەپ كىيىملىرىنى سېلىپ بۇلاقنىڭ ئايىغىغا چۈشتى. سۇ ئاران تىزىغا كېلەتتى.
موزدەك سۇغا ئۆزىنى ئاتتى. مېڭە تومۇرلىرى چاراسلاپ كەتتى. ئارقىدىن شۇنداق خۇشياقتى. چىقىپ كىيىملىرىنى كىيىپ ھاردۇق يېتىپ، بىردەم يانپاشلىۋېلىپ ئاندىن ماڭماقچى بولدى. نېمە بولدى، ھاراقنىڭ تەسىرىدىنمۇ كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى ھەم چۈشىدە ئۆستەڭ بويىدا بىر چەۋەنداز ئۇزۇن قىلىچى بىلەن ئۇنى نوقۇپ ئويغاتماقچى بولۇۋاتقۇدەك، ئۆزى ئۇنى چاپايوپ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغۇدەك، لېكىن ئۇ يۆگىمەچ بۇرۇت چەۋەنداز »ھەي چاپايوپ، قوپ!« دېگۈدەك.
زەپەر چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. قارىسا دەرەخنىڭ كۆتىكى كاسىسىغا سانچىلىپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ھەم سائىتىگە قاراپ ئانچە ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلدى. سۆگەت پۇتىقىدىن سومكىنى ئېلىپ، پىچاننى قايرىپ بىر سۆيدى. قېنىپ بىر پۇرىۋالدى. »نېمە پۇراق بولسىمۇ مەيلى، قۇسۇقتىنمۇ سېسىق پۇرىماس« دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەردى. ئۇ سۆگەت، توغراقلار ئارىلاش ئۆسكەن ئۆستەڭ بويىدىكى يولدا بىر خىل سۈرئەت بىلەن ماڭدى. ئۆيىگە يېقىنلاشقانسېرى ھاراق يەنە قايتىدىن تۇتۇشقا باشلىدى. يامان يېرى، مەيلى بۇ چۆڭ ئۆيگە ياكى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كەلسۇن، ساق يۈرگەن ئادەم ئۆيگە كېلىپلا مەست بولۇپ قالاتتى. ئۇنداق قىلمىسا بولاتتى، ئاپلا دەپ قالدى. پۇتلىرىدىكى بايىقى دەرمان يوقىلىپ، مەھەللىگە كەلگەندە ئىرغاڭلاپ مېڭىشقا باشلىدى.
ئىشىك ئالدىدا يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. ئىشىكنى تېپىپ ئاچتى. سومكىنى ئېلىپ ۋېلسىپىتنى بىر تېپىپلا ئېرىققا كىرگۈزۈۋەتتى. سومكىنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىردى. كۆڭلى بۇزۇلۇپ توۋلىدى.
— ئاللا، چايايوپ كەلدى ئانام، ئاللا نەۋرەڭ كەلدى ئانام، ئاپتىپىم ئۆچتىمۇ دادام...
ئۆي ئىچىدىن چۇرقىرىشىپ ئانىسى، ئاندىن دادىسى يەنە باشقا تۇغقانلىرى ھويلىغا چىقتى. ئانىسى سومكائىچىدىن يۆگەكنى ئالدى. بالىنى باغرىغا تېڭىپ بىر قولىدا زەپەرگە ئېسىلىپ ھازا ئاچتى. بىردەمدە قولۇم-قوشنىلار يىغىلدى. تومۇزنىڭ پېشىن ۋاقتى، جىمجىت يېزىنىڭ تىنچلىقىنى يىغا ئاۋازى بۇزدى. لېكىن زەپەرنى ناھايىتى قاتتىق بىر ئۇيقۇ قىستاۋاتاتتى. پۇتلىرى ئاران تۇراتتى. ئانىسى ئۇنىڭ مەستلىكىنى ئاللىبۇرۇن بىلگەن ئىدى. قوشاققا ئۇنىمۇ قېتىشقا باشلىدى.
— ئىچمىسەڭ بولمامدۇ بالام، شۇ نىجىسنى نېمىشقا ئىچىدىغانسەن بالام.
ئانىسى بالىنى دادىسىغا بەردى. دادىسى قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى.
— ھۇ ئېشەك سۈيدۈكى ئىچكەن كاپىر. بالىنى ۋاقتىدا ئەكەلمەي پۇرىتىپ قويغىنىنى! بولۇش، يۇيۇپ تاراپ پېشىندىن كېيىن يەرلىككە قويىمىز.
ھەممە ئۆزىگە لايىق ئىشلارنى قىلىشقا تۇتۇندى. ئانا ئوغلىنىڭ ھالىنى بىلگەچ ناماز چۈشۈرگەندە چېنىپ قالمىسۇن دەپ سوغۇق ساراي ئۆيگە باشلاپ كىرىپ كەتتى.
زەپەرنىڭ يېنى يەرگە تەگدى-دە، ئۇخلاپ كەتتى. قولۇم-قوشنا، جامائەت يىغىلىپ ئۇنى ساقلاپ ئويغىتالمىدى.
— ئاۋۇ توڭگۇزدىن سوراپ باق، بالىغا ئىسىم قويغانمۇ؟
ئانا كىرىپ مىڭ تەستە ئۇنىڭغا گەپنى ئۇقتۇردى.
— ئۇ، بالام چاپايوپ، ئىسمى چاپايوپ، — دېدى.
ئانا چىقىپ دېدى.
— تۈزۈكرەك سورا، ئاۋۇ مەست كاللىدىن!
يەنە مىڭ تەستە سورىدى. يەنە شۇ گەپ. چىقىپ بىر بولۇڭدا تۇرۇپ ئېرىگە شۇ گەپنى دېدى.
— سەپراس، بالىنىڭ ئىسمى مۇھەممەت چاپايوپ. قالۇ ئىننالىللاھى ۋە ئىننائىلەيھى راجىئون.
ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن جەمەتنىڭ شام گۆرىنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىندى.
زەپەر شۇ ئۇخلىغانچە ئەتىسى ئويغاندى. بىر كېچە قارا بېسىپ چىقتى. چۈشىدە ئۆستەڭ بويىدا بىر بوۋاق ئۇزۇن قىلىچ تۇتۇپ، ئۇنى سۈرۈپ يۈرگۈدەك...
|

