![]() ئوسمانجان ساۋۇت تەرجىمىسى
ئاھاڭدار بۇ ئۆمرۈم شەپەقتەك قىسقا
ئاھاڭدار بۇ ئۆمرۈم شەپەقتەك قىسقا،
قاغجىراق ئاھاڭدىن قاچار نەزملەر.
تىرناقتىن كىر ئىزدەر كېيىنكى ئەۋلاد،
نامىمنىڭ قۇشلىقىن ئۇنتار بەزىلەر.
بەت كەينى شەرھتە ياشارمىز بىزلەر،
نە قىلسۇن، ئاھ مۇرا، مەندىكى ھايات...
كىملەرگە ھال ئېيتاي، ئۈنۈم ئىچىمدە،
تەڭرىگە ئالىلىق قىلمايلى ھەيھات!
ئەلۋان خىل دېرىزە پەردىسىن تېشىپ،
دولقۇندەك مالايىك بولىدۇ ئايان.
يۇلتۇزلار شارابى ۋە ئابىھايات،
لىپمۇلىپ قۇيۇلغان كۈندۈز ۋە تۈنگە،
ئاجايىپ چىندۇر بۇ بىر جۈپ جانان!
سۆزلەشكە بولمايدۇ، تىن تارتما، دەرھال
ئۇنتارمەن تاتارغان شەپەق نۇرىنى.
ساقىندا شولامنى قىزچاققا بەرسەم،
تۇنجى بوپ ئۇنتۇيدۇ ئۇ چوقۇم مېنى.
ۋە لېكىن، ئەي مۇرا، بەختىم بار مېنىڭ،
مۇلايىم، ئوماقسەن چەكمەيمەن دەردلەر.
باقمايسەن ناخشىنىڭ چىگىشلىكىگە،
سەن دەيسەن ئۇلارنى ئارتۇقچە گەپلەر.
يۇرتۇمغا
پىكىرلەش، چېكىشكە كېچە بار تەييار،
مۇڭدىشاي سەن بىلەن تۈتۈندە دىلدار.
خوپ!... چاشقانلار يۈگۈرەيدۇ، سانسىز غىپ-غىپلار،
كۆزنەكتە كۆپ يۇلتۇز، كۆپ تورۇس-شىپلار.
باغرىمدا بىر سۆڭەك سىلايمەن دايىم،
بۇ سېنىڭ سۆڭىكىڭ، يۇرتۇم، پاناھىم.
كۆكسۈمدە ساقلانغان ھاۋا-ئاسمانىڭ،
بىر ساڭا خاسلانغان نەزمەم، داستانىم.
كۆكۈمتۇل كېچىلەر قىپقىزىل ئالىقان،
ئايەمدە② )② تىرىلىش ئايىمى.( چىراغقا ئىدىم پاسىبان.
سېغىنىش ئىلكىدە ھامان جۈپ تاپان،
بۇرنۇمغا پۇرايدۇ لويلىزار ياۋان.
سېنىڭلا سايەڭدۇر پۈتكۈل تەن-جىسمىم،
نېۋانىڭ ئاسمىنى يۈرىكىم، قەلبىم.
تۈتۈنلەر شورايمەن، ياتىمەن، بىدار،
كۈز يۇمسام پۇرايدۇ سەندىكى باھار.
ئۆيلەرنىڭ سىڭىرى، ئۇنتۇلماس ئېۋەن،
بىپايان تۈزلەڭلەر، مەخمەلدەك چىمەن.
ئىزنەك
ھېلىلا ئايرىلىپ ۋەتەن يېرىدىن،
ئاھ ئۇردى گىرىمسەن، ھەسرەتلىك دۇربۇن.
ئۇ كۆردى: بۇلۇتتا يۇلتۇزلار جۇغ-جەم،
ئالغانتى گوياكى نەيزىدەك جۈسۈن.
ئانت ئىچتىم قەدىرلەي سېغىنىشنى دەپ،
ھەر قېتىم كەچمىشنى ئويلىغاندا بەك.
قاراخاك ئۈستىدە چاقنىغان نەيزە،
سەرگەردان ئۆمرۈمگە بولدى. بىر ئىزنەك.
چۈش
دەيدىپ يۈردۈم، قوندۇم ياقا-يۇرتلاردا،
سەپەردىكى ھەمراھلارغا زەن سالدىم ئۇزاق.
مەن ئۇلارغا باقتىم تازا بېشارەت ئىزدەپ،
مەن ئۇلارنىڭ ھال-مۇڭىغا تەڭلىدىم قۇلاق.
قايسى بىرى ئۆز يۇرتىغا قايتالايدۇ دەپ،
قايسى بىرى بۇ بەختكە نېسىپ بولماس دەپ.
دېدىم قايسى يات يەرلەردە چىشلەركىن تۇپراق؟
ئوڭ چىققاي ھۆكمۈم، بىلەي قىسمەتنى،
قايتقىلى بولىدۇ پەقەت چۈشتىلا.
چۈش دېگەن ھېچ ئىشقا بولالمايدۇ دال،
نېمىشقا يوشۇراي، مېنىڭدە شۇ ھال.
ھەر قېتىم مەن كۆرگەن شېرىن چۈشلەردە،
ۋوگزالدىن ئۆيۈمگە كېلىمەن دەرھال.
ئولتۇرماي تۇرىمەن، ھەيدەيمەن ھارۋۇ،
تۇتاشتۇر كۆكلەمنىڭ كاتاڭ يوللىرى.
تۆت چاقلىق ھارۋىمىز چاپىدۇ تىنماي،
تونۇشتۇر ئۆز يۇرتىنىڭ ئوڭۇ سوللىرى.
سۇۋارى ئاق كەيدىم رومالىڭسىمان،
دىلدا سىر، تىلىمدا دۇرۇت قۇرلىرى.
ئاھ تەڭرىم، مەن دەيمەن بولغاي بېشارەت،
كىم قايتار ۋەتەنگە، قايتالماس كىملەر؟
يات ئۆلكە يېرىدە كىم چىشلەر تۇپراق؟
تۇغۇلغان يېرىدە قايتالماس كىملەر؟
بىلگەيمىز، ئۆتمەكتە ئۆمۈر لاي سۇدەك،
قايتىشتا يولىنى تاپالماس كىملەر؟
ئەقىدە ئىلكىدە، دىللار ئىنتىزار،
ئۆزۈممۇ ھېمىشە غەم بىلەن بىللە.
پەقەت چۈش تەسەللى بېرەر كۆڭۈلگە،
پىرى، رۇس شەھىرى، رۇس سەھرالىرى،
بۇ پۈتكۈل رۇسىيە ئايلاندى چۈشكە،
ھېسابسىز چۈش ئىرۇر سەرسانە ھايات،
ياقا-يۇرت، يات يەردە، ئۇزاق تۈنلەردە.
ۋەتەن
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا دەپ كەلدۇق رۇسىيىنى بىز،
ماڭلايغا پۈتۈلگەن ئۆچمەس بەختىمىز.
كۆرمىدۇق ئۇنىڭدەك گۈزەل زېمىنىنى،
بولسىمۇ كۆپ... بىلەن باردى-كەلدىمىز.
يولىمىز قەيەرگە چۈشمىسۇن مەيلى،
خىيالەن قايتىمىز رۇسىيە سايان.
ھەيدىلىش نەشتىرىڭ قەيەردە سېنىڭ
يات ئۆلكە سېھرىڭدە بارمۇ يوق پايان؟
بىز پىششىق بىلىمىز بۇنداق تىلەكنى،
دۇرۇتى ئاراملىق دىللارغا تۈندە.
بىلىمىز رۇستىكى مۇزانى پارلاق،
تاپ بەرمەس بىز بىلەن ھامان بىر ئۈندە.
دالىدا ئورماندىن چىققان شاۋقۇنغا
بىز دەيمىز چىن دىلدىن ساڭا »ھەشقاللا!«
سادالار قوزغاتقان ھىجران ھەسرىتى،
ئورمانچۈن يېزىلغان ھەر بىر ناخشىغا.
يات يەرگە تۇيۇقسىز ئۇل باسقان ياتاق؛
كەزمىنىڭ چۈشلىرى تىنچ، بورىيا.
ئەتراپنى كېزىدۇ تىنىم تاپماس رۇس!
شامالدەك، دېڭىزدەك، پىنھاندەك گويا.
رۇسىيىگە!
مىجەزى كەسكىن بىر تاغ-دەريا شۇناس،
ئالىقىنىم ئۈستىدە يۈرگۈزدى تەسۋىر.
— بۇ يول-يول سىزىقلار تۇتاشقان ساڭا،
دەريالار، ئېقىنلار تومۇرۇڭ بىر-بىر.
ئەمادەك پاك سۇدا يۇيۇپ قولۇمنى،
تۇتتۇممەن زېمىنىدە جىمى شەيئىنى.
مەن ساڭا سۆيەندىم ئانا ۋەتىنىم،
سېنىڭدە سەزگەنمەن چەكسىز بەختىمنى.
ناۋادا راست بولسا، ئىككى كۈن بۇرۇن
چۈشۈمدە بېشارەت... كۆرسەتتى سېنى.
يېقىندا، ھەسرەتلەر يوقالغان پەيتتە،
باشقا بىر دۆلەتتىن تېپپاپسەن مېنى.
مەكتەپنىڭ قىيشايغان پارتىسىدىكى
خەرىتە سىڭارى يايىسەن قانات.
ئەمدىلا تۇتقاندا يۇرتۇم يېرىنى
ياتتىم مەن يېنىڭغا ئاستالا، ھەيھات!
لەرزانە شاۋقۇن
دېمەك بۇ، ساھىلدا كىچىك بىر شەھەر؛
بۇلۇتلار دەۋرىگەن مەزگىلدە ئاخشام.
ھەسرەتلىك ئەلپازدا ئاچتىڭ روجەكنى،
لەرزانە بىر شاۋقۇن قۇيۇلدى راۋان.
قۇلاق سەپ، تىڭشىدىڭ ئىدىتلاپ، دىتلاپ،
دېڭىزدا شاۋقۇن بار، چۈشەر زېمىننى.
تۈندىكى دېڭىزغا دىققەت قىلىسەن،
ھەسسىلەپ قەدىرلەي شەيدا كۆڭۈلنى.
كۈنبويى ئاڭلانماس دولقۇن ئاۋازى،
كۈندۈزلەر كېلىپلا كەتكىلى نېكەم.
ئەينەكتە شارابسىز قۇرۇق قەدەھتەك،
جىرىڭلاپ-جىرىڭلاپ ياڭرىدى بىر دەم.
چىملىقتا ئۇيقۇسىز تۇر يەنە بىر رەت،
ھېيىقماي ئېچىۋەت دېرىزەڭنى سەن.
بولىدۇ جور بولساڭ دېڭىزغا تەنھا،
بۇ دۇنيا بىپايان، تىنچ، دىلپىسەن.
جىمجىت تۈن قوينىدا شاۋقۇن ئاڭلانماس،
باشقا بىر ئاۋازنى ئاڭلايدۇ قەلبىم.
ئۇ ۋەتەن ئاۋازى لەرزان ئاۋاز،
ئۇندىكى قوزغىلىش، ھەرىكەتتىكى تىن.
شاۋقۇندا تەلەپيۈز ئەلۋان خىل بەرھەق،
شۇنچىلىك سۆيۈملۈك، ئۈچەر لېكىن پات.
پۇشكىننىڭ سەترىنى يادلار بەزىلەر،
ئۇنتۇلماس ئورمانلار ئېيتار مۇناجات.
بار ئۇندا تەسەللى، بار ئۇندا شادلىق،
قوغلانغان بىزلەرنى چوڭقۇر يارلىقاش؛
كۈندۈزى ئاڭلانماس بۇ ئۈنلەر لېكىن،
شاۋقۇنلۇق كۈندۈزلەر ھامان ئالدىراش.
تۈن نىسپى بولغاندا، تىمتاس پەيتلەردە،
ئۇيقۇسىز قۇلاقلار تىكىلەر ئۇزاق.
ئاڭلايدۇ ۋەتەننىڭ تىۋىشلىرىنى،
ئاڭلايدۇ مەڭگۈ ياخشى قەلبىنى پۇراپ.
قارىچۇق
قويۇقلاپ-قويۇقلاپ بىر كەمسە ئاخىر
ئايلاندى تەڭداشسىز يوغان قارىچۇققا.
يۈزلەر يوق، ماڭلاي يوق، قاش ۋە قاپاق يوق،
يېرىم تەن يوق يەنە، كىردى بۇ يوققا.
پەرۋاسىز قارايدۇ ئالەمگە ھامان،
تامامەن ئوخشىماس شۇ كۈلگەك يۈزگە،
كۈلكىلەر ئوخچۇيدۇ كۆككە ئۇمماندىن،
يالقۇن بوپ، نۇر بولۇپ، چاقنىشىپ كۆزگە.
بۇ قارىچۇق ئالدىدا تاغ يوق، دەريا يوق،
يوق يارقىن ۋە سۈزۈك بۇغازۇ كۆرپەز.
يوق كۆكتە-بۇلۇتتا ئۈنسىز ئاپپارات،
يوق ئېكىن، ئۈزۈملۈك، يوقتۇر يوق ھەركەز.
ئەلۋەتتە ئۇ كۆرمەس بۇلۇڭ-پۇچقاقنى
ئۇ كۆرمەس خەقلەرنىڭ يۈزى قوغۇشۇن.
تىمتاسلىق ئىچىدە ئايلىنار، چارلار
كۆرمەيدۇ ھەممىنى مەيلى كىم بولسۇن؟
مەڭگۈلۈك ۋە شەيئى يوقاتتى پاسىل،
بەلكىم بۇ ئالەمدە مېغىز ۋە ئۆرۈك.
ھېچقانداق بىر ئىشقا كەتمەس چوڭ ھەرپ،
ئىلاھىي قارىچۇققا كۆرمەك نە كېرەك؟
مەن ئەسكى ئىش قىلدىم...
مەن ئەسكى ئىش قىلدىم، ئېغىر گۇناھىم،
مەن تۇغما بۇزۇقمۇ يا بىر مۇتتەھەم؟
مەن ئاشۇ بايقۇشچۈن بولدۇم ئەسەبىي
ۋە قىلدىم ھېيىقماي ئالەمنى مالەم.
ئۇھھۇي، مەن بىلىمەن، خەق قورقار مەندىن،
سېھىرگەر دەپ ماڭا قىلار خۇشامەت.
مەستانە بولۇشتى، يوق ئەمدى داۋا،
ھۈنىرىم تۈپەيلى ئۆلۈشەر پەقەت.
نەقەدەر كۈلكىلىك، بابلار سوڭىدا،
يىلتىز ۋە دەۋرانغا كەلدى ئىش خىلاپ.
مەن ئۆزۈم نەقىشلەپ ئويغان مەرمەردە
ئورۇسنىڭ دەرىخى تۇرار ئىرغاڭلاپ.
بېشىم قار شولىسى...
قارىغاي، شەمشادقا يۈزمۇ يۈز تۇرغان
بېشىم قار شولىسى چاقنىغان چوققا.
مېنىڭچە، ھاياتنىڭ ھاقارىتىگە
چىداشمۇ كېرەككەن، چىقارماي يوققا.
دەغەل ۋە تەمسىزدەك كۆرۈنگەن بىلەن
شۈبھىسىز، ياشايمىز غۇرۇردا بىراق.
شۇ يەردە تۈگەنلەي قۇتسىز ئۆمۈرنى،
مەندىكى مەڭگۈلۈك بۇ يەرگە يىراق.
مەن دەھشەت سۆيگەنتىم...
مەن دەھشەت سۆيگەنتىم، بۇندا بىر زامان،
گۇمىلۇپ شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى.
ئەقلىمگە ئۇيۇلغان بەزى مىسرالار،
كۈشەيتتىم مەنالار مېغىزلىرىنى:
»ئۆلىمەن، ياز كۈنى شىپاڭدا ئەمەس،
ئۆلمەيمەن ئىسسىقتىن ياكى غىزادىن.
ئەرشتە تور كىيگەن كېپىنەكسىمان،
ئۆلىمەن چوققىدا ھامان ئىزادىن.
قارلىغاچ...
بىر كۈنى گۇگۇمدا سەن-مەن ئىككىمىز
بىر قەدىم كۆۋرۈكتە تۇرۇشتۇق ئۆرە.
مەن سەندىن سورىدىم، ئاشۇ قارلىغاچ
ئۆلگۈچە تۇرامدۇ چىقماي ئېسىڭدە؟
ئاڭلاپ سەن دېدىڭكى: ئەلۋەتتە شۇنداق،
ئىككىمىز كەتتۇققۇ ئېسەدەپ يىغلاپ.
ھاياتتىن كەتكەندەك يۈرەكنى تىلغاپ...
ئەسلەيمەن ئەتە ھەم جەننەتتىمۇ ھەم
ئەسلەيمەن، ئىشەنگىن تاكى مەڭگۈگە,
شۇ كۈنى، بىر قەدىم كۆۋرۈك تۈۋىدە...
|

