-
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەدىمقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ 5 ئوغلى بار ئىكەن. پادىشاھ ئۆلۈش ئالدىدا مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ:
ــــــ مەن ئۆلگەندىن كېيىن 5 ئوغلۇم دۆلەت زىمىنىنى 5 بۆلەككە بۆلۈشىۋالسا بولىدۇ. ئەمما بۇ 5 بۆلەك دۆلەت زىمىنىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى قالغان 4 بۆلىكى بىلەن ئورتاق چېگرىغا ئىگە بولسۇن، يەنى خالىغان بىر بۆلەك دۆلەت زىمىنىدىكى كىشىلەر ئۈچىنچىسىنىڭ دۆلەت زىمىنىدىن ئۆتمەستىنلا، خالىغان بىر دۆلەت زىمىنىغا بىۋاستە بارالايدىغان بولسۇن.
-
1992-يىلى تارىم ئەپەندى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تولۇق يېشى دەل ئۇنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى تەشكىل قىلغۇچى 4 رەقەمنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولغان. سىز تارىم ئەپەندىنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلغانلىقىنى بىلەلەمسىز؟
سىزنىڭ تاپقان جاۋابىڭىز بەلكىم دەل توغرا كىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ئەڭ ياخشىسى ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىڭ. شۇندىلا زور ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
-
(جۇڭگونىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)
بىر ئايال ئېرىق بويىدا قاچا يۇيۇپ ئولتۇرغاندا، خوشنىسى ئۇنىڭدىن:
ـــــ نىمىشقا شۇنچە كۆپ قاچا ئىشلەتتىلە؟ ـــــ دەپ سوراپتۇ.
ـــــ ئۆيگە نۇرغۇن مېھمان كەلگەن ئىدى، 2 ئادەمگە بىردىن سەي تەخسىسى،، ھەر 3 ئادەمگە بىردىن شورپا قاچىسى، ھەر 4 ئادەمگە بىردىن ئاش قاچىسى كەتتى، شۇڭا جەمئىي 65 دانە قاچا ئىشلىتىلدى، ـــــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى ئايال.
سىز بۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە زادى قانچە مېھمان كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
-