بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ، 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ‹‹ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق نۇسخىسى)››نى ئېلان قىلدى، ئۇ 2011 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدىم.
       ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ