بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • بۇ يىلدىن باشلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقى زورايتىلىدىكەن - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]

    2011/01/11

    بۇ يىلدىن باشلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقى زورايتىلىدىكەن

     

    شىنجاڭ گېزىتى   2011-يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى

    مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ، 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ‹‹ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر(سىناق نۇسخىسى)››نى ئېلان قىلدى، ئۇ 2011 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدىم.
       ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ
     
       مۇخبىر: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش قانداق كۈچەيتىلىدۇ؟
       مەسئۇل كىشى: كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش ئارزۇسى بار ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز تەربىيەلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى بويىچە تەربىيەلەشكە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشكە، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشكە، زاكاز بويىچە تەربىيەلەشكە، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە، تىل جەھەتتىن تەربىيەلەشكە، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
       مۇخبىر: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرگە قىسمەن پاراۋانلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىندىمۇ؟
       مەسئۇل كىشى: جايلار پاراۋانلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىش ئاساسىدا، قىسمەن پاراۋانلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
       مۇخبىر: ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ئورنى يوشۇرۇن كۈچى قانداق قېزىلىپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؟
       مەسئۇل كىشى: ئاساسىي قاتلام مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش سالمىقى زورايتىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە دۆلەت، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيە، يېزا (بازار) دىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى بوش ئىشتات، بوش قالغان ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىش سۈرئىتى تېزلىتىلىدۇ ھەم بوش قالغان خىزمەت ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ، بوش ئورۇنلارنىڭ سانى ئازايتىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى بەلگىلىك نىسبەتتە قوبۇل قىلىدۇ ياكى تەكلىپ قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى دۆلەت، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن نامرات ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەرنىڭ ئۆز جايىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش، تەكلىپ قىلىش نىسبىتى كېڭەيتىلىدۇ.
       ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇش سالمىقى زورايتىلىدۇ
       مۇخبىر: ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈرىنى يولغا قويۇش سالمىقى قانداق زورايتىلىدۇ؟
       مەسئۇل كىشى: ‹‹يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش پىلانى›› داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ ھەم كۆلىمى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدۇ. ‹‹ئىستۇدېنتلارنىڭ غەربىي رايونلارغا پىدائىي مۇلازىمەت قىلىش پىلانى››غا شىنجاڭلىق ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ مەھەللە ۋە كەنتكە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ، 2012 – يىلىغىچە ھەر يىلى 2000 سان كۆپەيتىلىپ، 2012 – يىلى ھەر بىر مەھەللىدە ئاز دېگەندىمۇ ئىككىدىن ئۈچكىچە ئىستۇدېنت بولۇش، ھەر بىر كەنتتە بىردىن ئىستۇدېنت بولۇش نىشانىغا يېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى›› ۋە يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش سانى كۆپەيتىلىدۇ.
       مۇخبىر: ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رولى قانداق قىلىپ تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ؟
       مەسئۇل كىشى: ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭىدىن قوبۇل قىلغان خادىملار ئارىسىدا ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ نىسبىتى %30 تىن كەم بولمايدۇ. شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ياردەم بېرىش تۈرىگە ۋە شىنجاڭغا جەلپ قىلىنغان كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنى پائال قوبۇل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.
       مۇخبىر: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىغا قاتنىشىشىغا قانداق ئىلھام بېرىلىدۇ؟
       مەسئۇل كىشى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇن ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ پىراكتىكا قىلىدىغانلارنى جىسمانىي تاسادىپىي يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك. پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇننىڭ پىراكتىكا قىلىدىغانلارغا بەلگىلىك نىسبەتتە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇننىڭ پىراكتىكانتلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، پىراكتىكا مەزگىلى توشماي تۇرۇپلا پىراكتىكانتلار بىلەن ئىككى يىلدىن كۆپ مۆھلەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەن ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرغان بولسا، قېلىپ قالغان مەزگىلدىكى پىراكتىكا قوشۇمچە ياردەم پۇلى پىراكتىكا قىلغان ئورۇنغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
       مۇخبىر: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە قانداق ياردەم بېرىلىدۇ؟
       مەسئۇل كىشى: تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ خۇسۇسىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرگە ‹‹ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى ئەنگە ئېلىش›› تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئەنگە ئېلىش مەزگىلى بىر يىل بولىدۇ، ئۇلاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.
       تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەنلەردىن ئۈچ يىلغىچە يەرلىك باج ئېلىنمايدۇ
      مۇخبىر: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ئىگىلىك تىكلىسە، باجدا قانداق ئېتىبار سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدۇ؟
       مەسئۇل كىشى: تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ خۇسۇسىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئۈچ يىلغىچە يەرلىك باج ئېلىنمايدۇ، كېيىنكى ئىككى يىلدا يەرلىك باج كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ. كارخانا ۋە خۇسۇسىي سودا – سانائەتچىلەر ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى شۇ يىلى ئىشقا قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن كۆپ مۆھلەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزسە ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرسا، بەش يىلغىچە ئەمەلىي قوبۇل قىلغان ئادەم سانىغا قاراپ، يەرلىك

    اج ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 4000 يۈەنلىك چەك بويىچە كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككىۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدىغان باج چېكى يەنە %20 ئۆستۈرۈلىدۇ.
      مۇخبىر: ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئالسا قانداق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؟
       مەسئۇل كىشى: تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ خۇسۇسىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۇلارغا 100 مىڭ يۈەن قەرز پۇل بېرىلىدۇ؛ ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلغانلار ياكى تەشكىللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولسا، كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان قەرز پۇل 100 مىڭ يۈەندىن، ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىلىدۇ. قەرزنى قايتۇرۇش مۆھلىتى ئۈچ يىل بولىدۇ، قەرەلى توشۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، يەنە بىر يىل ئۇزارتىپ بېرىلىدۇ. قەرز قايتۇرۇش مەزگىلىدىكى قەرز پۇلغا ئۆسۈم قوشۇپ بېرىلىدۇ، ئۇزارتىلغان ۋاقىتقا ئۆسۈم قوشۇپ بېرىلمەيدۇ. ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر باشقا شەكىل بىلەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئوخشاش ئۆسۈم قوشۇپ بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلەپ قەرز پۇلنىڭ ۋاقتىدا قايتۇرغان ھەم ئۈچتىن كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، ئۇلار ئىككىنچى قېتىم ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئېلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
    (مۇھەررىر : ئامانگۈل )

    分享到:

1056551709QQ