بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خادىملارنىڭ شىتاتىنىڭ بار يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى - [ئۇچۇرلار]

    2011/01/11

    ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خادىملارنىڭ شىتاتىنىڭ بار يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

    يېقىندىن بۇيان كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتى ۋە قانۇنلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمىتىنىڭ خاراكتىرى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، شۇ سەۋەبتىن قىسمەن خادىملار ئۆزلىرىنىڭ شىتاتىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلەلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت، بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ھۈكۈم قىلسىڭىز خاتالاشمايسىز.

    يەنى شىتاتلىق خادىملارنىڭ پىنسىيە پۇلى دۆلەت مالىيىسىدىن كىلىدۇ، شىتاتى يوق خادىملار چۇقۇم ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ياشانغاندا پىنسيە تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلالايدۇ. دۆلەت ئورونلىرىدىكى شىتاتلىق خادىملارغا تېخى ياشانغادا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يولغا قۇيۇلمىدى، دۆلەت كەسپىي ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان خادىملار ئۆزىنىڭ مائاش جەدىۋىلىدىكى تۇتۇلغان پۇللارنىڭ تۈرىگە قاراپ شىتاتىنىڭ بار يوقلىقىغا ھۈكۈم قىلسا بولىدۇ.   شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ   مائاش جەدۋىلىگە قارىسىڭىز مائاشىڭىزدىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى،  ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققى تۇتقان بولسا( تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارلىنىش سۇغۇرتىسىنى شەخىسلەردىن تۇتمايدۇ، ئورۇن ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدۇ) سىز شىتاتلىق بولغان بولىسىز، ياشانغادا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى قۇشۇپ تۇتقان بولسا سىزنىڭ شىتاتىڭىز يوق بولغان بولىدۇ.

    مائاش جەدىۋىلىڭىزگە قاراپ بىلەلمىسىڭىز ئۆزىڭىز سۇغۇرتا نۇمۇرىڭىز ئارقىلىق تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

    分享到:

    评论

  • ئۇنداقتا مىنىڭمۇ شىتاتىم باركەن. تۈمۈر تاۋىقىم .
    wulkan回复baydadam说:
    ياخشى بوپتۇ قېرىدىندىشىم، بۇنى كۆپىنچە كىشىلەر بەك بىلىپ كەتمەيدىكەن شۇسەۋەب بىلەن يېزىپ قويغان.
    2011-01-17 10:44:22
1056551709QQ