-
بىر كارخانىنى روناق تاپقۇزۇشتىكى تەدبىرلەر - [كارخانلارنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش]
2011/01/07
بىر كارخانىنى روناق تاپقۇزۇشتىكى تەدبىرلەر
ئادەتتە بىر شىركەتنىڭ تەقدىرى نۇرغۇنلىغان تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، بىر شىركەتنى قۇرغۇچى بىر شىركەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ بىر باشقا ئېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بىر شىركەت نۇرغۇنلىغان خادىملاردىن تەركىپ تاپقان بۇلىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن شۇ خادىملار شىركەتكە ۋاكالىتەن شىركەتنىڭ مەنپىئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە سىز ئىشلەتكەن خادىملارنىڭ قايسى مەيداندا تۇرۇپ خىزمەت قىلىشى. شىركەتكە ھەقىقىي كۈيۈنۈپ، شىركەتنىڭ مەنپىئەتىنى ئۆز مەنپىئەتى دەپ بىلىپ خىزمەت قىلىش بىلەن كۈن ئۆزتكۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شۇنداقلا شىركەتنىڭ مال مۈلكىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەنپىئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى، ھەممىزگە ئايانىكى، شىركەت خادىملىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، ئىش بېجىرىشى ئىقتىدارى ،سەمىيىتى بىۋاستە شىركەتنىڭ ئوبرازىغا بېرىپ تاقىلىدۇ ۋە بۇ بىر شىركەتنڭ تەقدىرىگە ناھىيتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ناھايىتى تىزلا ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىكى مۇھىم ئامىل،قانداق قىلىپ شۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ شىركەتنى ئۆز ئائىلىسى دەپ بىلىپ، ئۆزىنىڭ بارلقىنى شىركەت ئۈچۈن سەىپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش.
بۇنىڭ ئۈچۈن شىركەت قۇرغۇچىلار قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا خادىملارنى بارلىقى بىلەن شىركەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىلغىلى بولىدۇ؟
مىنىڭچە تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقىتغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1- شىركەت ئۈچۈن خادىم قۇبۇل قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
1) قارىغۇلارچە خادىملارنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسىنى قوغلاشماڭ، مۇھىمى ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغان قاراڭ، چۈنكى ئۇنۋان بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا ۋەكىلىك قىلالمايدۇ.
2) شىركىتىڭىزگە ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى سۆرەپ كىرمەڭ، بىزنىڭ بىرقىىسىم دىرىكتورلىرىمىز شىركەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا ئۆز ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى قۇيۇۋېلىشقا ئامىراق، بۇنداق بولغاندا كۆپىنچە ھاللاردا ياخشى بولغان بىلەن، قىسمەن ئەھۋالدا شۇ سىز قويغان قېرىنداشلىرىڭىز ئۆز كىبىرىنى كۆرسىتىپ باشقلارنى مەنسىتمەيدىغان، باشقىلارنىڭ ياخشى تەكىلىپ- پىكىرلىرىنى باستۇرۋېتىدىغان، ئىشلارنى ئاقسىتىدىغان ئىشلاردىن خالى بۇلالمايدۇ، سىز قاتتىق تىگىپ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز سىزدىن نارازى بۇلىشى، ھەتتا ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىپ، بۇيان تارىتسا كالا ئۆلىدىغان، ئۇيان تارىتسا ساپان سۇنىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
3) تەكلىپ قلماقچى بولغان خادىم بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىپ بېقىڭ.
ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى بىلگىلى بۇلىدۇ، پىكىر تىمىسى كەڭ دائىرلىك بولسۇن ، مۇھىمى شۇ ئادەمنىڭ مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىش كۆز قارشىنى ۋە ئۇسۇلىنى تەھلىل قىلىپ بېقىڭ، بۇ ھەر ئىككىلا تەرەپكە ياخشى.
4) ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنىنى ۋە خىزمىتىدىن نىمە ئۈچۈن ئايرىلغانلىقىنى بىلىپ بېقىڭ. بۇ ئارقىلىق شۇ خادىمنىڭ خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيسى ۋە خىزمەت تەجىربىسىنى بىلگىلى بولىدۇ، ھەممىدىن ئاغىرنىپلا يۈرۈيدىغانلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ، بۇلارنى رازى قىلماق تەس، سىز تازا ئېھتىياجىلق ۋاقىتتا بىر باھانە سەب تېپىپ سىزنى تاشلاپ كىتىپ قېلىشى مۇمكىن.
5) ئىقتىدارسىز خوشامەتچىلەرنى ئەتىراپىڭىزغا توپلىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ پىسخكىسىدا ھۆرمەتلىنىش، ماختىنىش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ بۇلىشى تەبىئىي ئەھۋال، بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىز ئىقدىسادى مەنپىئەت بەلكى خوشامەت ئەمەس، خوشاماتچىلەرنىڭ قولىدىن سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئەمەس بەلكى ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قالىسىز، چۈنكى بۇنداقلار ئەتىراپىڭىزدىكى ئىقتىدارلىقلارنى بايقىشىڭىزغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكى توسالغۇ بۇلغىنى بولغان.
خادىم ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تگىشلىك ئىشلار:
1) خادىملارنىڭ خىزمەت ئورنىغا قاتتىق چەك قۇيۇۋالماڭ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارى، بىلىمى، قىزقىشى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن باشقىلارنى ئۆزى خالىمىغان ئىش قىلدۇرسىڭىز خالاپ قىلغانغا قارىغاندا ئۈنىمى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئىش ئورنىنى خادىملارنىڭ ئاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئەھۋالغا قاراپ ئاكتىپ تەڭشەپ تۇرۇڭ.
2) خادىملارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا دىققەت قىلىڭ. بىر خىزمەتچىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئىش ھەققىنىڭ قانداق بۇلىشى ۋە قاچان تارقىتىلىشى ناھايىتى مۇھىم، ھەر بىر خادىمنىڭ ئۆزنىڭ مالىيە پىلانى بۇلىدۇ، ناۋادا سىز باشقىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تارقاتماي ئارقىغا سۈرىۋەتسىڭىز،خادىملارنىڭ شەخسىي مالىيە پىلانى قالايمىقانلىشىپ، شۇ خادىمنىڭ ئىقدىسادىدا ئۈزۈلۈش كىلىپ چىقىپ بىۋاستە ئائىلىسىنى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىسىز، بۇ ۋاقىتتا شۇ خادىملارنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ بۇلالمايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تۇلۇق تارقىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ.
3) شىركىتىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭلا ئەمەس بەلكى كۆپچىلىكىنىڭ شىركىتى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن ئىسپاتلاپ تۇرۇڭ. شىركەتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ئەلۋەتتە سىز، بىراق كۆپچىلىككە بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىىنىڭمۇ شىركىتىدەك تۇيغۇ بېرەلىسىڭىز بۇسىزنىڭ مۇۋافىقيتىڭىز، ئادەم ھامان شەخسىيەتچى كىلىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۆز ئىشىنى جان كۆيدۈرۈپ قىلىدۇ، شۇڭا ھەرخىل ئاماللار بىلەن شىركىتىڭىزنى كۆپچىلىك تەڭ كۈچ چىقىرىدىغان خەلقنىڭ شىركىتىگە ئايلاندۇرۇڭ. شۇندىلا بوران چاپقۇندىن ئوڭۇشلۇق ئۈتەلەيسىز.
4) خادىملارنىڭ پارانلىق ئىشلىرىنى كۈچىڭىزنىڭ يىتىشىچە ياخشىلاشقا تىرىشىڭ.
گەرچە بۇ ئورۇن كىچىك بولىسمۇ، خىزمەتچىللىرىڭىزگە كىيىنكى ئۆمرىگە بولغان ئەندىشسىدىن خالى قىلالىسىڭىز، خادىملىرىڭىز باشقا ئىشلاردىن ئارتۇق غەم يىمەي سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا خاتىر جەملىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەن خادىملار سىزدىن بىزار بۇلىشى، ھەتتا سىزنىڭ مەنپىئەتىڭىزنى ھەرخىل يوللاربىلەن زىيانغا ئۇچىرتىشى مۇمكىن.
5) خادىملىرىڭىزنى ئۆز شىركىتىڭىزنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلاندۇرۇڭ. دۆلىتىمىز قانۇنى بويىچە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىللىرى 2-50 كىچە بولسا بۇلىدۇ، سىز خادىملىرىڭىزنى شىركەتكە پاي قۇشتۇرۇپ، پاي نىسبىتى بويىچە يىل ئاخىرىدا ياكى ئايدا پايدا تەقسىم قىلىپ بەرسىڭىز، خادىملىرىڭىز ئۆزلىرىنى شىركەتنىڭ پايچىللىرى شۇنداقلا خوجايىنلىرى ھىسابلايدۇ، زىيان بولسا شۇلارغىمۇ بۇلىدىغان بولغاندىكىن ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن شىركەتكە كۈچ چىقىرىشقا تىرشىدۇ، سىزمۇ خادىملىرىڭىزنىڭ پۇلى ئارقىلىق مالىيە قىيىنچىلىقىنىڭزنى ھەل قىلىلالايسىز. لىكىن بۇيەردە تۈزۈم قاتتىق، پايدا- زىياننىڭ تۇلۇق ھەقىقىي ئايرىلىشىغا بەك دىققەت قىلىڭ.
6) شىركىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۇراقسىز ئىش تۈزىمى ۋە ئۇنۋېرسال ئش تۈزىمى قوللىنىڭ. بۇنىڭ ياخشى تەرپى، ئىش جىدىي ۋاقىتتا خادىملار ئۇدا ئىشلەپ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ، جددىيلىك تۈگگەندە ئارام ئالدۇرۇپ، مۇقىم سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزىمىگە رىئايە قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، شۇنداقلا سېمىنا ئىش ھەققىدىن قۇتۇلۇپ قالالايسىز.
7) ئۈنۈم ئىش ھەققىنى يولغا قۇيۇڭ. خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆتمۈشتىكى ئۈلۈك ئىش ھەققىنى چۆرىۋتىپ،ئىشلىگىنىگە قاراپ ھەق بىرىشنى قوللىنىپ، خىزمەتچىلەرنڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاڭ.
8) قائىدە تۈزۈملەرنى كوللىكىتىپ مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈڭ ۋە ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بۇلۇڭ. كۆپچىلىك بىلەن مەسلىھەتلىشىپ چىقارغان قارارنىڭ قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرى تۈزىگەن تۈزۈمگە ئۆلىرى رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق ئىجراقىلىشتا ئادىللىق، ھەقىقەت ئەكىس ئەتسۇن، تەدبىقلاشتا باراۋەر بۇلۇڭ، قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ، شۇندىلا باشقىلارغا يۇچۇق قالمايدۇ.
9) خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمىشىغا كۈڭۈل بۈلۈڭ. بەزى ئىشلارنى سىز ئۇلارغا ھەل قىلىپ بېرەلمىسىڭىزمۇ بىراق پات- پات ئەھۋال سوراش. كۈڭۈل بۈلۈش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ سەمىيىتىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ، خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھىم كۈنلىرىگە ئەھمىيەت بېرىڭ ۋە تەبرىكلەپ تۇرۇڭ، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنى تەنقىدلەڭ بىراق غۇرۇرىغا تەگمەڭ ھەم ئادەۋەت ساقلىماڭ. تۆھپىسىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەغدىرلەپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، تەنقىدلەش ئاز ئەمما ساز، رىغبەتلەندۈرۈش كۆپ بولسۇن.
10) خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنى بايقاشقا ماھىر بۇلۇڭ. سىزنىڭ مەقسىدىڭىز باشقىلارنى ئۆزنىڭز ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇپ ئۇلار ئارقىلىق ئىقدىسادىي مەنپىئەتكە ئېرىشمەكچى، شۇنداق بولغان ئىكەن خادىملارنىڭ ئىقتىدارىغا ھۆرمەت قىلىڭ، ئىقتىدارلىقلارنى رولىنى جارى قىلدۇردىغانغا پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىڭ.
يۇقارقىلار مىنىڭ ھەرخىل كارخانلارنى باشقۇرۇش جەرياندا ھىس قىلغانلىرىم، مۇۋافىق كۆرسەڭلار قوللىنىپ سىناپ باقساڭلار بۇلىدۇ،بۇ ھەقتىكى تېخمۇ ياخشى پىكىرلەر بولسا ئايىماي ئوتتۇرغا قۇيۇڭ، شۇنداق بولغاندا تېخمۇ مۇكەممەلىشىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر نەپ ئالغۇسى.
بۇنىڭ داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
باشقا توربەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

评论