بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتى توغرىسىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ، كومىتېت مەسئۇللىرى داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى بەش قىزىق نۇقتا توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى - [ئۇچۇرلار]

    2010/12/31

    دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سەھىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى 24 – دېكابىر 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى بەش قىزىقنۇقتا توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

      ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىدە شەھەر، يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قانداق تۈگىتىلىدۇ؟

      سوئال: ھازىر شەھەر، يېزا ۋە رايونلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ، داۋالاش ئىسلاھاتى تۈزۈمى ئوخشىمىغان مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇۋاتىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارداۋالاش ئىسلاھاتىنىباشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە قانداق ئويلاشتى؟

      ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى: ھازىر ئاساسەن مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىكى تەدبىرنى قوللاندۇق: سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى باشقۇرۇش جەھەتتە، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقىنى ئامالنىڭ بارىچەتۈگەتتۇق. مەسىلەن: ئەركىن ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىشلەۋاتقان جايدىكى شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىشنى ئىختىيارىي تاللىسا بولىدۇ.

      ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما پۇلى ئۆلچىمى جەھەتتە، شەھەر بىلەن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئوخشاش سىياسەت چىقىرىلدى، مەركەز مالىيەسىدىن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ھەر بىر كىشىگە ھەر يىلى 60 يۈەن ئۆلچەمدە ياردەم پۇلى بېرىلدى.

      تەمىنات سەۋىيەسى جەھەتتە، ئۈچتۈرلۈك سىياسەت سەۋىيەسىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئېغىر ئاغرىق ۋە كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى بۇ يىل%75 كە يەتكۈزۈلدى. يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ۋە ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىمۇ بۇ يىل ئاساسىي جەھەتتىن %60 كە يەتكۈزۈلۈپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن بولغان پەرقى كىچىكلىتىلدى.

      ئالاقىدار باشقۇرۇش مۇلازىمىتى جەھەتتە، شەھەر بىلەن يېزىلارنى جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى. مەسىلەن: ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپداۋالىنىشتا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ھەققى تەڭ قەدەمدە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، داۋالىنىش خىراجىتىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىشمۇ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

      ئۈچ يىلدىكى 850 مىليارد يۈەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەبلەغ ‹‹قانداق خەجلەندى؟››

      سوئال: ھازىرغا قەدەر، يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتىغا يېڭىدىن 850 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بولۇپمۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشقاتېگىشلىك 331 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ نۇقتىلىق قايسى جەھەتلەرگە ئىشلىتىلدى؟

      مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شيې شۈرېن: بۇئىككى يىلدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېببىي دورا، سەھىيە مەبلىغىئاساسەن ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتىنى، يېزا سەھىيەسى ۋەشەھەر مەھەللە سەھىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلىتىلدى.

      ئاساسلىقى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىسۈرۈشكە 55 مىليارد 600 مىليون يۈەن، ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتىدا ئاساسىي دورا تۈزۈمىنىيولغا قويۇشقا ياردەم بېرىشتە 1 مىليارد يۈەن ‹‹مۇكاپات ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش›› مەبلىغى، ئاساسىي ۋە مۇھىم جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرلىرىگە ياردەم بېرىشكە 30 مىليارد 300 مىليونيۈەن، شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە 31 مىليارد 650 مىليون يۈەن، دۆلەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە 320 مىليون يۈەن، يەرلىكتە داۋالاش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى قوللاشقا 3 مىليارد يۈەنئىشلىتىلدى. «دوختۇرخانىنى دورىغا تايىنىپ بېقىش» بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى قانداق مەۋجۇت بولىدۇ؟

      سوئال: دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش چارىسىمۇكەممەل بولماسلىق،مەبلەغ ۋاقتىدا جايىغا بارماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتىغا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى قانداقمۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؟

      دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جىشىن: دۆلىتىمىزدىكى %50 تىنئارتۇق ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىدا ئاساسىي دورا تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، بۇ تۈزۈمنىڭئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى دورىنى پەرقسىز باھادا سېتىشتىن ئىبارەت. ‹‹دوختۇرخانىنى دورىغا تايىنىپ بېقىش›› مېخانىزمى تەلتۆكۈس ئىسلاھ قىلىنغانلىقتىن، ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرىم – چىقىمىدا ناھايىتى چوڭ پەرق كۆرۈلدى.

      گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىكى تۇلۇقلىما بېرىش مېخانىزمىدا ئۈچ نۇقتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بېرىدىغان ھازىرقى مەخسۇس ياردىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇ مەخسۇس ياردەم ئاساسلىقىئاساسىي قۇرۇلۇش ۋە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش چىقىمى، خادىملارنىڭ خىراجىتى قاتارلىقلارنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلام داۋالىنىش سەھىيە ئاپپاراتىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدە ھەق ئېلىش تۈرلىرى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتا تۆلىمىسىياسىتىنى تەڭشەش. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ياردىمى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى تەڭشەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىملىق كىرىمى دائىملىق چىقىمنىڭ پەرقلىق قىسمىنى يەنىلا تولدۇرالمايدۇ، ھۆكۈمەت يىللىق خامچوتتا تولۇق سوممىلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

      ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتى پۇقرالارنىڭ قىزغىن تەقەززاسىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟

      سوئال: داۋالاش ئىسلاھاتىدا ھۆكۈمەت كۆپ مەبلەغ سالدى، ئەمما پۇقرالار بۇنى تولۇق ھېس قىلالمىدى، پۇقرالارنىڭ داۋالىنىشى يەنىلا ناھايىتى قىيىن ۋە قىممەت. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىدا كېيىنكى قەدەمدە قانداق تەسەۋۋۇر بار؟ ئاممىنىڭ «داۋالىنىش قىيىن ۋە قىممەت بولۇش» ئەھۋالىنى ھەل قىلىشتا يەنە قانداق كونكرېت تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ؟

      سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن جۇ: كېيىنكى قەدەمدە، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى ئىككى جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز: بىرىنچى، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئىشلارنى،باشقۇرۇش بىلەن بېجىرىشنى، دوختۇرخانا بىلەن دورىگەرلىك ئىشلىرىنى، تىجارەت خاراكتېرىدىكى بىلەن ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى دوختۇرخانىلارنى ئايرىپ، جەزمەن زور تۈزۈلمە، مېخانىزم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

      ئىككىنچى، بەزى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىنىداۋالاش ئىسلاھاتى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.( شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

    مەنبە :خەلىق تورى

    分享到:
    خەتكۈچ:

    评论

  • ئۇلىنىىش قىلىشمامدۇق بلوگىمنى رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ مەنمۇ قىلىپ قوياي http://filer.blogbus.com/4822854/resource_4822854_1289105525n.gif
    wulkan回复بايلىق说:
    بۇلىدۇ، ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم، بۇ مىنىڭ تۇغ ئادىرسىم:http://filer.blogbus.com/4745450/resource_4745450_12870428288.gif

    مىنىڭ بىلوگىم سىز نىڭ بىلوگ ئۇلنىشىڭىز دا يوقمۇ قانداق.
    2011-01-05 17:43:05
1056551709QQ