-
ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلسا قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2010/12/28
ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلسا قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلسا قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟
1. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سەۋەبىدىن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامى ئىناۋەتسىز بولۇپ، ئەمگەكچىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.2. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى ئەمگەك توختامىنىڭ تۈزۈلۈشىنى قەستەن كەينىگە سۈرسە، ئەمگەك مەمۇرىي ئورگانلىرى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان كەلتۈرگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
3. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالسا ياكى سەۋەبسىز كەينىگە سۈرسە ھەمدە ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتقاندىكى ئىش ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلسا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمگەكچىنىڭ بارلىق ئىش ھەققىنى تۆلەپ بەرگەندىن باشقا يەنە ئىش ھەققىنىڭ %52ىگە تەڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تولۇقلىما پۇلى بېرىشى كېرەك.
4. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە بېرىدىغان ئىش ھەققى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولغان قىسمىنى تولۇقلاپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تۆۋەن قىسمىنىڭ %25گە تەڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تولۇقلىما پۇلى بېرىشى كېرەك.
5. ئەمگەكچىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، زەخىملىنىش ۋە مېيىپلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە بىنائەن داۋالىنىش ھەمدە باشقا سۇغۇرتا تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
6. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تېخى بىكار قىلىنمىغان ئەمگەكچىنى ئىشلىتىپ، ئەسلىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەن بولسا، بۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
7. خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئەمگەكچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلارغا ياكى ئەمگەكچىگە زەربە بېرىپ ئۆز ئالغانلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
