-
كارخانىلار ياشانغاندا كۈتۈنۇش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىسا ئىشچى-خىزمەتچىلىرگە قانداق زىينى بار؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2010/12/10
كارخانىلار ياشانغاندا كۈتۈنۇش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىسا ئىشچى-خىزمەتچىلىرگە قانداق زىينى بار؟
(مەن كارخاندا ئىشلەيمەن ،شۇنى سوراپ باقسام، ئەگەر كارخانىمىز ياشانغاندا كۈتۈنۇش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىسا ياكى ئاز تاپشۇرسا ،ماڭا قانداق زىينى بۇلىدۇ؟)
جاۋاپ:<<گوۋۇيۇەننىڭ بىرلىككە كەلگەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ياشانغانداكۈتۈنۇش سۇغۇرتا تۈزىمىنى ئورنىتىش قارارى>>([1997]26-نۇمۇرلۇق)ھۆججىتىدە:شەخسىلەر ئىش ھەققىنىڭ ٪11نى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئاساسى ياشانغاندا كۈتۈنۇش سۇغۇرتىسى شەخىسى سىچوتى قىلىپ تۇرغىزىش كېرەك . شەخىسلەر تاپشورغان ھەقنىڭ ھەممىسى شەخسى سىچوتقا كىرگۈزۈلدۇ. قالغان قىسىمى كارخانىلار تاپشۇرغان قىسىمدىن ئايرىۋېلنىدۇ. ئىشچى خىزمەتچىلەر پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ياشانغان كۈتۈنۈش شەخسى سىچوت پۇلىنىڭ تارقىتىلىش ئۆلچىمى يەنى شەخسى سىچوت ئومۇمىي جۇغلانمىسىنى 120 گە بۆلىمىز. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى كارخانىلار ۋاقتىدا تاپشۇرمىسا، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسى سىچوت ئامانىتىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭ كونكىرىت زىيىنى بىرىنچىدىن، ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئورگىنى شەخسى سىچوتنى ھېسابتا خاتىرلەشنى توختىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شەخسى سىچوتنىڭ ئامانىتى ئازلاپ كېتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، شەخسى سىچوت زاپىسنىڭ ئۈسۈمى ۋە ئومۇمىي سوممىسىمۇ ماس ھالدا ئازلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى ياشانغاندا كۈتۈنۇش پۇلىنىڭ ئازلاپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بەزى كارخانىلار سۇغۇرتا پۇلىنى ئاز تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي ئىش-ھەققى سوممىسىنى يۇشۇرۇپ ئاز مەلۇم قىلىدۇ، بەزى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھازىر ئاز تاپشۇرۇپ، پىنسىيىگە چىقىشىقا ئاز قالغاندا ئاندىن جىق تاپشۇرسام زىيان تارتمايمەن دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش ئەمەليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى <<گوۋۇيۇەننىڭ بىرلىككە كەلگەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ياشانغانداكۈتۈنۇش سۇغۇرتا تۈزىمىنى ئورنىتىش قارارى>>([1997]26-نۇمۇرلۇق)ھۆججىتىدە شۇنى ئېنىق بەلگىلىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۇش پۇلىنىڭ سەۋىيىسى پۈتۈن سۇغۇرتا تاپشۇرۇش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەلۇم مەزگىلدىكى يۇقىرى سەۋىيىدە تاپشۇرۇش بىلەن پىنسىيە پۇلى سەۋىيىسىگە روشەن تەسىر كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. ئىجتىمائى سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇش ئاساسىي قانۇننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئاتا قىلغان ھوقۇقى. شۇڭىلاشقا ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر كارخىلارنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاقتىدا تۇلۇق تاپشۇرۇشقا نازارەتچىلىك قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدىشى لازىم.
历史上的今天:
