-
ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلەر - [ئىگلىك تىكلەشكە دائىر سىياسەتل]
2009/06/16
1.ئىگىلىك تىكلەش دىگەن نىمە؟
جاۋاب: ئىگىلىك تىكلەش دىگىنىمىز ئەمگەكچى ئۆزكۈچىگە تاينىپ بەرپاقىلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋەمۇلازىمەت تۈرلىرى، كارخانا ياكى خۇسۇسىي تجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بازار ئىگلىكىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت شەكىل.
2.ئاپتۇنۇم رايۇن قايسى كىشلەرنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ؟
جاۋاب: ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىلىرى، شەھەر -بازارلاردىكى ئىشسىز خادىملار، يۇرتىغا قايىتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر، مېيىپلار، يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار، ھەربىي سەپتىن قايىتقان خادىملار، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ ۋەتەنگە قايىتقان خادىملار قاتارلىق ھەرخىل خادىملارنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە قوللايدۇ.
3. ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىدە بازارغا كىرىشنى كەڭ قويىۋېتىش جەھەتتە قانداق بەلگىلىمىسى بار؟جاۋاب:<<ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرىنى سۈرۈش يولغاقۇيۇش پىكرى>> (ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ [2009]25-نۇمۇرلۇق ھۆجىتىتى) نىڭ 2-ماددا 4- تارمىقىدا: 1› ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىلىرى، شەھەر -بازارلاردىكى ئىشسىز خادىملار، يۇرتىغا قايىتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە مېيىپلار كىچىك كارخانا قۇرسا ياكى يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇلۇنۇپ كىچىك كارخانا قۇرۇشنى ياكى يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا " يېشىل يول" بىلەن تەمىنلەش، ماتىريالى تۇلۇق بولسا ،دەل ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىش؛ ماتىريالى تۇلۇق بولمىسا، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
2› ئىگىلىك تىكلىگۈچى خادىملار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرسا، تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى 3يىل ئىچىدە مۇددەتكە بۈلۈپ تاپشۇرسا بۇلۇدۇ، دەسلەپ تاپشۇرىدىغان كاپىتال كەڭ قويىۋىتىلگەن بۇلۇپ ئىلتىماس قىلغان كاپىتالنىڭ 20%نى تاپشۇرسا بۇلىدۇ. ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ قۇرۇلغان تىزىملاتقان كاپىتالنىڭ سوممىسى 100 مىڭ يۇەندىن تۆۋەن بولغان پەن تېخنىكا تىپىدىكى، مۇھىت قوغداش ئېنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرى، دەسلەپ چىقىرىدىغان كاپىتاك 10مىڭ يۇەنگە يەتسىلا تىزىملىسا بۇلىدۇ.
3› ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىلىرى پەن تېخنىكا ئېچىش كارخانىسى قۇرسا، تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغان پەن تېخنىكا تۈرلىرى ئىلتىماس قىلىنىپ، باھالانغاندىن كىيىن تەلەپكە لايىق بولسا، پەن تېخنىكا، تەرەققىيات ئىسلاھات ، مالىيە قاتارلىق تارماقلار تۈر تۇرغۇزۇشى ھەم زۈرۈر بولغان تەتقىقات خىراجىتىنى ئاۋال چىقىم قىلىپ بىرىشى لازىم. ھەرخىل بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقلىرى قانۇن بويىچە قانۇنلۇق ساھىيەتكە ئېرىشكەن باھالاش ئاپپاراتلىرى باھالىغاندىن كىيىن، كارخانىنىڭ كاپىتالى ۋە پېيى قىلىشقا بۇلىدۇ، بىراق قەغەز پۇل بىلەن چىقارغان كاپىتال شىركەت مەبلىغىنىڭ 30% دىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
4› ئىگىلىك تىكلەش تىجارەت سۇرۇننىنى كېڭەيتىپ، شەھەرسىز ئاساسلىق كوچا، ئائىلەتۇرۇشلۇق ئورۇن، ھويلا ئارام، ئىجارەئۆي، ۋقىتلىق سودا ئۆيى قاتارلىقلارنى ئىگىلىك تىكلەش تىجارەت سورىنى قىلىشقا بۇلىدۇ. يېزا-بازار ، كوچا، ئاھالە كومتىتى ئىگىلىك تىكلەش سورىنى بىلەن تەمىنلىشى ۋە ئېچىشى لازىم.
5› ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ ، كىچىك كارخاننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلەىرى سۈرىدىغان ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ئېتىبار بىرىش سىياسىتى تۈزۈشى كېرەك.4. ئىگىلىك تىكلىگۈچى خادىملار قايسى باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ؟
جاۋاب: :<<ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرىنى سۈرۈش يولغاقۇيۇش پىكرى>> (ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ [2009]25-نۇمۇرلۇق ھۆجىتىتى) نىڭ 2-ماددا 6- تارماق 1- تارماقچىسىدا : ئىگىلىك تىكلىگۈچى خادىملار كارخانا قۇرسا ، يېڭى << كارخانا تاپاۋات قانۇنى>> دىكى كىچىك تىپتىكى پايدىسى ئاز كارخانلارنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى يىغىشقا دائىر مۇناسىۋەتلىك بەلگىمىگە ئاساسەن 20% لىك باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچى خادىملار كارخانا قۇرغاندىن كىيىن ، ئۇمۇمەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئويغۇن كەلگەنلىرى، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ. << قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېتىبار كېنىشكىسى >> بولغان خىزمەت ئورنىدىن قالغان ئىشسىز خادىملار يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا، ھەربىرى ھەر يىلدا 8000 يۇەن قىمىتىدىكى شۇيىللىق ئەمىلىي تاپشۇرىدىغان تىجارەت بېجى، شەھەر قۇرلۇش قوغداش بېجى ، مائارىپ قۇشۇمچە خىراجىتى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ . مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشۇرۇش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىگە ئويغۇن بولغانلار ، بەلگىلىمە بويىچە كۆپەيمە قىممەت بېجى ،تىجارەت بېجى، كارخاناتاپاۋەت بېجى، سەخسىي تاپاۋەت بېجى قاتارلىق باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .5. ئىگىلىك تىكلىگۈچى خادىملار قايسى ھەق ئېلىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ؟
جاۋاب: :<<ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرىنى سۈرۈش يولغاقۇيۇش پىكرى>> (ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ [2009]25-نۇمۇرلۇق ھۆجىتىتى) نىڭ 2-ماددا 6- تارماق 2- تارماقچىسىدا: تىزىملاتقان ئىشسىز خادىملار، مېيىپلار ، ھەربى سەپتىن قايىتقان ئەسكەرلەر ۋە ئوقۇش پۈتتۇرگىنىگە 2 يىلدىن ئاشمىغان ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىلىرى، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، سودا سانائەت تارماقلىرىغا تۇنجى تىزىملاتقان باشلاپ 3 يىل ئىچىدە، باسقۇرۇش تۈردىكى، تىزىملاش تۈردىكى ۋە كېنىشكە تۈردىكى مەمۇرىي كەسپىي تۈردىكى ھەرخىل ھەقلەر ئېلىنمايدۇ .
