-
ئاكا سىز نەدە ئىشلىگەن - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]
2009/06/17
ئاكا سىز نەدە ئىشلىگەن
ئەتتىگەندە ئىدارىگە چىقىپ زىرىكىشلىك بولغان كۈندىلىك كونا خىزمىتىمنى باشلىدىم. كەيپىياتىم ناھايىتى سۇس ئىدى، چۈنكى كېچىچە قارا بېسىپ ياخشى ئۇخلىيالمىغاچقا ، بېشىم ناھايىتى ئېغىر بۇلۇپ ھىچنىمىنى خىيال قىلىشنى، بىرەر سىنىڭ ئاۋەرە قىلىشىنى قەتئىي خالىمايتىم. بىراق مىنىڭ دەردىمنى ھىچكىم چۈشەنمەيتى، ھەم ئۇنداق دىېسەم ھىچكىم ئىشەنمەيتى، بۈگۈن كەيپىياتىم بەك ناچار دېسەم بۇنڭغا ئىش خوشياقماي قاپتۇ، بېرىپ ئانىسىنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالىسا بولمامدۇ دىيىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى ھەي ئامال يوق .
ئىشخانا ئىشكى چىكىلدى ، ئىشىك ئۇچۇق ئىدى ، قائىدە بويىچە ئىشخانا ئىشىكىنى يېپىپ قۇيۇشقا بولمايتى. كىرىڭ ، قارىسام بىرتۈركۈم خەنزۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىكەن.
نىمە ئىش بىلەن كەلدېڭلار؟
بىز ئىشلىگەن مائاشىمىزنى تارقىتىپ بەرمىدى .
قايسى ئورۇنغا ئىشلىگەن ؟
xx شىركەتكە ئىشلىگەن .
قايسى قۇرلۇشقا ئىشلىگەن ئىدىڭلار ؟ جەمئىي قانچە ئادەم ؟
Xx ئولتۇراق رايۇنى قۇرلىشى ئىدى، جەمئىي 31ئادەم .
جەمئىي قانچە پۇلىڭلارنى بەرمىدى ؟
230000مىڭ يۇەن ئىدى ، بىز ھازىر يۇرىتقا قايىتماقچى ئىدۇق، تاماق يىگىدەكمۇ پۇل يوق، تۇرىدىغان يېرىمىز ئەسلىي يوق، تىزدىن ھەل قىلىپ بەرسەڭلار .
بۇلىدۇ ، ئاۋال ئىلتىماس يىزىپ كېلىڭلار ، يازغاندا تەپسىلىيرەك بولسۇن ، مەسلەن : ۋاڭ نەچچە يۇەن ،جاڭ نەچچە يۇەن ، قاچاندىن قاچانغىچە، قايسى شىركەت قايسى تۈر قاتارلىق.
بولىدۇ رەخمەت بىز دەرھال يازايلى .
بۇلار چىقىپ كىتىشتى،ئىشخانا سېسىق پۇراقنىڭ دەستىدىن تۇرغۇسىز بۇلۇپ كەتتى، مەن دەرھال دېرىزە ئىشىكلەرنى چوڭ ئېچىۋەتتىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
قارىسام بىر 45-50 ياشلار ئەتىراپىدىكى ، كىيىملىرى رەتسىز، يۈزكۆزلىرى توپاچىراي بىر ئاكىمىز ئىكەن . بىر ۋەئەليكۈم ئەسسالام ، كېلىڭ ئولتۇرۇڭ ، نىمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز؟
ئۇكام مەن قارىقاشىتن كەپتىم ، مۇشەدە ئىشلىگەن ، پۇلىمنى بەرمىدى ئەمەسما، تېخ ئۇگۇي يوقال نەگە بارساڭ بار دەيدۇ.............. كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۈكۈلگىلى تۇردى.
ئاكا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، ئالدىرماي ئىنكاس قىلىڭ، بىزنىڭ ئالدىمىزغا كىلىپ توغرا قىپ سىز، نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز بار مۇشۇنداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرسا نەگە برشىنى بىلمەيدۇ، ھەم بىزگە ئىشەنمىگەنكىتىن مىكىن كەلمەيدۇ . قايسى ئورۇندا ئىشلىگەنتىڭىز؟ دىىدىم مەن كەيپىياتنى ئوڭشاش ئۈچۈن .
بۇئاكىمىز ئەمدى بىر سۆزلەشكە تەمشىلىۋىدى، ياندىكى ئىشخانىدىن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاڭلاندى، كەينىدىنلا بىرخەنزۇ خىزمەتدېشىم كىرىپ ئابلىمىت خاپابولماي ياردەم قىلغان بولساڭىز ، مەن چۈشەندۈرسەم مىنىڭ گىپىمنى چۈشەنمەيدىكەن، سىز چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز دىدى . مەنمۇ ئارتۇق گەپ سۆز قىلماي ئاكا بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن چىقىپ كىرەي دەپ ، ئىشخانىنى خەنزۇ ئايال خىزمەت دېشىمغا تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتىم .
قارىسام 40ياشتىن ھالقىغان ئەر- ئاياللار ھەدەپ ئۇيغۇرچە سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ، باشقىلار بۇلار نىڭ نىمە دەۋاتقانلىقنى چۈشەنمىگەچكە ماتىرياللرىىغا قاراپ بىر نىمىلەر چۈشەندۈرۋېتىپتۇ.بىر- بىرىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىنىشمەيتى ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى . ھە ئاكا نىمە ئىش بولغانتى دىدىم مەن، ماڭا قاراڭ ئۇكام مەن كۈچادىن كەلگەن بىر ئورۇندا 20نەچچە يىل ئىشلىگەن ، كېسەل بۇلۇپ قالدىم ، كسەل پىنسىيىسىگە چىقاي دىسەم بايام بىرسى كىرىپ دەرىجەڭ توشمىدى دەيدۇ قاراڭ ھە! ، 20-30 نەچچە ياشلىق كىشىلەرنىڭ نەچچىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ توشقىنىنى كۆرگەن ، مىنڭ پۇتۇم سۇنغان تۇرسا دەرىجەم نىمىشقا توشمايدۇ؟ بۇلار غا ئوبدان بىر چۈشەندۈرۈپ قۇيىڭە مەن بىر پىنسىيىگە چىقىۋالاي ، دەپ ھاسىسىنى تاينىۋېلىپ ھەدەپ سۆزلىگىلى تۇردى . ماتىيالىنى ئېلىپ كۆرسەم ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش جەدىۋىلىدە بىرقىسىم ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان دەپ يىزىقلىق تۇراتتى، بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقانلار نىلا پىنسىيىگە چىقىرىشقا بۇلاتتى .
ئاكا بەلگىلىمە بويىچە سىزنىڭ دەرىجىڭىز توشمايدىكەن ، سىز پەقەت بىرقىسىم ئەمگەك ئىقتىدارىڭىزنى يوقىتىپسىز ،يەنە كۆپ قىسىم ئەمگەك ئىقتىدارىڭىز باركەن سىزنى پىنسىيگە چىقىرىشقا بولمايدۇ، پىنسىيگە چىقارسا بەلگىلىمىگە خىلاپ ،باياتتىن سىزگە مۇشىنى چۈشەندۈرۈپتۇ، دەپ ئۆزەمنىڭ بىلگىنى ۋە خىزمەت دېشىمنىڭ دىگەنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم.
بۇنى ئاڭلاپلا بۇئاكىمىزنىڭ تەرسالىقى تۇتتى ، سىنى ئويغۇر بولغاندىكىن مىنىڭ گىپىمنى قىلىپ قويار مىكىن دىسەم ، سەنمۇ مۇشىلارنىڭ گىپىنى قىلىسەنغۇ ھە ! زادى سەن نىمىلەرنىڭ غۇ گېپىڭ بىر ، مەن سىنىڭ ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلىمەن، ئاپتۇنۇم رايۇنغا بارىمەن، بېيجىڭغا بارىمەن. دەپ ھەيۋەقىلىغىلى تۇردى. ئاكا مىنىڭ ئۈستىن ئەرىز قىلىمەن دىمەي مۇشۇباھالاش نەتىنجىسىنىڭ ئۈستىدىن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ 60كۈن ئىچىدە، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز ياكى بىريىلدىن كىين بەلگىلىمە بويىچە قايتا باھالاتسىڭىز بۇلىدۇ دېدىم مەن چۈشەندۈرۈپ.
ياق قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمايمەن ، ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلىمەن دىدى . مەن قايتا – مەن سىزگە يامانلىق قىلمىدم باشقىلار دىگەننى چۈشەندۈرۈۋاتىمەن دەپ قايتا-قايتا چۈشەندۈرگەن بولساممۇ يەنىلا شۇ ، بولدىلا قانداق قىلساڭ قىلە دەپ قورسۇقۇم ناھىتى كۆپكەن ھالدا قايتىپ چىقتىم .
مائاشىنى ئالالمىغان ئاكىمىز ئورۇندۇنقنى ياراتماي يەردىلا ئولتۇرۇپ تاماكىسىنى چەككىلى تۇرۇپتۇ.
ساقلىتىپ قويدۇم ، سۆزىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ دىدىم مەن .
شۇ ئۇكام ئىشلىگەن پۇلىمنى بەرمىدى ئاڭلىسام مۇشۇيەر پۇلىنى ئالالمىغانلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ بىرەر مىش ، سىزمۇ ئوبدان بالىدەك قىلىسىز پۇلۇمنى ئېلىپ بېرىڭ ، ھازىر خۇتۇن – باللىرىمنىڭ يەيدىغان- ئىچىدىغىنى تۈگەپتۇ، مەن شۇلارغا پۇل ئەۋەتمىسەم بولمايدۇ.
بۇلىدۇ ، چۇقۇم پۇل ئەۋەتىسىز ، لىكىن بۇيەر ئورۇنلار بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىش ھەققى مەسىلىسى بولسا ھەل قىلىمىز، شەخىسلەر ئوتتۇرسىسىدىكى ئىشلارغا ئارلىشالمايمىز. سىز قايسى ئورۇنغا ئىشلىگەن ؟ دىدىم مەن .
ئۇقمايمەن ، شىياۋ لى دەمدۇ بىرسىگە .
قانچىلىك ئىشلىدىڭىز؟
يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق .
قايسى ئورۇننىڭ ئادىمى ، ئورنى نەدە ئىكەن ؟
كىمنىڭ بالىسىكىن بىلمەيمەن، ئاۋۇ ئالارغا ماڭىدىغان بىر يەردە ئىشلىگەن.
ئەمگەك توختامى ياكى باشقا ئىسپاتلار بارمۇ؟
يوق بىزگە ئۇنداق دىمىگەن .
قاچان ئىشلىگەن؟
ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا
قانچىلىك پۇلىڭىز بار ئىدى؟
10نەچچە مىڭ يۇەن .
ھۆججەت دەك بىرنەرسە قىلىپ بەرگەنمۇ؟
ياق .
تىلىفۇن نۇمىرى بارمۇ؟
بار مانا .
يىرتىلىپ ئەنبىجقى چىقىپ كەتكەن بىرقەغەزنىڭ پۇچىقىنى چىقاردى، خۇداغا شۈكرى ھەر ھالدا تاپقىلى بولىىدىغان ئوخشايدۇ دەپ بىرخىل ئۈمۈدلەنگەدەك بولدۇم دە ئالدىراپ تىلىفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ نۇمۇرىنى بېسىشقا باشلىدىم ، تىلىفۇن تۇرۇپكىسىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەندىم ، چۈنكى بۇنۇمۇر ئىشلىتىلمىگەن دەۋاتاتتى ، قايتا-قايتا ئۇرۇپ باقتىم يەنىلا شۇ ئاۋاز ھەي ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ! بىكاردىنلا مۇشۇ ئاكىمىزنىڭ قان تەرى بىكاربۇلار مۇ؟؟؟
ئورنىنى بىلەمسىز؟ بىلسىڭىز بىزنى باشلاپ بارامسىز؟
بىلىمەن ، ماقۇل.
مەن دەرھال باشلىققا ئىنكاس قىلىپ ئىدارىنىڭ ماشىنىسىنى بىزنى ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان قىلىپ، يەنە بىر خىزمەتدېشىم شۇ ئاكىمىز بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق. خېلى ماڭغاندىن كىيىن، مۇشۇ يەر شۇ دەپ بىر يەرنى كۆرسەتتى. بېرىپ قارىساق قۇرلۇش قىلغاندەك قىلمايتى، شۇنداق قىلىپ بىر قانچە ئورۇنغا باردۇق، ئەگەر بىرى شىركەت بۇلۇپ تېپىۋالغان بولسام شۇئاچىقىمدا قاتتىق بىر تەرەپ قىلماقچى ئىدىم ، لىكىن تاپالمىدۇق . كىيىن دەپ بىرىشىچە بىر كىچىك قۇرلۇشلارنى كۆتىرە ئېلىپ ئۇيەر بۇيەردە ئىش قىلىپ يۇرىيدىغان بىرسى ئىكەن، ھەم بۇيەردىكى قۇرلۇشنى قىلىپ بۇلۇپ باشقا جايغا كەتكەنمىش.
نىمە ئۈچۈن ۋاقتىدا مەلۇم قىلمايسىز ، شۇنچە ئۇزۇن بوپتۇ پۇل لازىم بولماي ئەمدىلىكتە لازىم بولدىمۇ؟
مەن بۇنداق يەرنىڭ بارلىقىنى بىلمىسەم ، شۇشىياۋ لى بۈگۈن بىرەي ئەتە بىرەي دېسە نىمە قىلالايتىم. ئۇكام ھازىر مۇشۇ پۇلنى ئالمىسام بولمايدۇ، قەتئى ئېلىپ بېرىڭ.
نەگە كەتكىنىنى بىلەمسىز ؟
مەن نەدىن بىلەي .
ئۇنداقتا قانداق ئېلىپ بېرىمەن ، ئامال يوق ،ئۇقىلغان قۇرلۇشنىڭ پۇللىرىنى بۇرۇنلا ئېلىپ بوپتىكەن، ئەمدى بۇ پۇلىڭىزنى كىمدىن ئالىمىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇنى بىلمەيمەن لىكىن ئالمىسام بولمايدۇ .
سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە قانۇن ساۋادى بار بىرەرسى بارمۇ ؟
ۋاي ئۇكام باللىرىمىمنى مەكتەپتىن ئاران چىقىرىۋالغان نەدىكى قانۇن ساۋات كەن ئۇ..
ئۇنداقتا مەندە ھېچقانداق ئامال يوق ، بۇبىر ساۋاق بۇلۇپ قالسۇن، ماۋۇ بىزنىڭ تەشۋىقات ماتىياللىرىمىز ھۇقۇقىڭىزنى قانداق قوغداشنى ئۆگنىۋالالايسىز.
ئۇكام ماڭا مۇنداق قۇرۇق قەغەزنىڭ لازىمى يوق ،ماڭا پۇل كېرەك.
كەچۈرۈڭ ئاكا مەندە باشقا ئامال يوق ، بولمىسا شۇ شىياۋ لىنى تاپقاندا كىلەرسىز دەپ كىتىپ قالدىم. ئۇ ئاكىمىز بىچارىلەرچە ياش تۈكۈپ قالدى ، نىمە چارە دۆلىتىمىزدە قانچىلىغان شىياۋ لى بار دەيسىز.
مانا بۇ بىزدىكى ساپا ، مانا بۇبىزدىكى ئاخماقلىق، مانا بۇ ئۆزىنى مەدىنيەتلىك ساناپ يۈرگەن مىللەتنىڭ بۈگۈنكى نامايەندىسى ، مانا بۇ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز ،بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قانداق بۇلار ھە ! مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بۇلىدۇ .
بۇ ماقالە ئەمىلىي بولغان ئىشلارنى ئاساس قىلىنغان .
مەن بۇنداق يەرنىڭ بارلىقىنى بىلمىسەم ، شۇشىياۋ لى بۈگۈن بىرەي ئەتە بىرەي دېسە نىمە قىلالايتىم. ئۇكام ھازىر مۇشۇ پۇلنى ئالمىسام بولمايدۇ، قەتئى ئېلىپ بېرىڭ.
نەگە كەتكىنىنى بىلەمسىز ؟
مەن نەدىن بىلەي .
ئۇنداقتا قانداق ئېلىپ بېرىمەن ، ئامال يوق ،ئۇقىلغان قۇرلۇشنىڭ پۇللىرىنى بۇرۇنلا ئېلىپ بوپتىكەن، ئەمدى بۇ پۇلىڭىزنى كىمدىن ئالىمىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ
بۇنى بىلمەيمەن لىكىن ئالمىسام بولمايدۇ .
سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە قانۇن ساۋادى بار بىرەرسى بارمۇ ؟
ۋاي ئۇكام باللىرىمىمنى مەكتەپتىن ئاران چىقىرىۋالغان نەدىكى قانۇن ساۋات كەن ئۇ..
ئۇنداقتا مەندە ھېچقانداق ئامال يوق ، بۇبىر ساۋاق بۇلۇپ قالسۇن، ماۋۇ بىزنىڭ تەشۋىقات ماتىياللىرىمىز ھۇقۇقىڭىزنى قانداق قوغداشنى ئۆگنىۋالالايسىز.
ئۇكام ماڭا مۇنداق قۇرۇق قەغەزنىڭ لازىمى يوق ، ماڭا پۇل كېرەك.
كەچۈرۈڭ ئاكا مەندە باشقا ئامال يوق ، بولمىسا شۇ شىياۋ لىنى تاپقاندا كىلەرسىز دەپ كىتىپ قالدىم. ئۇ ئاكىمىز بىچارىلەرچە ياش تۈكۈپ قالدى ، نىمە چارە دۆلىتىمىزدە قانچىلىغان شىياۋ لى بار دەيسىز.
مانا بۇ بىزدىكى ساپا ، مانا بۇبىزدىكى ئاخماقلىق، مانا بۇ ئۆزىنى مەدىنيەتلىك ساناپ يۈرگەن مىللەتنىڭ بۈگۈنكى نامايەندىسى ، مانا بۇ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز ،بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قانداق بۇلار ھە ! مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بۇلىدۇ .
بۇ ماقالە ئەمىلىي بولغان ئىشلارنى ئاساس قىلىنغان .

评论