-
مودا ( شىئېر) - [ئەدىبىي ئەسەرلەر]
2009/06/16
مودا ( شىئېر)
نېمە مودا بۇگۈن بىزدە كىيىش مودا
ئۈزۈلمەس توي ھەشەمەت يىيىش مودا
سېتىپ قاننى قاۋاقلاردا ئىچىش مودا
ئىككى نان تاپساق بىرىدە داپ چېلىش مودا
باشقا ئەلدە ئىكەن بىلىم ئېلىش مودا
مودا دەپ ياۋرۇپانى دوراپ باقتۇق
يېڭى رەخكە ياماقلىقنى ئۇلاپ باقتۇق
قاراچاچنى قىزىل سېرىق بوياپ باقتۇق
ئۇسۇرۇپ قويسا ئەتتىرمۇ دەپ پۇراپ باقتۇق
بىزدە ئىكەن باشقىلارنى دوراش مودا
قىزىل گۈل دەپ قاقاس چۆلنى كېزىپ يۈرسەك
بىلىپ بىلمەي ئەقلىمىزدىن ئېزىپ يۈرسەك
ئۆزىمىزنى گويا شىردەك سىزىپ يۈرسەك
ھايات قامۇسىغا بىز جىجىپ يۈرسەك
جاھان دەيدۇ جاھالەتتە قېلىش مودا
تورغا يولىغۇچى: ۋۇلقان
